425004710 يوللىغان ۋاقتى 2013-5-30 12:14 PM
ھە ... قارىغاندا نەچچە يىل ئىچكىردە يۈرگەنلىكىم چىنىپ ...
ئىدىئومغا دەرسلىكىم بويىچە تەبىر بېرەي ، ئاندىن ئۆزىڭىز ئايرىيالايسىز :
ئىدىئوم ـــــــ تەركىبىدىكى سۆزلەرنىڭ ئەسلىي مەنىلىرىدىن باشقىچە مەنىنى بىلدۈرىدىغان تۇراقلىق سۆز بىرىكمىسى .
يەنىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا ، تەركىبى قىسىملىرىنى باشقا سۆزلەر بىلەن ئالماشتۇرۇشقا ياكى ئۇلارنىڭ ئورۇن تەرتىپىنى يۆتكەشكە بولىۋەرمەيدىغان ،شۇنداقلا ئومۇمىي مەنىسى تەركىبىدىكى سۆزلەرنىڭ كونكېرت مەنىسىدىن كېلىپ چىقمايدىغان (يەنى تەركىبىدىكى سۆزلەر كۆچمە مەنىدە ئېيتىلىدۇ) تۇراقلىق سۆز بىرىكمىلىرى .
ئىدىئوملار ئوخشىتىش ،مۇبالىغىلەشتۈرۈش خارەكتېرىنى ئالغان بولىدۇ . مەسىلەن : ئىچىدە توڭگۇز قاترايدىغان ، ئۇچىغا چىققان ، قەنتىنى چاقماق دېگەندەك .