灰狼829 يوللىغان ۋاقتى 2013-5-30 10:23 AM
بۇ تېتىقسىز ئاھاڭغا تۇرپانلىقلارنىڭمۇ مەستانە بولۇپ ك ...
كەچۈرۈڭ تورداش ، ئەسلى بۇ تىمىغا قايتا ئىنكاس يازغۇم يوق ئىدى ، بىراق سىزنىڭ مىنىڭ ئىنكاسىمنى بىراقلا ئاغدۇرۇپ تاشلاپ ماڭا شەرت قويغىنىڭىزغا قاراپ قايتا ئىنكاس يېزىپ چۈشەنچە بەرمەكچىمەن .
http://v.youku.com/v_show/id_XNDg0MTQyMTA4.html
يۇقارقى ئادرىستىكى مىللىيچە كىيىنىپ گاڭنام ئۇسلۇبىنى ئوينىغانلارنى بەلكىم سىزمۇ كۆرگەنسىز .
مىللىيچە سەھنە كىيمى بىلەن گاڭنام ئوينىلىشى مىنى سەل ئويغا سېلىپ قويدى ، شۇڭا شۇنداق دىگەن ئىدىم .
ئەمەلىيەتتە بۇ گاڭنام ئۇسلۇبىغا يۇقارقى تۇرپان سەنئەتچىلىرىلا ئەمەس بەلكى كۆپ ساندىكى ياشلار ۋە بالىلار ھەۋەس قىلدى ، ھەتتا بۇ رادىيو - تىلىۋىزيەدىمۇ چالا قالمىدى . ئىزدەش تورلىرىغا سىيلىي دەپ باسسا قەشقەر سىتلىي ، خوتەن سىتلىي ، تۇرپان سىتلىي ...دىگەندەك ئىككىنجى ئەۋلات سىتلىيلار بىر ئالىدىكەن .
ئۆتكەن ۋاقىتلاردا رادىئودا قاق سەھەردىلا مۇشۇ گاڭنام ناخشىسىنى قوياتتى ، خەلق رادىئو ئىستانسىدا گاڭنامنىڭ قويۇلغىننى ئاڭلاپ ھەيران قېلىپ تۇرسام يەنە بىر ھەيران قالارلىق ئىشنى ئاڭلىدىم .
ئۇكامنىڭ دىيىشىچە ئۇلارنى ئەتتىگىنى گاڭنام ناخشىسىغا ھەركەت ئوينىغىلى سالىدىكەن .
ھازىر بازارلاردا گاڭنام ئۇسلۇبىنىڭ ئورۇنلىغۇچىسى كورىيەلىك ئەرنىڭ سۈرىتى بېسىلغان مايكىلار ۋە گاڭنام سىتلىي دىگەندەك خەتلەر بېسىلغان مايكىلار چىقىپتۇ .
ئەسلى تېخىمۇ تەپسىلى چۈشەنچە بىرەي دىۋېدىم ، ئەمما مۇشۇنىڭ ئۆزىمۇ سىزگە يىتەرلىك دەپ ئويلىدىم .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا XERHAN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-31 01:21 AM