forever1 يوللىغان ۋاقتى 2013-6-1 11:45 AM
ياشلىقنىڭ ئەڭ گۈزەل ۋاقىتلىرى(خاتېرسى) ئالىي مەكتەپتە ...
سىزگە شۇ ئەڭ گۈزەل خاتىرىلىرى دېگەن گەپ بەكرەك تەسىر قىلغان چېغى... ناۋادا راستلا شۇنداق بولسا بۇ تېمىنى سىز ئۈچۈن يازمىدىم قېرىندىشىم. بىلىپ قويۇڭكى سىز كۆرگەن ئۇنداقلار پەقەت بىر قىسمىلا، يەنە نۇرغۇنلىرى يەنىلا شۇ ئانا زېمىننىڭ ھەم شۇ زېمىندىكى ئەزىزلەرنىڭ ئۈمۈدى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تېرىشىدۇ. مەن بۇ يەردە پەقەت ئۇلارنى تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلەشكە دەۋەت قىلدىم خالاس. يەنە بىرى گەپ سۆزلىرىڭىزگە دىققەت قىلىڭ. سىز دېگەندەك مەكتەپكە كىرىۋالغان ئۇنداق بىر نېمىلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەكىلى بولمايدۇ. مەن بۇ يەردە ئۇيغۇر نەسىللىكلەرنى كۆزدە تۇتتۇم. سىز ئۇيغۇر بولسىڭىز ئۇلار سىزنىڭ قېرىنداشلىرىڭىز، قېرىنداشلىرىڭىزنى قۇتقۇزماستىن شۇنداق تىل سالغان بولسىڭىز، كەچۈرۈڭ، سىز ئۈچۈن باسقان ھەربىر كۇنۇپكىلىرىمغا مەن رازى ئەمەس!
بىلىپ قويۇڭكى مىللەتنى تىللايدىغان ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى، غورورىڭىز بولسا مەدەت بېرىڭ، ئىلھاملاندۇرۇڭ!