ئېرىم ، مانا ئەمدى ئەرگە ئوخشىدىڭىز
( ھېكايە )
ئاياق تىۋىشى ئىشخانامنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كېلىپ توختىدى. ئىشىك چېكىلدى. ئىشىكنىڭ چېكىلىش تولىمۇ يىنىك تەبئى ئىدى.
-كېرىڭ.
-ئاسسالامۇ ئەلەيكۇم !
- ۋەئەلەيكۇم ئاسسالام، كېلىڭ. ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇڭ.- چوكان مەن كۆرسەتكەن ئورۇندۇققا بېرىپ تارتىنىۋىپقىنا ئولتۇردى.
-ئۆتكەنكى ئەسىرىڭىز بەكمۇ ياخشى چىقىپتىكەن ، ئاڭلاتقاندىن كېيىن ناھيىتى ياخشى ئىنكاسلار بولدى-دېدىم مەن ئاردىكى جىمجىتلىقنى بۇزۇپ.
-مەن قايىتاي ،ماۋۇنى كۆرۈپ باقارسىز-دېگىنىچە چىرايلىق قاتلانغان ئىش قەغىزىنى ماڭا بېرىپ چىقىپ كەتتى. ئۇنىڭ مېنىڭ ماختاشلىرىمنى ئاڭلىغۇسى ، بۇ يەردە ئۇزاقراق تۇرغۇسى يوقتەك قىلاتتى.
« ئەتراپىمدا يۈز بېرىۋاتقان قالايمىقانچىلىقلارنىڭ مېنى تەتۈر قىيناپ كېلىۋاتقىنىغا خىلى ۋاقىتلار بولۇپ قالدى. ھىچ قۇتۇلالمىدىم. ئوي-خىياللىرىم مۇرەككەپ . ھەر قانداق بىر ئايال ئېرىنىڭ يارىماس بولۇپ قېلىشىنى خالىمايدۇ.ئەرنىڭ يارىماس بولۇپ قېلىشى ئايالنىڭ ئەڭ چوڭ بەختسىزلىكى. يۇمشاق باش ئەرلەردىن ئاچچىقى يامان ئايال مىڭ ياخشى.
ساداقەتنى ، ۋاپانى ، سەۋرىنى ئۆزىگە ھەمرا قىلمىغان ئايال شەيتاننىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئوينايدۇ.ئېرىنى ھۆل قىشقا دەسسىتىپ ، ئۇنىڭ بۆكىگە جىگدە سېلىپ ياشايدۇ. گۇناھتىن قورقىمايدۇ، ھارامدىن يانمايدۇ. راستتىنى دېسەم ئاياللارنىڭ ئېزىقىپ كىتىشىدە ئەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى ئەڭ ئېغىر. ئەپسۇس،بەزى ئەرلەر پۇل ئۈچۈن بىر كۆزىنى يۇمۇۋىلىپ ياشاشقا كۆنۈپ قالغان چىغى، ئاڭلىق ئەرلەرلەر كۈندىن –كۈنگە كۆپۈيىپ كەتتى. ئېرىم مەن سىزنىڭ شۇنداق ئەرلەرنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ قالماسلىقىڭىزنى ، ھەر بىر ئىش ھەركىتىڭىزدە ئەرلىك جەزبىڭىزنى نامايەن قىلىپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. جېنىم ئىرىم ئېسىڭىزدە چىڭ ساقلاڭ ، يەرلا بولسا ئۇرۇق سېلىپ «ئايال»دىن ئىبارەت بۇ مېۋىنى چېچەك ئاچتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس، يەرگە لايىق ئۇرۇق بولۇشى، ئۇنى قانداق ئۈندۈرۈپ، قانداق ئاسراپ، قانداق ئۆستۈرۈشنى ، چېچەكلىتىپ مېۋە ئېلىشنى ئۆزىنى مەن ئەركەك دەپ ياشاۋاتقانلار بىلىشى،تەگى-تەكتى بىلەن چۈشىنىش كېرەك. قىسقىسى بارلىق مېھرىنى ئۆزىنىڭ خوتۇنىغا بېرەلىشى ، جايىدا ، ۋاقتىدا ئاتا قىلالىشى كېرەك. شۇندىلا قىزىل گۈل لەۋلەردە ئەمەس، يۈرەكلەردە پورەك ئاچىدۇ. مانا شۇنداق قىلالىغان ئەر خوتۇنىنى يۈرىكىدىن سۆيەلەيدۇ، سۆيۈلەلەيدۇ.ئەر-خوتۇنلارنىڭ بىر-بىرىگە بولغان چىن مۇھەببىتى ، ئىشەنچىسى بىر-بىرىدىكى كەملىكنى تولۇقلاپ بارىدۇ. مەن نۇرغۇن ئاياللار بېلەن مۇڭدىشىش ، پىكىرلىشىش جەريانىدا ئۇلارنىڭ يۈرىكىنىڭ ‹ ئېرىم، مانا ئەمدى ھەقىقى ئەرگە ئۇخشىدىڭىز ! › دەپ چۇقان كۆتۈرۈشكە نەقەدەر تەشنا ئىكەنلىڭىنى تۇنۇپ يەتتىم. دېمەك ئۇلارنىڭ قەلبى ئەرلىك مېھرىگە تەشنا!...»
مەن چوكاننىڭ يازمىسىنى ئوقۇپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە نىمىشقىكىن ئېغىر ئۇھ تارتتىم. بېشىمدىكى دوپپامنى شىرەسىمنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ قويۇپ، چەكسىز ئويلار قاينىمىغا غەرق بولدۇم. چوكاندىكى دادىللىق، دىت ، تەخىرسىزلىككە بولغان جىددى مۇئامىلە مېنى يەنە بىر قېتىم ئېغىر ئۇھ تارتقۇزدى. چوكان توغرا دەپتۇ ، خوتۇنىنىڭ مېڭىش-تۇرۇش، كىيىنىشلىرىگە ئىگە بولمىغان، ئەرنى قانداقمۇ ئەركىشى دېگىنى بولسۇن؟! ئەل كۈلسە كۈلمىگەن ، ئەل قايغۇرسا قايغۇرمىغان ئەركەكنى قانداقمۇ ئەركەك دېگىنى بولسۇن؟؟...قاچاندىدۇر بىر ۋاقىتتا ، قەيەردىدۇر بىر يەردە ئاڭلىغانلىرىم قۇلاق تۈۋىمدە تەكرارلىنىشقا باشلىدى.
- ئېرىم نېمە قىلىپ بەر دېسەم شۇنى قىلىپ بېرىدۇ.
-ئېرىم بەك ئاق كۆڭۈل گېپىمنى يىرمايدۇ.
-مېنىڭ كۈنۈم بەك تەس ، سىرتتا ئازىراقلا ئاۋارە بولۇپ قالسام ، كۆرۈدىغان كۈنۈم بار.
-ۋاي، ۋاي بىچارە . ئېرىمچۇ ماڭا بەك ئىشىنىدۇ، كەچ قالساممۇ توغرا چۈشىنىدۇ.
-ئىرىم مېنى بەك ياخشى كۆرىدۇ ، سىرتلاردا قونۇپ قالساممۇ سەۋەبىنى ئانچە سۈرۈشتۈرمەيدۇ.
-....
-...
« مانا بۇ بىزنىڭ ئاياللىرىمىز!» ، « مانا بۇ بىزنىڭ باللىرىمزنىڭ ئانىللىرى»، « مانا بۇ بىزنىڭ مىللىتىمىزنىڭ ئانىللىرى » ... بىر-بىرىدىن توقۇناق تۇيغۇلار مېنى ئىسكەنجىسىگە ئېلىۋالدى. ۋەھىمىلىك خىياللار تەتۈر قىيناشقا باشلىدى. « ئەر » ، « ئەركەك » توغرىسىدا قايتتا ئويلىنىشنىڭ تولىمۇ زۆرۈرلۈكىنى چۇڭقۇر ھىس قىلدىم. چوكاننىڭ يازمىسى ماگىنىت تۆمۈر پارچىسىنى ئۆزىگە تارتقاندەك مېنى ئۆزىگە تارتىۋالغانتى.
« بەلكىم ئەرلەر مەسئۇلىيەتسىز بولۇپ ، ئۆزلىرىنىڭ مەسئۇلىيەت، مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتقاچقا بىز ئاياللار ھەددىمىزدىن ئېشىپ كېتىۋاتقاندىمىز.ئەگەر ئەر كىشى ئايالىنىڭ ياكى ئاچا سىڭىللىرىنىڭ گۇناھ ئىشنى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە ئۇنى توسقان ئەيىپلىگەن ياكى بىر شاپىلاق سالغان بولسا،نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى –ھە؟ .لېكىن ئۇلار ئۇنداق قىلمىدى بەلكى مەزلۈمەلەرگە يامان نىيەتتە بولدى.شۇنداق قىلىپ ئەرلەر ئۆزىنى باشقۇرالمىغاچقا،ئاياللارنىمۇ ، ئاچا-سىڭىللىرىنىمۇ باشقۇرالمىدى.ئەرلەرنىڭ يۇمشاق باشلىقى قىز ئاياللىرىمىزغا تېپىلغۇسىز بىر پۇرسەت بولدى. مودا دېسە جان بىرىدىغان ، ئەر قېرىندىشىدىن ئەيمەنمەي ئۇياتلىق يەرلىرىنى ئېچىپ يۈرىيدىغان ، نامەرەمگە پىسەنت قىلمايدىغان بىر تۈركۈم قىز-ئاياللىرىم مەيدانغا چىقتى .
ئېھ ھەممىگە قادىر ئاللاھ، قەلىبىمىزنى پاكلاپ ، مۈشكۈلۈمىزنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگىن !پەقەت سەنلا شۇنداق قىلىپ بېرەلەيسەن ... ئاياللارنى دوۋزاق ئەھلىدىن قىلىپ قويمىغىن... ئەرلىرىمىزگە ، ئەركەكلىرىمىزگە بىزنى قوغدايدىغان جاسارەت بەرگىن، ئۇلاردىكى ئەرلىك تۇيغۇسىنى ئۇرغۇتۇپ بەرگىن...قاغجىرىغان روھىمىز ئەرلىك مېھرىگە قانسۇن!...يۈرەكلىرىمىز ‹ ئېرىم، مانا ئەمدى ھاققى ئەركە ئوخشىدىڭىز! › دەپ ۋاقىرىۋالسۇن!... »
ئىشىكنىڭ چېكىلىشى خىيالىمنى بۆلىۋەتتى. راستتىنى دېسەم بۇ دەقىقىدە بىرىنىڭ كېرىپ ماڭا دەخلى قىلىشىنى خالىمايتىم. شۇڭا ئىشىككە قاراپ قويۇپ جىم ئولتۇردۇم. ئاياق تىۋىشى ئىشىك ئالدىدىن يىراقلاشتى. مەن يازمىنى ئوقۇشنى باشلىدىم:
« قىز-ئاياللار تاپتىن چىقىۋاتىدۇ . نېمىشقا؟؟ شۇلار ئەيمەنگۈدەك ، ھېيىققۇدەك يىگىتلىرىمىز، ئەركەكلىرىمىز كۈندىن-كۈنگە ئازىيىپ، شەيتاننىڭ كەينىگە كېرىپ خالىغىنىچە ئېچىۋاتىدۇ ، چىكىۋاتىدۇ ، ئويناۋاتىدۇ ... شۇنىڭ بىلەن مېھرىبان ئانىللىرى كۈندىن-كۈنگە ئازىيىپ كېتىۋاتقان روھى ساغلام ، ئەقىدىسى كۈچلۈك بىر قەۋم گۇمراھلىققا قاراپ مېڭىۋاتىدۇ ، ئەرلەردىكى لاتىلىق-زەيپانىلىق ، بوشاڭلىق جىمكى پاسىقلىقنى بىزگە تېڭىۋاتىدۇ... ئاياللار ئەرلەرنىڭ قوغدىشىغا ، قانات ئاستىغا ئېلىپ مەسئۇل بولۇشىغا يارىتىلغان ئاجىزەلەر ئىدى .ئەمما بۇ ئاجىزەلەر ھازىر ئۆزىگە مېھرىبان، ۋاداپار يۆلەنچۈكلەرگە ئاۋالقىدىن بەكۇ مۇھتاج بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. قىزنىڭ ئىپپىتى يىگىتنىڭ ئامانىتى ئىدى. ئايالنىڭ ھاياسى ئەركەكنىڭ غۇرۇرى ئىدى . ئەپسۇس ... ھازىر بىزدە تار كىيىم ئىچىدە ئەزايى بەدىنىنى نامايىش قىلىپ ، تۈمەن تۈرلۈك كەرەشمە بىلەن دىكىلداپ كېتىپ بارغان ھەمشىرىسىگە ئۆز پەرزى يولىدا ھەقلىق ئىككى ئېغىز نەسىھەت قىلىدىغان ، ئۇنى شەيتان چاڭگىلىدىن تارتىپ توغرا يولغا سالىدىغان ۋىجدانى شەبنەمدەك پاكىزە ئەركەكلىرىمىزدىن ، ئۇنىڭغا شەھۋەت يېغىپ تۇرغان كۆزلىرى بىلەن ئاچ بۆرىدەك تىكىلىپ ، ئاغزىنى تامشىپ ،شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىپ ، تامىقىنى چىكىلدىتىپ ھاڭۋىقىپ قاراپ قالىدىغان ، ئارقىسىدىن لالما ئىتتەك سوكۇلدايدىغان ئەرلىرىمىز كۆپ ... مەن يازمامنى يېزىپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە تۇختەم ئىمىننىڭ ‹' يۇق دېمەيمىز زىنھارلا،ئاياللاردا تۇزكۇرلار › ناملىق شېئىرىنى قىستۇرۇپ ئۆتۈشنى مۇۋاپپىق تاپتىم:
ئاتا ئۆينىڭ تۈۋرۈكى،تۈۋرۈكسىز ئۆي ئۈرىلەر،
لىكىن ئاجىز كەلدىمۇ ؟بەزەن ئۆيگە تۈۋرۈكلەر...
باسالمايدۇ ئانىلار مەڭگۈ ئۇنىڭ ئۇرنىنى،
بۇشاپ قالسا بۇ ئۇرۇن ،كىملەر قەددى پۈكۈلەر؟!...)
قارا بۇلار قارىلار ،ھەرگىز ئاقمۇ بۇلالماس،
نۇمۇسىسىزغا ھاياتمۇ بىر دەستە گۈل تۇتالماس.
پاك-پاكىزە تۆرلەردىن ئۇرۇن ئالسا ساداقەت،
بۇرىچ بۇلسا،ئاشقىمۇ شەيتان تۇپا چاچالماس.:
يۇق دىمەيمىز زىنھارلا،ئاياللاردا تۇزكۇرلار،
بار ھەقىقەت‹‹ئانىلار››شەنىگە داغ تۇققانلار.
سۇرىقى بار ھەر ئىشنىڭ ‹‹ئۇتنى تۇتسا كۆيەر قۇل ››،
( تۈزۈلىدۇ ئۇلارمۇ سىلەر بىلەن ‹‹ئارىسلانلار››!..
ئاياللار بىنەم يەرگە ئوخشايدۇ، بىراۋلار ئۇ يەردە باغ ئەھيا قىلىشى مۇمكىن. يەنە بىراۋلار ئۇ يەردە ئوت-چۆپ ئۆستۈرۈپ، پادا بېقىشى مۇمكىن. يەنە بىراۋلارنىڭ بىپەرۋالىقى، ئۆزۈمچىلىككى سەۋەبىدىن بىنەم يەر چاك- چاك يېرىلىپ ئاخىر جەزىرىگە ئايلىنىپ كېتىشىمۇ ھەتتا شورلىشىپ تاشلىنىپ كېتىشمۇ مۇمكىن...بەزىدە ئويلاپ قالىمەن بىر قىسىم ئەرلەر ئۆزىنىمۇ قوغدىيالمىسا، ئۆيىنى قانداق قوغدايدۇ ، خوتۇنىنى قانداق قوغدايدۇ ؟!... ئاللاھ ئەسلى ئەرلەرنى كۈچلۇك ،ئاياللارنى ئاجىز ياراتقان ئىدى. شۇڭا ئەرلەر پۇتۇن ئۆمرىنى خوتۇنىنى ، ئائىلىسىنى ھەم باللىرىنى قوغداپ ،ئۇلارنىڭ ھاجىتىدىن بىر ئۆمۈر چىقسا، خوتۇن بولغىچىمۇ بۇنداق ئەرنىڭ پۇت- قولىغا سۆيۇپ ئۇلۇغلىسا ئازلىق قىلاتتى ئەمەسمۇ ؟! مىڭ ئەپسۇس بىر قىسىم ئەرلەرنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكدىن ئاياللار ئۆزىنى ئۆزى قوغداشقا مەجبۇر بولدى. بىر قىسىم ئەرلەرنىڭ بۇلۇمسىزلىقى ئاياللارنى ئەرلەرسىز ياشالايدىغان تەمەننا ھەم ھاكاۋۇرلۇققا،شەيتان ئالقىنىغا ئۆزىنى ئاتىۋەتكەن گۇناھكارلارغا ئايلاندۇرۇپ قويدى.
بىز ئەرلەر-ئاياللار ئاللاھنىڭ يولىدىن تاندۇق ئاللاھمۇ بىزدىن تاندى. جاھان بۇزۇلدى، ئەر بۇزۇلدى ئايال بۇزۇلدى، بالىلار بۇزۇلدى ... كەلگۈسىمىز بۇزۇلدى .ھەممە بۇزۇلدى... ھەي ، ھەي ! بۇ بۇزۇلۇشلار بىزنى يەنە قانداق قىسمەرلەرگە دۇچار قىلار؟!... بۇ بۇزۇلۇشلار قاچان تۈگەر؟!... ئىنسان تىل ۋە يۈرەكتەك ئىككى پارچە گۆش بىلەن ئەمەس ، ياخشى ئەمەل ۋە ئېتىقادتەك ئىككى چوڭ مەۋجۇتلىغى بىلەن ئىنساندۇر.بۇ ئىككى چوڭلۇق ئۇنىڭغا يار بولمىغۇچە ئۇ ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى نامايەن قىلالمايدۇ. ئۇلۇغ ئاللاھ ئازغان ئەر-ئاياللىرىمىزنى ھىدايەت قىلغىن،بىزگە جەننەت يولىنى كۆرسەتكىن! ...
بىر قۇچاق ھاياجان ، بىر دۆۋە سۈكۈت،
ئىچىمنى باسماقتا كەلكۈندەك ، تاغدەك...
غېرىبلىق كۆكسۈمگە سانجىلغان قىلىچ!
ئاغرىقى جېنىمدا ئاچماقتا چېچەك.
قۇملارنىڭ يۈرىكى يوق دېگۈچىلەر،
ئەقىدىسىنى يىغلىتىدۇ زارۇ-زار.
دەرد مېنى تامچىلىتىدۇ قاندەك ئاھ،
قايغۇ ، ھىجران يۈرىكىمنى ۋارقلار.
قاراڭغۇ قەلىبلەر نۇردىن قورقىدۇ،
خارابلىق كۈلىدۇ ھەر بىر ئىزىدا.
نائىلاج ياشايدۇ ھەر بىر نەپەستە،
قەلبىمدە بىر ئاچچىق پىغانلىق ناخشا.
تىتىلغان ياپراقتەك ئازابلىق باغرىم،
مۇز قاتقان زېمىننى سۆيمەكتە باھار .
ئەرلەرنىڭ ئاۋازى سۇندى قاراسلاپ ،
قۇلاق سال، ئاياللار شىردەك ۋارقىرار.»
مەن چوكاننىڭ يازمىسىنى بېرىلىپ ئوقۇپ بولۇپ ئورنۇمدىن تۇردۇم-دە، ئىشخانامنىڭ ئىچىدە بۇياقتىن ئۇياققا، ئۇياقتىن بۇياققا مېڭېشقا باشلىدىم . نېمىشقا بۇنداق قىلىمەن ؟ قانائەتلەنگۈدەك بىر جاۋاپ تاپالمىدىم. روھى دۇنيارىمدا « يۈرەكلىرىمىز ‹ ئېرىم ،مانا ئەمدى ھەقىقى ئەرگە ئوخشىدىڭىز › دەپ ۋاقىرىۋالسۇن . » دېگەن يالقۇنلۇق بىر سادا جاراڭلاشقا باشلىدى. شۇئان ئورۇندۇققا بېرىپ ئولتۇردۇم –دە، چوكاننىڭ بۇ يازمىسىنى چارشەنبە كۈنى ئاڭلىتىدىغان « ئاياللا دۇنياسى» پىراگىرامىمىزغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ ، ئاستا ئورنۇمدىن تۇردۇم.
ئىشخانامدىكى ھەر بىر نەرسدىن « بۇ چوكان كېلەركى قېتىم يەنە نېمىلەرنى يېزىپ كېلەر ؟...» دېگەن سۇئال ئاڭلانغاندەك بولۇپ، ئۆزۈممۇ بىلمىگەن ھالدا ھەر بىر نەرسىگە تەپسىلى زەڭ قويۇشقا باشلىدىم...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Misranim2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-22 01:42 PM