ئىلنازە يوللىغان ۋاقتى 2013-5-21 05:27 PM
مەن بۇنى ھەرگىزمۇ بىر-بىرىمىزدىن قۇسۇر ئىزدەش قارىما ...
سىز ئارتۇقچە ئويلىنىپ كېتىپسىز، تېرىقچىلىقنى قىلىپ بولدۇق، مۆلدۈر سوققان ئېتىزلارنىمۇ ئاساسەن ئوڭشاپ بولدۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يەردىكى بەش مىڭ كىشىنىڭ كۆپ قىسىمى ئوقۇغۇچىلار، ئوقۇتقۇچىلار، دوختۇرلار، سېستىرالار، ساقچىلار، سوتچىلار، سودا-سانەئەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش، سۈپەت تەكشۈرۈش، مۇھىت ئاسراش....قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ خىزمەتچىلىرى، بۇ پائالىيەتتىكى ئەڭ مۇھىم بولغان مۇقامچىلىرىمىزلا دېھقانلار، بۇلارنىمۇ ئابلەت ئابدۇرېشىت رەئىس ۋاقتىدا مۇئاشلىق قىلىپ قويغان، بىر قىسىملىرى دۆلەتلىك ئارتىسلار قاتارىدىكىلەر.
ئەمدى نەچچە كۈن ئىچىدە، ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن دېھقانلارنىڭ يەرلىك مەشرەپلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
گەرچە ئىككى سائەت ئەتراپىدا ئىسسقتا ئۇسسۇل ئوينىغان بولساقمۇ، بۇ سورۇندا ئېتىزغا يۈگرەيدىغاندىن بىرسىمۇ يوق دەپ ئويلايمەن، ئەگەر قىرىق كۈن بۇرۇن بۇنداق پائالىيەت قىلغان بولسا بەلكىم دېھقانلىرىمىز ئۆكتە قوپقان بولار ئىدى.