ھەقىقىي نامى بىلەن كەنت ئەمەلدارىنى پاش قىلغان ئەر-خوتۇن ئۇجۇقتۇرۇۋېتىلدى
مۇخبىرنىڭ 5-ئاينىڭ 16-كۈنى، جياڭسۇ ئۆلكىسى شىنشى شەھىرىدىن ئىگىلىشىچە، 4-ئاينىڭ 16-كۈنى، مۇشۇ شەھەرنىڭ خېگو بازىرىدا قانلىق دېلو يۈز بەرگەن بولۇپ، جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ نەچچە ۋاقىتلىق جاپالىق ئىزدىنىشى نەتىجىسىدە ئاخىرى پاش قىلىندى.
ئىگىلىنىشىچە، جىنايەت گۇماندارى ليۇ فامىلىلىك (كەنت پارتكومىنىڭ سېكرېتارى) زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى شى فامىلىلىك بىلەن زىددىيەتلىشىپ قالغان، شى فامىلىلىك ليۇ فامىلىلىكنىڭ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئېيتىپ ھەقىقىي ئىسمى بىلەن دېلو مەلۇم قىلغان، شۇنىڭ بىلەن ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت تېخىمۇ كەسكىنلەشكەن. شۇنىڭ بىلەن ليۇ فامىلىلىك بىر نەچچە كىشىنى تېپىپ مەخپىي مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، سۈن فامىلىلىكنى ئۆزىنىڭ ئۆچىنى ئېلىپ بېرىشكە بۇيرۇغان.
سۈن فامىلىلىك 4-ئاينىڭ 14-كۈنى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ شى فامىلىلىك ۋە ئۇنىڭ ئايالىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن قېچىپ كەتكەن. جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ساقچىلىرى بۇ دېلونى تەكشۈرۈش داۋامىدا، ليۇ فامىلىلىكنىڭ كىچىككىنە زىددىيەت ئۈچۈن ئادەم يالاپ ئىككى كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقىنى بايقىغان.
نۆۋەتتە ، جىنايەت گۇماندارلىرى قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇ دېلو يەنە داۋاملىق تەكشۈرۈلمەكتە.
http://www.nur.cn/news/2013/05/121017.shtml
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-17 09:19 PM