زەنجىر يوللىغان ۋاقتى 2013-5-29 01:49 PM
دۇنيادا ئامرىكىدەك بىر دۆلەت بولمىسا بولمايدۇ .،..
ئاڭ ...
بۇخەۋەرنى مەنمۇ ئاڭلىغان قېرىندىشىم!
(ئامرىكا زوڭتۇڭى ئوباما ئۇيغۇر ئەۋلادى) دىگەن خەۋەر راستمىدۇ؟
ئەنگىلىيە تاراتقۇللىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا يېقىندا ئۇلار، ئامرىكا زۇڭتۇڭى بارات ئوبامانىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى خەلقئاراراغا جاكالىغان.
بۇخەۋەر پۈتۈن دۇنيا ئاخبارتچىللىرىنى ،ھەمدە سىياسىئون دۆلەت باشلىقلىرىنى ئەندىكتۈرىۋەتكەن! بۇخەۋەر شىمالى ئاپرىقا كانگاس جۇمھۇرىيتى ئابىجا ئۆلكىسى لوخا يېزىسىدىكى ماجۇر ھانبەردى دىگەن بوۋاينىڭ دادىسىدىن قالغان ئاسارە ئەتىقىلەرنى ساقلىغان ساندۇقىدىن بايقالغان بىر پارچە ئۇيغۇرچە يېزىلغان خاتىرە بايقالغاندىن كىيىن ئايان بولغان! بۇ خەۋەرنى دەلىللەش ئۈچۈن ياۋرۇپادىكى ئەنگىيلىيە،ۋىنگىرىيە ،گىرمانىيە...قاتارلىق دۆلەتلەردىن تارىخ پەنلىرى ئاكادىمىيەسىنىڭ 21نەپەر ئىنسان شۇناس ئالىمى 14ئاي تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بۇخەۋەرنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىگەن! ئوباما بۇخەۋەرنى ئاڭلاپ، باشقىلاردەك چۈچۈپ كەتمىگەن ھەمدە؛ «مەن كىچىگىمدە بوۋامدىن بۇھەقتە ئۇچۇر ئاڭلىغان. لىكىن دىققەت قىلماپتىكەنمەن»دىگەن. بۇخەۋەرنى يەنىمۇ دەلىللەش ئۈچۈن ئامرىكا دۆلەتلىك بىئو-خىمىيە بوتانىكا جەمىيىتى ئوبامانىڭ قېنىنى ئېلىپ تەكشۈرگەن. قان نەتىجىسى يەنىلا ھەممىنى ھەيران قالدۇرۇپ، ئوبامانىڭ قېنى ئۇيغۇر قان سىستىمىسىغا تەۋە بولۇپ چىققان!
دۆلىتىمىز رەئىسى شىجىنپىڭمۇ بۇخەۋەرنى ئاڭلاپ ھەيران قالغان! ئاخىرىدا ئوباماغا تېلگىرامما يوللاپ، ئۇنىڭ دۆلىتىمىز تەۋەلىكىدىكى ئۇيغۇر پۇشتى ئىكەنلىكىدىن بەك تەسىر لەنگەنلىكىنى بايان قىلغان! ھەم ئىككى دۆلەتنىڭ مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ دۇنيا تىنىچلىقى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشنى بىلدۈرگەن.
ئامرىكىدىكى بەزى بىر ئالدىن بىلەر زاتلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە ئوباما بۇيىل روزاھېيىتتا ئاتۇشقا بېرىش ئۇچۇرىنى سەل يورۇتۇپ ئۆتكەن. بۇلتۇر رامىزاندا ئوباما ئامرىكىدىكى مۇسۇلمانلارغا ئىپتالىق بەرگەن ئىدى. ئەگەر ئوباما راستىنلام بۇيىل روزا ھېيىتتا ئاتۇشقا كىلىپ قالسا بۇخەۋەرنىڭ راستلىقى تېخىمۇ ئىسپاتلىنىدۇ.
ئوبانىڭ ئۇيغۇر پۇشتى ئىكەنلىكىنى ئاشكارا قىلغان ،خاتىرىدە يېزىلىشىچە ئوبامانىڭ چوڭ بوۋىسى روزاخۇن ھىدايەت دىگەن كىشى ئەسلى ئاتۇش تىجەنلىك بولۇپ 1781-يىلى مانجۇلارنىڭ زۇلۇمىغا چىدىماي سودا كارۋانلىرىغا يول باشلاپ 14نەپەر ئۇيغۇر بولۇپ تۈركىيەگە كەلگەن. تۈركىيەدە بىر مەزگىل تۇرۇپ ، بىر تۈرك خوجايىننىڭ قىزىقتۇرىشى بىلەن قارا دېڭىز ئارقىلىق ئاپرىقىغا ئالتۇن قازغىلى بارغان. روزاخۇن ئافرىقىدا تۈركىيەلىك بىر شالغۇت ئايال بىلەن توي قىلغان.........بۇلاردىن ئوبامانىڭ چوڭ دادىسى دۇنياغا كەلگەن....ئوبامانىڭ ئاپرىقىلىق بولىشى، قاراتەنلىك ئارىسىدا ياشاپ قېلىشى مۇشۇنداق بولغان. ئوباما يېقىندا ئاپرىقىدىكى ئۈچ دۆلەتكە زىيارەتكە بارىدىكەن. بۇ زىيارەت بەلكى ئۆزىنىڭ تارىخىنى تېخىمۇ ئېنىقلاش بولۇشى مۈمكىن! .........
مەنمۇ بۇخەۋەرنى ئاڭلاپ ئامرىكا ئالى مەكتەپلىرىدە ئۇيغۇرتىلى ئۇگىنىشىنىڭ يولغا قويۇلىشى، ئۇيغۇر ئالىمى تاشپولات روزىنىڭ ئامرىكىدا ئالى مەكتەپ مۇدىرى بولىشى، ئامرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىدىكى ئەركىن سىدىق، خارۋرىد ئۇنۋىرسىتىدىكى قۇدرەت ياقۇپ شۇنداقلا يەنە شۆھرەت مۇتەللىپتەك ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ ئامرىكىدا شۆھرەت قازىنىشى سەۋەپسىز بولمىغان بولىشى مۈكىن دەپ ئويلاپ قالدىم. بىراق بەزىلەر يالغان دەيدۇ.
راستىنى بىلگۈچى بىر ئاللاھ! بۇھەقتە ئۇچۇر بىلىدىغانلار. كۆپچىلىكنى خەۋەردار قىلساڭلار! ..
مەنبە؛ ئالىپ تورى . ئالىپ تورىدا ياسىن ئىسىملىك بىرەيلەن «تەرمىلەردىن دۇردانىلەر» دىگەن بىر ئەپ ياساپ 19- باھار ئىلان قىلغان ئىدى. شۇنىڭدا ئوبامانىڭ ئۇيغۇر پۇشتى ئىكەنلىكى ھەققىدىكى تەپسىلى مەلۇمات بار ئىدى. بىراق ئەپسۇس، بۇتىما بۇ مۇنبەردىن ئۆچۈرلۈپتۇ. ....
..