esyankar75 يوللىغان ۋاقتى 2013-5-31 10:01 PM
بىر ئىنساننىڭ قەدىر قىممىتنىڭ نىمە بىلەن ئۆلچىنىشى تو ...
يازمىدىكى خاتا كەتكەن جايلىرىمنى كۆرسىتىپ بەرگىنىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر، سىزگە ئوخشاش تەنقىدىي پىكىر بايان قىلغۇچىلارنىڭ بولىشى بىز ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم. سىزنىڭ قەدىر-قىممەت ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىڭىزنى ھۆرمەت قىلىمەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ تېمىنىڭ قانچىلىك كونا تېما بولىشىدىن قەتئىينەزەر ۋاقتىنىڭ ئۆتۈپ كەتمەيدىغانلىقىغىمۇ ئىشىنىمەن. لېكىن «قەدىر-قىممەتنىڭ باشقىلار تەرپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشىنىڭ زۆرۈريىتى يوق«دېگەن پىكرىڭىزگە قوشۇلالمايمەن. يەنە بىرسى سىز بۇ يەردىكى «ئابروي، ئىناۋەت»نىڭ ئوقۇم دائىرسىنى تار دائىرە بىلەن چەكلەپ قويغاندەك تۇرىسىز. ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتىگە نەزەر سېلىپ باققايسىز. ھازىر «ئابروي، ئىناۋەت»دېگەن سۆز بىزگە بىر ئاڭلاشتىلا سەلبىي مەنە بېرىدىغان سۆزدەك بىلىنىدىغان بولۇپ قالدى. ئەمەلىيەتتە بۇ سۆزلەرنىڭ تۈپتىن مەنىسى سەلبى ئەمەستۇر. ئادەمنىڭ پۈتكۈل ھاياتىدىكى ئىش پائالىيەتلىرىنى ئېنىق سانلىق مەلۇمات بېرىدىغان تارازىغا سېلىپ ئۆلچەشكە بولمىسىمۇ، لېكىن ئاڭ تارازىسىغا سېلىپ دەڭسەپ كۆرۈش مۇمكىن. خاتالىقىمنى ئېتىراپ قىلىش بىلەن بىرگە بەرگەن تەنقىدلىرىڭىزنى خۇشاللىق بىلەن قۇبۇل قىلىمەن. ئاللاھغا ئامانەت! يەنە بۇ ھەقتىكى باشقا كۆز-قاراشلىرىڭىز بولسا، مۇشۇ يەردە ئورتاقلىشارمىز.