Naprat2009 يوللىغان ۋاقتى 2013-5-29 11:23 AM
ئەسلىدە دۇنيادىكى ئاجىز مۇسۇلمانلارغا يار-يۆلەك بولى ...
بىر تەرەپكە ئېغىۋالساقمۇ بولمايدۇ ، ھەر ئىككىلى تەرەپ ئاللىقاچان غەرىپنىڭ شاھمان تاختىسىغا چىقىپ بولدى. ھەر ئىككىلى تەرەپ ھازىر بىر بىرىنىڭ قېنىنى تازا شوراپ ئىچكىلى تۇردى. ئەڭ يامان بولغىنى ، غەرىپ دۆلەتلىرى باشقىلار دىققەت قىلمىغان مەزھەپ توقۇنۇشىنى بۇ ئىچكى ئۇرۇشقا ناھايتى ئۇستىلىق بىلەن سۆرەپ كىردى. ئاللاھ پارتىيەسىنىڭ ئىچكى ئۇرۇشقا ئارلىشىپ قېلىشىنىڭ ئارقىسىدىمۇ بىر قارا قول بار.
مېنىڭ پەرىزىم مۇنداق ، ئامىركىنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى ، ئالدى بىلەن ئاللاھ پارتىيەسىنى ئىچكى ئۇرۇشقا مۇۋاپىقىيەتلىك سۆرەپ كىرگەندىن كېيىىن ، ئاندىن بۇ مەزھەپ ئۇرۇشىنى كېڭەيتىپ ئېراننىمۇ بۇ ئۇرۇشقا سۆرەپ كىرىش. چۈنكى ئېران ئەڭ چوڭ شىئەلەر دۆلىتى بولۇش مۇناسىۋىتى بىلەن ۋاقتى كەلسە ، ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن ئېنىقلا سۈرىيە ۋە ئاللاھ پارتىيەسىگە ياردەمدە بولىدۇ . ھازىرمۇ ھەم ياردەمدە بولىۋاتىدۇ. ئېنىقسىز مەلۇماتلارغا قارىغاندا سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى ئەسىر ئالغان بىر قىسىم ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرى ئىچىدىن ئېران ئەسكەرلىرىنىمۇ بايقىغان.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا qimaltak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-30 01:36 AM