bagu-bostan يوللىغان ۋاقتى 2013-5-28 10:09 PM
ماھىرلانىڭ كىيىنىشىگە قۇيۇلىدىغان تەلەپ يوقما؟3-نومۇر ...
ماھىرلارنىڭكىغۇ بىر يەردە قالسۇن ، مىنىڭ كۆزۈمگە سىغمىغىنى ئىككى ئەر رىياسەتچىنىڭ خۇددى نازۇك قىزلاردەك تار ھەم چىپ كىيىم كىيىشى ....
نىمە ئۇ ؟ ئەرلەرنىڭ ئىشتىنى دىگەن سەل پەل كەڭرەك بولغىنى ياخشى ، ئېغىنىڭ تارلىقىدىن قىسىپ دەسسەپ ئارانلا ماڭىدىكەن ، بېلىنىڭ تارلىقىدىن بەلۋاغ ئىشلەتمەيدىكەن ، بەلۋاغ دىگەن ئەركىشىنىڭ غورۇرى ، ئەركىشىنىڭ جاسارىتى ، ئەر - ئاياللارنى ئايرىپ تۇرىدىغىنى ئاشۇ بەلۋاغ ئەمەسمۇ ؟!
ھازىرقى رىياسەتچى ئارتىسلار ئىچىدە ئاياللار بەلۋاغ تاقاپ ، ئەرلەر تۈگمە قاداش مودا بولغانمىدۇ يا ؟
ئەركىشى بىلەن ئايال كىشىنىڭ تەن قۇرۇلمىسىدا ئاز تولا پەرىق بولغاچقا ئاياللارنىڭ ئىشتىننىڭ ئېغى تارراق ، ئەرلەرنىڭ ئېغى كەڭرەك بولمىسا بولمايدۇ دە ...