toyota يوللىغان ۋاقتى 2013-5-21 02:23 AM
خاتالاشمىسام سىزمۇ ئارتىسقۇ دەيمەن ، بۇ يەردە ئارتىس ...
تىما نەدە ، ئىنكاس نەدە ، ھەر قانداق تىمىغا كىرىپلا قارىسا ياكى ئارتىسنى تىللاۋاتقان ، ياكى بىر-بىرىنى كاپىر-مۇناپىققا چىقىرىشىۋاتقان ، ياكى باشقا ئاللىقانداق تۈكى يوق گەپلەر . توغرا ،يېقىندىن بىرى خەلىق باھا بىرىۋاتىدۇ ، ھەم خەلىق شۇنداق قىلىشقا تامامەن ھەقلىق ، لىكىن خەلىق ھويلىسىغا چۈشكەن دەرەخنىڭ قاراڭغا سايىىسىنى ئاپتاپنى توسىۋالدىڭ دەپ تىللاشقا ئەمەس ، بەلكى شۇ دەرەخنى ياكى شۇ دەرەخنىڭ ئىگسىنى تىللاشقا بەكرەك ھەقلق ئىدى ، راستىنى ئېيىتقاندا يېقىندىن بىرى ئاتالمىش بىر ۋەتەنپەرۋەرلىك تىمىسىدىكى فىلىم تاس قالدى پۈتۈن ئۇيغۇر تورلىرىنى پارتىلتىۋەتكىنى ، ئوچۇق قىلىپ ئېيىتقاندا شۇ پارتىلتىۋەتكىنى تاس قالغانلار نەق ئاشۇ دەرەخنڭ قاراڭغۇ سايىسىنى تىللاۋاتقانلاردۇر ، يەنى ئۇلارنى خەلىقنىڭ ۋەكىلى دەپ ئاتاشنىڭ ئۆزىمۇ توغرا ئەمەس ، خەلىق دىگەن چوڭ ئۇقۇم ، چاق چاق قىلغىنى بولمايدۇ ، بۇنداق دىسەم مىنىڭ سەنئەت قارشىمنى ھەم مۇشۇ خىلدىكى ئىشلارغا بولغان كۆز قارشىمنى سورشىڭىز مۇمكىن ، مەن بۇلارنى ئالدىنقى بىر تىمامدا يوللىغان ‹ئۇيغۇر ئۈچۈن ›دىگەن ئىجادىي ناخشامدىن چۈشىنىۋېلىشىڭىزنى سورايمەن . بارلىق ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلانمىغان ۋەتەنپەرۋەرلىك ياكى مىللەتپەرۋەرلىك قۇرۇق گەپتىن باشقانەرسە ئەمەس !