مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: jasuryigit

رەسىمدىكى كىشىلەرنى تۇنۇدىڭىزمۇ؟   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9749
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8316
تۆھپە نۇمۇرى: 361
توردا: 163 سائەت
تىزىم: 2010-9-9
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-12 02:01:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1870-يىللاردىكى قەشقەر يولى


يەركەنگە يېقىنلىشىش(1873-يىلى

بۇلۇۋەرسە ئىتقا باش ئارسلان،بۇلۇر ھەممە ئىت ئارسلانسىمان.ئەگەر بولسا ئىت ئۇ ئارسلانغا باش،بۇلۇر ئارسلانلار ھەم ئىتتەك ھامان.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9749
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8316
تۆھپە نۇمۇرى: 361
توردا: 163 سائەت
تىزىم: 2010-9-9
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-12 02:03:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياقۇپبەگنىڭ ئوقياچىسى





يەركەنلىك ئەسكەر


بۇلۇۋەرسە ئىتقا باش ئارسلان،بۇلۇر ھەممە ئىت ئارسلانسىمان.ئەگەر بولسا ئىت ئۇ ئارسلانغا باش،بۇلۇر ئارسلانلار ھەم ئىتتەك ھامان.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9749
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8316
تۆھپە نۇمۇرى: 361
توردا: 163 سائەت
تىزىم: 2010-9-9
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-12 02:05:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇلۇۋەرسە ئىتقا باش ئارسلان،بۇلۇر ھەممە ئىت ئارسلانسىمان.ئەگەر بولسا ئىت ئۇ ئارسلانغا باش،بۇلۇر ئارسلانلار ھەم ئىتتەك ھامان.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9749
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8316
تۆھپە نۇمۇرى: 361
توردا: 163 سائەت
تىزىم: 2010-9-9
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-12 02:56:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇلۇۋەرسە ئىتقا باش ئارسلان،بۇلۇر ھەممە ئىت ئارسلانسىمان.ئەگەر بولسا ئىت ئۇ ئارسلانغا باش،بۇلۇر ئارسلانلار ھەم ئىتتەك ھامان.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9749
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8316
تۆھپە نۇمۇرى: 361
توردا: 163 سائەت
تىزىم: 2010-9-9
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-12 02:59:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتورى:
چارلىز. بولگېر (ئەنگىلىيە)
*****************
تەرجىمە قىلغۇچى:
ۋەلى (ئابدۇۋەلى ئەلى)،
چۈشۆدۇڭ
****************
مەسئۇل مۇھەرىرى:
سەلىمجان، جۈماخۇن
****************
شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى
1987-يىلى 5-ئاي 1–نەشرى
1988-يىلى 9-ئاي 1-بېسىلىشى

*****************
كىتابنىڭ خەنزۇچە نەشىرىگە بېرىلگەن سۆز بېشى:
*****************
بۇ كىتابنىڭ ئاپتۇرى دېمېترىيۇس چارلېز بولگېر (1853-1928) كىنىستون ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. كېيىن ئۆز ئالدىغا ئۆگىنىپ ئەسەر يېزىشقا كىرىشكەن. ئۇ ئەنگىلىيە مۇستەملىكەچىلىرىنىڭ تەشۋىقاتچىسى ۋە ئاقلىغۇچىسى.
1876-يىلىدىن ئېتىبارەن، بولگېر ئەنگىلىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ ۋە ئەنگىلىيە بىلەن فىرانسىيەنىڭ ئاسىيادىكى تالىشىشى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدىلا ئەنگلىيەنىڭ مۇھىم گېزىت–ژۇرناللىرىدا نورغۇن تارىخىي ۋە سىياسىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان. ئۇنىڭ 1885-يىلى نەشىر قىلىنغان «ئوتتۇرا ئاسىيا مەسىلىسى» دېگەن ئەسىرى ئۇنىڭ مۇشۇ مەزگىلدە ئېلان قىلغان ماقالەلىرىنىڭ توپلىمى ئىدى. بولگېر ئۆز ھاياتىدا نورغۇن ئەسەرلەرنى يازغان، «ئەنگلىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرا ئاسىيادا»، «ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆتكەن موھىم شەخىسلەر تەزكىرىسى»، «جۇڭگۇ تارىخى»، «ھىندىستان تارىخى»، «كونگو دۆلىتى»، «بېلگىيە تارىخى» قاتارلىق مەخسۇس تارىخي ئەسەرلەر ۋە «گوردوننىڭ تەرجىمىھالى»، «ماچىڭچېڭنىڭ تەرجىمىھالى» قاتارلىقلار ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىدۇر. ئۇنىڭ بۇ ئەسەرلىرى ئەنگىلىيە جاھانگىرلىكىنىڭ سىياسىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.
چارلېز بولگېرنىڭ 1878-يىلى (ياقۇپبەگ ھاكىمىيتى بىتچىت بولغان 2-يىلى) نەشىر قىلىنغان «ياقۇپ بەگنىڭ تەرجىمەھالى» دېگەن كىتابى ئەنگلىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا، شۇنىڭدەك ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭ رايۇنىغا قاراتقان تاجاۋۇزچىلىقىنىڭ ئېھتىياجىغا زىچ ماسلىشىش ئۈچۈن يېزىلغان.
«ياقۇپبەگنىڭ تەرجىمىھالى» – ياقۇپبەگنىڭ ھاياتى ھەققىدىكى ئەسەردۇر. ئاپتۇر ياقۇپبەگنىڭ كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق ئۇنىڭ شىنجاڭغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەنلىكى، ئەكسىيەتچى ھاكىمىيەت قۇرغانلىقى ۋە بۇ ھاكىمىيەتنىڭ بەربات بولغانلىقىنىڭ جەريانىنى بىر قەدەر تەپسىلىي بايان قىلغان. بۇ كىتابتا يەنە ياقۇپبەگ ھاكىمىيتىنىڭ ئەنگلىيە، رۇسىيە تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تالاش–تارتىشلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭ رايۇنىنى تالىشىش ئەھۋالىمۇ بايان قىلىنغان.
ياقۇپبەگ قوقەنلىك سىياسىي قارا نىيەت بولۇپ، 1865-يىلى ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭ رايۇنىدىكى بەزى ئازسانلىق مىللەتلەر چىڭ سۇلالىسى ھاكىمىيىتىگە قارشى ھەرىكەت قوزغىغان پۇرسەتتە شىنجاڭ رايۇنىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن. ياقۇپبەگ شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقىنى قانلىق باستۇرۇش ئاساسىدا ئەكسىيەتچى ھاكىمىيەت قۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقىنى ياۋۇزلۇق بىلەن تالان–تاراج قىلغان ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن دەھشەتلىك ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن. ياقۇپبەگ ئۆزىنىڭ ئەكسىيەتچى ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئىلگىرى–كېيىن ئەنگلىيە ۋە رۇسىيەلەر بىلەن بىر قاتار ئىشلاردا تىل بىرىكتۈرگەن. ئەنگىلىيە، رۇسىيە تاجاۋۇزچىلىرى بىلەن قانۇنسىز سودا شەرتنامەلىرى ۋە سودا كېلىشىملىرىنى ئىمزالاپ، ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭ رايۇنىنىڭ ھوقۇق–مەنپەئەتىنى ئۇلارغا كۆپلەپ ساتقان. ياقۇپبەگ – ئەنگلىيە، چار رۇسىيەلەرنىڭ غالچىسى، شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى.
لېكىن ئاپتۇر ئەنگىلىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ، ئەنە شۇنداق ياۋۇز تاجاۋۇزچى ياقۇپ بەگنى «ئۇ ناھايىتى ئىقتىدارلىق، يۈرەكلىك ئادەم ئىدى» (مۇشۇ كىتابنىڭ كىرىش سۆزىگە قارالسۇن)، «بىر نەچچە ئەسىردىن بۇيان ئوتتۇرىغا چىققان بۇ خانلىقلار ئىچىدە ئەڭ جاسارەتلىك ۋە ئەڭ تالانتلىق بىر ھۆكۈمران ئىدى» (ئىنگىلىزچە نۇسخىسىنىڭ 168-بېتىگە قارالسۇن) دەپ ئۇنى بولۇشىچە ماختاپ، كۆككە كۆتۈرۈپ، تارىخنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى پۈتۈنلەي ئاستىن–ئۈستۈن قىلىۋەتكەن. ئاپتۇر گەرچە ئۆزىنىڭ ياقۇپبەگكە بولغان ھىسداشلىقى ۋە مەدھىيەسىنى يۇشۇرۇش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ ياقۇپبەگكە بەرگەن باھاسىنى «مەسىلەگە خالىسانە مەيداندا تۇرۇپ قارىغانلىق» (ئىنگىلىزچە نۇسخىسىنىڭ 256-بېتىگە قارالسۇن) دەۋالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ ئەنگىلىيە مۇستەملىكەچىلىرىنىڭ ئاقلىغۇچىسى بولغانلىق قىياپىتىنى يەنىلا ياپالمىغان. ئۇ ئۆزىنىڭ مۇشۇ كىتابقا يازغان كىرىش سۆزىدە ياقۇپبەگنى ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ «كەشمىرنىڭ شىمالىدىكى زېمىندا تىكلىگەن قەھرىمانى» دەپ ئۆز ئاغزى بىلەن تەپتارتماستىن ئوچۇق ئىقرار قىلغان. بۇ، ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتىنىڭ ئەنگىلىيە مۇستەملىكەچىلىك سىياسىتىنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۇرۇپلا قالماستىن، ئاپتۇرنىڭ ياقۇپبەگكە مەدھىيە ئوقوغان ئەكسىيەتچىل مەيدانىنىمۇ ئاشكارىلاپ بېرىدۇ.
بۇ كىتابنىڭ خېلى كۆپ سەھىپەلىرىدە ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭ رايۇنىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشى ئۈچۈن، ياقۇپبەگنىڭ تاجاۋۇزچى ھاكىمىيىتىنى ئىزچىل تۈردە ئاكتىپ قوللاش ۋە قانات ئاستىغا ئېلىش پۇزىتسىيەسىدە بولغانلىقى، جاسۇسلارنى، دېپلۇماتىك ئەلچىلەر ئۆمەكلىرىنى ئەۋەتىپ، ياقۇپبەگ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكى، ياقۇپبەگنى نورغۇن قورال–ياراق بىلەن تەمىنلىگەنلىكى، قانۇنسىز ھالدا ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتىنى ئىتىراپ قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن سودا شەرتنامەسى ئىمزالاپ، ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭ رايۇنىدىن نورغۇنلىغان ئىمتىياز-مەنپەئەت ئېلىۋالغانلىقى بايان قىلىنغان. بۇ ئىشلار ئەسلىدە ھەممىگە ئايان پاكىت بولسىمۇ، لېكىن ئاپتۇر كىتابتا ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ياقۇببەگ ھاكىمىيىتىنىڭ مۇناسىۋىتىنى «ئادەتتىكىلا مۇناسىۋەت ئىدى» (ئىنگىلىزچە نۇسخىسىنىڭ 234-بېتىگە قارالسۇن)، «ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ئىتتىپاق تۈزۈلمىگەن ھەم مۇستەھكەم دوستلۇقمۇ يوق ئىدى» (شۇ بەتكە قارالسۇن) دەپ، ئەنگىلىيەنىڭ ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭ رايۇنىغا قىلغان تاجاۋۇزىنى جېنىنىڭ بارىچە ئاقلىغان.
ئاپتۇر بۇ كىتابنىڭ ئاخىرقى بىر بابىدا، تېخى ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ياقۇببەگ ھاكىمىيىتىنى يۆلەپ تۇرغۇزۇش جەھەتتىكى تەجىرىبە–ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەپ كېلىپ، ئەنگىلىيە مۇستەملىكەچىلىرىگە ئەقىل ۋە يول كۆرسىتىدۇ. بولگېر: «ئەنگىلىيەنىڭ ياقۇپبەگ ھاكىمىيتىنى قوللاپ سودا جەھەتتە ئالغان پايدىسى ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتىنى ئېتىراپ قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە تارتقان زىيىنىنى قاپلىيالمايدۇ» دەپ قارىغان. شۇڭا، ئۇ ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىگە «رۇسىيەنىڭ ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەن كىڭەيمىچىلىكىنى (جۇڭگۇ بىلەن) بىرلىكتە چەكلەپ»(ئىنگىلىزچە نۇسخىسىنىڭ 299-بېتىگە قارالسۇن)، ئاندىن جۇڭگۇدىن «نەپ» ئېلىش ئۈچۈن، رۇسىيە جۇڭگۇنىڭ ئىلى رايۇنىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، جۇڭگۇ–رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى جىددىيلەشتۈرۈپ قويغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، جۇڭگۇ بىلەن ئۆزئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلىش توغرىسىدا تەكلىپ بەرگەن.
ئاپتۇر دەل ئەنگىلىيە مۇستەملىكەچىلىرى مەيدانىدا تۇرۇپ، چار رۇسىيە بىلەن بولغان تالاشنى كۆزدە تۇتقانلىقتىن، بۇ كىتابتا چاررۇسىيە تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە رۇسىيەنىڭ ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭ رايۇنىغا تاجاۋۇز قىلغان بىر قاتار ھەرىكەتلىرىنى خىلى پاش قىلغان. خۇسۇسەن بۇ كىتاب نەشىردىن چىققان مەزگىلدە (1879-يىلى)، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئىلىنى قايتۇرۋېلىش ئۈچۈن رۇسىيە بىلەن سۆزلىشىۋاتاتتى. شۇڭا ئاپتۇر چاررۇسىيەنىڭ ئېلىمىزنىڭ ئىلى رايۇنىنى بىسىۋالغانلىقى ۋە جۇڭگۇ–رۇسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ ئىلى توغرىلىق ئېلىپ بارغان سۆھبەتلىرىنىڭ قىسمەن ئەھۋالىنى بىر قەدەر كونكىرت بايان قىلغان. بۇ بايانلار بىزنىڭ 19-ئەسىرنىڭ كىيىنكى يېرىمىدا چاررۇسىيەنىڭ ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمال رايۇنىغا تاجاۋۇز قىلغانلىقىغا دائىر تارىخنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن بەلگىلىك ماتىرىيال بىلەن تەمىنلەيدۇ.
قىسقىسى، بۇ كىتاب، شىنجاڭ تارىخىنى ۋە 19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يىرىمىدىكى ئەنگىلىيە–رۇسىيە مۇناسىۋىتى بىلەن جۇڭگۇ–رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىشىمىز ئۈچۈن مۇئەييەن پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە.
ئاخىرىدا شۇنىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتۈش كىرەككى، ئاپتۇر جۇڭگۇ تارىخىنى ئانچە چۈشەنمىگەنلىكتىن، ئۇنىڭ جۇڭگۇ تارىخى توغرىسىدىكى بايانلىرىدا كەتكۈزۈپ قويغان خاتالار ناھايىتى كۆپ. شۇڭا تارىخىي پاكىتلار باشقىچە بولۇپ كەتكەننىڭ ئۈستىگە، ئادەم ۋە بەزى يەر–جاي ناملىرى، مەخسۇس ئاتالغۇ قاتارلىقلاردىمۇ خاتالىقلار ئۇچراپ تۇرىدۇ. بىز بۇلارنىڭ بىر قىسمىنىلا ئىزاھلاپ تۈزىتىپ قويدۇق، تولۇق بولمىغان جايلىرىنى كىتابخانىلارنىڭ كۆرسىتىپ بېرىشىنى سورايمىز.
****************

«ياقۇپبەگنىڭ تەرجىمىھالى»
*****************
ئاپتورى: چارلىز. بولگېر (ئەنگىلىيە)
****************
مۇقەددىمە
****************
ياقۇپبەگنىڭ ھاياتى توغرىسىدىكى بايانلىرىمىز مۇنداق ئىككى مۇددىئا بىلەن يېزىلدى:
بېرىنچىسى: ئامەتلىك بىر ھەربىينىڭ بىر ئۆمۈرلۈك سەرگۈزەشتىلىرىنى ئۆگىنىش؛
ياقۇپبەگ نوپۇزلۇق ئىسىلزادىلەردىن ئەمەس، ھەتتا ئۇنىڭ ھېچقانداق تالانتىمۇ يوق. لېكىن ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيادا مۇستەقىل بىر ھاكىمىيەت قۇرغان ھەمدە 12 يىلغىچە نورغۇن رەقىبلىرىگە بوي بەرمەي، ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ كەلگەن. ئېلىمىزدە (ئەنگىلىيەنى دېمەكچى) بۇ «ئاتالىق غازى»نىڭ شۆھرىتى كۆككە كۆتۈرۈلۈپ، جەمئىيەتتە تارقىلىپ يۈرگەن رىۋايەتلەر ئارقىلىق، ئاشۇرۇپ تەرىپلىنىۋاتقان چاغدا بۇ قەھرىماننى بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرگۈدەك بولۇۋاتقان كىشىلەر بۇ كىتابنى ئوقوغاندىن كېيىنلا بوشاپ لەسسىدە بولۇپ قېلىشى مومكىن. دەرۋەقە، ياقۇپبەگ ھەقىقەتەنمۇ قولىدىن ئىش كېلىدىغان، يۈرەكلىك ئادەم ئېدى؛ ئۇنىڭ قەشقەردە ئورۇنلىغان ئىشلىرىمۇ مەدھىيلەشكە ئەرزىيدۇ. ئەمما ئۇ تۆمۈرلەڭ ياكى بابۇر ئەمەس.
ئۇنىڭ ئىچكى سىياسىتى ئۆزىنىڭ قاتتىق قوللۇقلۇقى ۋە ئاساسەن تېرورلۇق تۈزۈمىنى يۈرگۈزگەنلىكى نەتىجىسىدە خەلقنىڭ نەزەرىدىن چۈشۈپ قالغان؛ ئۇنىڭ قورقماس، باتۇرانە تاشقى سىياسىتى ئۆزىنىڭ ئالدىراقسانلىقى ۋە غەم-ئەندىشىسى تۈپەيلىدىن ئۆز تەسىرىنى يوقاتقانىدى. لېكىن ئۇ ھەقىقەتەن قالتىس ئىشلارنى قىلغان.
ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تەقدىرىگە ھۆكۈم قىلالايدىغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ ئۇ يەرگە قاراتقان زوراۋانلىقىنى باشتىن-ئاخىرى توسۇپ كەلگەن ئادەممۇ ئەمەس. ماھىيەتتە ئۇ پەقەت ئاددىي ئادەملەردەك خۇلق-مىجەزگە، ئاددىي ئادەملەردەك ئاجىزلىق ۋە قورقۇنچاقلىققا ئىگە بىر ئادەم، خالاس.
ئۇ نورغۇن خەۋپكە دۇچ كەلگەن چاغلاردا ئاساسلىقى تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ قالغانلىقتىن «بەدۆلەت» (ياقۇپبەگ ئۆزىنى «بەدۆلەت» يەنى «كاتتا دۆلەتمەن خان» دەپ ئاتىغان) دەپ ئاتالغان. ئۇنى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قەدىمكى دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن بىرەر گىگانت شەخس بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ؛ ئۇنى پەقەت يېقىنقى زاماندىكى بەزى ئادەملەر بىلەن، مەسىلەن: ئاففانىستاندا ئۆتكەن دوستمۇھەممەد بىلەن بىر قاتارغا قويۇش مومكىن. لېكىن ياقۇپبەگ قەشقەر تارىخىغا ئۇنىڭسىز مۈمكىن بولمايدىغان بىر خىل خۇسۇسىيەت بەردى.
جۇڭگۇلۇقلارنىڭ يېقىنقى غەلبەسىنىڭ ئىنگىلىزلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىشىغا پۈتۈنلەي ياقۇپبەگنىڭ چۈشكۈنلىشىشى ۋە گۇم بولۇشى سەۋەب بولدى، چۈنكى ياقۇپبەگ ئېنگىلىزلارنىڭ كەشمىرنىڭ شىمالىدا تىكلىگەن قەھرىمانى ئىدى.
ئىككىنچى، بىر خىل ھۆكۈمران كۈچ بولغان جۇڭگۇنىڭ بەزىبىر مۇھىم ئارتۇقچىلىقلىرىنى مۇشۇ كىتاب ئارقىلىق ئەنگىلىيە كىتابخانىلىرىغا كۆرسىتىپ ئۆتۈش؛
بۇ مەقسەت، ئەمەلىيەتتە ئىككى مەقسەتنىڭ ئىچىدە مۇھىمراق بىرسىدۇر.
ئەنگىلىيە شۇنى ئەستىن چىقارماسلىقى لازىمكى، ئاسىيادا ئۈچلا چوڭ كۈچ مەۋجۇت. بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگۇ ھەر جەھەتتىن ئەڭ ئاساسىي كۈچ. ئەنگىلىيە بىلەن رۇسىيە پەقەت چەت ئەللىك ئىستىلاچى ھۆكۈمەتلەردىنلا ئىبارەت.
جۇڭگۇ بولسا ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىدىغان قۇدرەتلىك دۆلەت. جۇڭگۇنىڭ «شەرىقى تۈركىس-تان» ۋە جۇڭغارىيەدىكى ھۆكۈمرانلىقى ئاسىيانىڭ ھازىرقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ پايدىلىق بىر سەھىپەدۇر؛ لېكىن شۇنى تۈز كۆڭۈللۈك بىلەن ئىتراپ قىلماي بولمايدۇكى، ياقۇپبەگنىڭ قىسقىغىنا ھاياتى كىشىلەرنى جۇڭگۇلۇقلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىشلىرىنى تەتقىق قىلىشقا قىزىقتۇردى. ئەگەر ياقۇپبەگ بولمىغان بولسا، ئېھتىمال، بۇ تېمىغا قىزىقىدىغان ئادەم چىقمىغان بولاتتى.
بۇ كىتابقا ماتىرىيال توپلاشتا، لورد دوگلاس فورسېتنىڭ رەسمىي دوكلاتى ۋە 1874-يىلىنىڭ باشلىرىدىن بۇيانقى «تاشكەنت گېزىتى»نىڭ ۋە بېيجىڭدا نەشىر قىلىنغان «پايتەخت گېزىتى»نىڭ توپلاملىرىنى ئاساس قىلدىم.
بۇ كىتابنىڭ ئايرىم جايلىرىدا روبىرت شاۋ ئەپەندىنىڭ ئادەمنى بەك قىزىقتۇرىدىغان «قىر تاتارلىرى» دېگەن كىتابى ۋە شۇنىڭدەك گرېگورىيۋنىڭ «شەرىقى تۈركىس-تان» دېگەن كىتابىدىن پايدىلاندىم. گېزىت-ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان كۆپلىگەن ماقالەلەرمۇ بەزى تەپىسلاتلارنى يېزىشىمغا ياردەم بەردى، چۈنكى بۇنداق تەپسىلاتلار باشقا ئەسەرلەردە تىلغا ئېلىنمىغانىدى،
ئاخىرىدا پىقىر ئەنگىلىيە كىتابخانىلىرىغا جۇڭگۇلۇقلارنىڭ باتۇرلۇقى ۋە سىياسىي ئىقتىدارىنىڭ بىز ئۈچۈن قانداقچە ساۋاق بولىدىغانلىقىنى ئوبدان ئويلۇنۇپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ. چۈنكى ئۇلاردىكى بۇ خىسلەتلەر نۆۋەتتە ھېندىستان چىگرىسىغا دائىر ھەر بىر مەسىلىدە – سىيام، بىرما مەسىلىلىرىدە يىتەكچى كۈچ بولۇپ قالدى.
شىلېر ئەپەندى يازغان «تۈركىس-تان» دېگەن كىتابتا قەشقەر مەسىلىسى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ كىتاب ئوتتۇرا ئاسىياغا مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەر ئىچىدە ھېلىمۇ مۇھىم ھېساپلىنىدۇ.
مەن بۇ كىتابىمدا قوقەن ۋەقەسىنىڭ جەريانىنى بايان قىلىشتا كۆپىنچە ئاشۇ ئەسەردىن پايدىلاندىم. لېكن يەنىلا لورد دوگلاس فورسېتنىڭ رەسمىي دوكلاتىدىكى دوكتور بېللىۋنىڭ تارىخىي بايانىنى ئاساس قىلدىم.
*************

بىرىنچى باب:
قەشقەرىيەنىڭ جۇغراپىيەۋى ئەھۋالى ھەققىدە ئومومىي بايان

قەشقەرىيە – «شەرىقى تۈركىس-تان»، يەنى جۇڭگۇغا تەۋە تۈركىس-تاننىڭ غەربىي قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ پاسىلىنى بەزىلەر شىمالدا سىبىرىيە بىلەن، جەنۇبتا كەشمىر تاغلىرى بىلەن، شەرقتە چۆللۈك (موڭغۇل دالاسىنىڭ شىمالىدىكى چۆللۈك رايۇنلارنى، يەنى موڭغۇلىيەنى كۆرسىتىدۇ. -تەرجىماندىن) بىلەن، غەربتە «پامىر ئېگىزلىكى» دەپ ئاتالغان ئوتلاق بىلەن تۇتىشىدۇ، دېگەن.
بۇ گەپ ئومومەن توغرا بولسىمۇ، ئەمما بۇ رايۇن توغرىسىدا تەپسىلىيرەك مۇھاكىمە يۈرگۈزىلىدىغان بۇ ئەسەردە بۇنى تولۇقى بىلەن چۈشەندۈرمەي بولمايدۇ. چىن مەنىسىدىن ئېيىتقاندا، قەشقەر ئەسلى بىر شەھەرنىڭلا نامى ئىدى. ماركوپۇلۇ (ئىتالىيەلىك ساياھەتچى. «ماركوپولۇ ساياھەت خاتىرىسى» دېگەن ئەسەرنى يېزىپ جۇڭگۇنى ياۋرۇپاغا تونۇشتۇرغان) دەۋرىدىن كېيىن، بۇ رايۇندا مەزكۈر شەھەرنىڭ ئاھالىسى ئەڭ كۆپ، ئەڭ باياشات بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەتراپتىكى جايلارمۇ قوشۇلۇپ مۇشۇ نام بىلەن ئاتىلىدىغان بولغان. ئۇنىڭ توغرا نامى-كىچىك بۇخارا ياكى «شەرىقى تۈركىس-تان». جۇڭگۇلۇقلار بۇ يەرنى «سۇلى» (سۇللاغ) دەپ ئاتايدۇ، كېيىنكى چاغلاردا ئۆتكەن ئاپتۇرلار ئاتالىق غازىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى جايلارنى «قەشقەرىيە» دەپ ئاتىغان. بۇ نام بىلەن ئاتالغان يەرلەر جۇڭگۇ تۈركىس-تانىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، جۇڭگۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلنى ھىساپقا ئالمىغاندا، ئىلگىرى ئۆتكەن ھەرقانداق بىر دەۋردىكى يەرلىك ھۆكۈمرانلار ئىدارە قىلغان رايۇنلاردىنمۇ چوڭ، ئەلۋەتتە.
يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، بەزىلەرنىڭ قەشقەر چىگرىسىنىڭ ئومومىي پاسىلىنى شىمالدا سىبىرىيە بىلەن تۇتىشىدۇ، دېگىنىمۇ خاتا. چۈنكى بۇ ئارىلىقتا يەنە جۇڭغارىيە بىلەن موغۇلىستاندىن ئىبارەت كەڭ رايۇن بار.
جۇڭگۇلۇقلار ھۆكۈمرانلىق قىلغان چاغدىكى جۇڭغارىيەنىڭ مەركىزى «ئىلى» دەپ ئاتىلاتتى، ھازىر چاررۇسىيەنىڭ ئىشغالىيتىدە «غولجا» دەپ ئاتىلىدىغان بولدى. بۇ بىر شەھەرنىڭ يەنە بىر خىل ئاتىلىشى. دائىرىسى كەڭ ۋە موھىم بولغان بۇ رايۇن، جۇڭگۇلۇقلار ئىلىدىكى ھەربىي مەھكىمىسى ئارقىلىق قەشقەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل تىروتورىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىللەردە، مۇشۇ مەمۇرىي رايۇنغا قارايتى. لېكىن 1863-يىلى جۇڭگۇلۇقلارنىڭ كۈچى پارچىلىنىپ كەتكەندىن كېيىن، قەشقەر ئاخىرى بۇرزۇكخان خوجىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتتى.
جۇڭغارىيەنىڭ شەرىقى قىسمى، جۈملىدىن تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى كۇچا، قارا شەھەر، تۇرپان قاتارلىق شەھەرلەر تۇڭگانلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغاندا، رۇسلار غولجىنى، يەنى ئىلىنى ئىشغال قىلىۋالدى. غولجا بىلەن قەشقەرنى تەڭرىتاغ ناھايىتى ئېنىق ئايرىپ تۇرىدۇ.
ئەمەلىي رول ئويناۋاتقان بۇ پاسىل بۇ كەڭ زىمىننى ئاقسۇدىن تۇرپانغىچە، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ نىرىسىغىچە ئېنىق ئىككى قىسىمغا ئايرىۋەتكەن.
شۇڭا شەرىقى تۈركىس-تاننىڭ شىمالىي چېگرىسىدىكى تەڭرىتاغ بىلەن جەنۇبىي تەرىپىدىكى قاراقۇرۇم تاغلىرى بۇ جاينى خۇددىي قورۇق تامدەك ئوراپ، كوھىستان، كەشمىر ۋە تىبەتلەردىن ئايرىپ تۇرىدۇ.
يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك، غەرب تەرەپتىكى پامىر يايلاقلىرى بىلەن شەرق تەرەپتىكى قۇملۇق چۆل-باياۋان بۇ جاينى ئىككى تەرەپتىن دۈشمەن بۆسۈپ كىرەلمەيدىغان ئېنىق ھەم بىخەتەر مۇداپىئە رايۇنى قىلىپ شەكىللەندۈرگەن.
ئاسىيادا، بۇنداق ئېنىق جۇغراپىيەۋى ئورۇنغا ئېگە دۆلەت ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ. ئۇلۇغ تەبىئەت گۇيا ئۇ جاينى چەتنىڭ تاجاۋۇزىدىن ئەنسىرىمەي، ئۆز بايلىقلىرىغا تايىنىپ، بەخت-سائادەت ئىچىدە ياشايدىغان قىلىپ ياراتقاندەك قىلىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ تارىخى كۆپرەك غەم-ئەندىشە بىلەن ئۆتكەن. شۇنداقتىمۇ ئۇ چەتنىڭ تاجاۋۇزىدىن قۇتۇلۇپ ئارام تاپقان قىسقىغىنا بىر مەزگىلدە ئۆزىنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرى بىلەن بەخت تېپىپ ۋە گۈللەپ، يەنە «ئاسىيانىڭ گۈلىستانى» بولۇپ قالغان. نورغۇن ئەسىرلەردىن بۇيان ئۇزۈلمەي داۋام قىلغان يېغىلىقلار بۇ ئەلنىڭ قىياپىتىدە نورغۇنلىغان ئېنىق جاراھەت ئىزلىرىنى قالدۇرغان، ئۇنىڭ نوپۇسىنىڭ ئازىيىپ كەتكەنلىكى ئۇنىڭ ئېنىق دەلىلىدۇر. ئەڭ قىسىپ ھېسابلىغاندىمۇ يەر مەيدانى 250 مىڭ كۋادىرات مىل (بىر مىل 1609 مېتىرغا تەڭ. -تەرجىماندىن) كېلىدىغان بۇ جاينىڭ نوپۇسى، ئەڭ نوپۇزلۇق ئەربابلارنىڭ قارىشىچە، بىر مىليۇنغىمۇ يەتمەيدۇ.
قەشقەر رايونى شەرىقى مېردىئان 73 گرادوستىن 89 گرادوس ئارىلىقىغىچە، شىمالىي پاراللىل 36 گرادوستىن 43 گرادوس ئارىلىقىغىچە يەرگە جايلاشقان بولسىمۇ، لېكىن ئىلگىرىدىنلا، قەشقەرىيەنىڭ چېگرىسى ئاقسۇدىلا توختايدۇ. دەپ قارىلىپ كەلگەن، ئاقسۇ بولسا قەشقەرنىڭ شەرىقى شىمالىغا تەخمىنەن 300 مىل كېلىدىغان بىر شەھەر. بۇنىڭدىن تەخمىنەن 50 يىل ئىلگىرى جۇڭگولۇقلار قوقەنگە سودا-سېتىق جەھەتتە ئېتىبار بەرگەن چاغدىمۇ، بۇ ئېتىبار بېرىش شەرتلىرى ئاقسۇنىڭ شەرقىدىكى جايلاردا كارغا كەلمىگەن. بۇ پاكىتتىن ئاقسۇنىڭ قەدىمكى قەشقەرىيە خانلىقىنىڭ جامائەتچىلىك ئېتىراپ قىلغان چېگرىسى قىلىپ بىكىتىلگەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. قەشقەرىيە بىر مەزگىل يەرلىك ھۆكۈمرانلارنىڭ باشقۇرۇشىدا گۈللەپ ياشنىغان خانلىق بولغان بولسا، يەنە بىر مەزگىل مەلۇم بىر تاتار (موڭغۇل) ئىستىلاچىسىغا باش ئېگىپ، ئولپان تۆلەيدىغان بىقىندى دۆلەت بولۇپ قالغان. بۇ رايوننىڭ مەركىزىمۇ، خۇددى مۇشۇ زېمىننىڭ تەقدىرىگە ئوخشاشلا، بىردەم يەركەن بولسا، بىردەم قەشقەر بولۇپ ئۆزگىرىپ تۇرغان. ھەتتا بەزىدە ئاقسۇمۇ بىرنەچچە قىتىم مەركەز بولغان، لېكىن ئاساسلىق مەركەز يەنىلا قەشقەر بولغان، چۈنكى يەركەن چوڭ شەھەر بولسىمۇ، ياقۇپبەگ قەشقەرنى ئۆزىنىڭ پايتەختى قىلغانلىقتىن، بۇ شەھەرنىڭ نامى پۈتۈن ئاسىياغا پۈر كەتكەن.
قەشقەر، مۇشۇ رايوننىڭ شىمالىدىن ئېقىپ ئۆتۈدىغان قىزىل دەرياسى بويىدىكى بىر تۈزلەڭلىككە جايلاشقان. شەھەرنىڭ نېرىراقى تاغلىق رايون بولۇپ، يىراق-يىراقلارغا نەزەر سالغاندا، تەڭرىتاغنىڭ قارلىق چوققىلىرى ۋە ئاقساي ئېگىزلىكى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. بۇ شەھەرنىڭ ئاھالىسى ئاران 300 مىڭ بولسىمۇ، ھازىر بۇ مەركىزىي شەھەرنىڭ بازار ۋە كارۋان سارايلىرى باشقا ھەرقانداق شەھەرنىڭكىدىن ئاۋات. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ جاي رۇسىيە بىلەن سودا-سېتىق قىلىشقاندىن كىيىن يەنە مەلۇم دەرىجىدە جانلانغان بولسىمۇ، لېكىن مەيلى قوقەندىن كەلگەن سودىگەرلەر بولسۇن ياكى غۇلجىدىن كەلگەن سودىگەرلەر بولسۇن، ئۇلارنىڭ ناھايتى ئاز ساندىكىلىرىلا بۇ شەھەرنىڭ ئىچكىرىرەك جايلىرىغا بارالايتتى. بۇ شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قىزىل دەرياسىغا ياغاچتىن كۆۋرۈك سېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ شەھەردە تېشى كۆركەم ۋە ئىچى ئازادە ئىمارەت يوق دىيەرلىك. ئەمىرنىڭ ئوردىسى شەھەرگە بەش مىل كېلىدىغان يېڭىشەھەرگە جايلاشقان. ئوردىنىڭ ئۆزى قاتمۇ-قات ئىمارەتلەردىن تەركىپ تاپقان ناھايىتى سۈرلۈك بىر ھەربىي قەلئە بولۇپ، تاشقىرىقى ھويلىدا ئوردا مۇھاپىزەتچىلىرى ۋە ئوردا ئەمەلدارلىرى تۇراتتى. ئەڭ ئىچكىرىكى ھويلا باشقا ئىمارەتلەردىن ئايرىۋىتىلگەن بولۇپ، بۇ يەر ھۆكۈمراننىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ياشايدىغان ھەرەمخانا ئىدى. قوبۇلخانا بۇ ئىمارەتلەر بىلەن تۇتاش بولۇپ، تەنتەنە بىلەن كۈتۈۋېلىشقا تېگىشلىك بولغان چەتئەللىك مېھمانلارنى ھۆكۈمران مۇشۇ قوبۇلخانىدا ھۆرمەت بىلەن قوبۇل قىلاتتى. قەشقەر ئەزەلدىن كۆپلەپ ئەسكەر تۇرغۇزۇلۇپ كەلگەن بىر قەلئە بولسىمۇ، ئەمدى ئۇنىڭ ئۆتمۈشتىكى قۇدرىتىنىڭ قالدۇق ئىزلىرى سۈپىتىدە پەقەت ئەسكى تاملىرىلا قالغان. شۇڭا قەشقەر ھازىر، مەيلى چوڭ يولنى بويلاپ بولسۇن ياكى قوقەن ۋە ياكى غۇلجىدىن تاغ ئېشىپ كەلگەن تاجاۋۇزچى بولسۇن، ھەرقانداق تاجاۋۇزچى ئالدىدا قول باغلاپ تۇرىدىغان دەرۋازىسى ئوچۇق، پۈتۈنلەي مۇداپىئەسىز شەھەر بولۇپ قالغان. لېكىن ياقۇپبەگ قەشقەرنىڭ جەنۇبىغا بەش مىل كېلىدىغان يېڭىشەھەرگە بىر قەلئە ياسىتىپ، ئۆزىنىڭ بارلىق مۈلۈك بايلىقلىرىنى ئاشۇ يەردە ساقلىغان. بۇ قەلئەنى قەشقەرنىڭ قاراۋۇل شەھىرى دېيىشكە، شۇنداقلا ھۆكۈمراننىڭ ئوردىسى دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ. يېڭىشەھەرنى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھۆكۈمرانى ئۆزىنىڭ چەكلىك مالىيە كۈچى بىلەن ياساتقانلىقتىن، ئۇنى تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان ھەربىي ئىنشائات دېگىلى بولمايدۇ، ئۇزۇن زامانلاردىن بۇيان ئەنجان ۋە قوقەندىن ئۈزلۈكسىز ھالدا قەشقەرگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان سودىگەرلەر بۇ شەھەردە ناھايىتى مۇھىم بىر سىنىپ بولۇپ شەكىللەنگەن. بۈزرۈكخان خوجا بىلەن ياقۇپبەگ بۇ يەرگە ئەڭ ئاساسلىقى مۇشۇ سودىگەرلەرنىڭ ياردىمى بىلەن بېسىپ كىرەلىگەن. لېكىن ياقۇپبەگنىڭ ئۆز ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقىدىنمۇ ياكى باشقا سەۋەبتىنمۇ ئەيتاۋۇر، سودىگەرلەر سىنىپى كېيىنكى ئەھۋاللاردىن ناھايىتى نارازى بولغانمىش. ياقۇپبەگنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى قەشقەر گەرچە ماركوپولو ۋە ئۇنىڭدىنمۇ ئىلگىرى ئۆتكەن جۇڭگولۇق سەيياھ شۇەنزاڭ ئەينى ۋاقىتتا ماختىغاندەك ئاۋات بولمىسىمۇ، ھەرھالدا يەنىلا خېلى باياشاد بولۇپ، شەرىقى تۈركىس-تان ۋە غەربىي تۈركىس-تاننىڭ ھەرقانداق بىر شەھىرىدىن قېلىشمايدۇ، كىشىلەرنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلكى بۇ يەردە بىز مىسال قىلىپ كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان شەھەرلەرنىڭكىدىنمۇ كۆپرەك كاپالەتكە ئىگە.
يەركەنگە بارىدىغان يولنىڭ يېرىمىدا ئىلگىرى ھەربىي ئىشلار ۋە سودا ئىشلىرىدا مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كەلگەن يېڭىسار دېگەن شەھەر بار. ھازىر بۇ شەھەر چۆللىشىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ھەربىي جەھەتتىكى ئورنىنىڭ مۇھىملىقى ۋە يېرىنىڭ ئالاھىدە مۇنبەتلىكى تۈپەيلىدىن، ئۆتكەنكى ئۈستۈنلۈكىنىڭ بىر قىسمىنى ساقلاپ كەلگەن.
يەركەن قەشقەرنىڭ شەرىقى جەنۇبىغا، ئۇدۇل ھېسابلىغاندا قەشقەردىن تەخمىنەن 80 مىل كىلىدۇ، يول بىلەن ماڭغاندا تەخمىنەن 120 مىل كېلىدۇ، ئۇ ھازىرغا قەدەر شەرىقى تۈركىس-تان بويىچە ئاھالىسى ئەڭ كۆپ شەھەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. يەركەن دەرياسىنىڭ ياقىسىدىكى تۈزلەڭلىككە جايلاشقان بۇ شەھەرنىڭ ئايلانمىسى تۆت مىل كېلىدىغان مۇستەھكەم سېپىلى ئۇنىڭ ئۆتمۈشتىكى قۇدرىتىگە گۇۋاھلىق بېرىپ تۇرىدۇ. بۇ شەھەر جۇڭگولۇقلارنىڭ قولىدىكى شەھەرلەر ئىچىدە ئەڭ گۈللەنگەن ئاۋات شەھەر دېيىشكە ئەرزىيدۇ. لورد دوگلاس. فورسېتنىڭ مۆلچەرىچە، بۇ شەھەرنىڭ ھازىرقى نوپۇسىمۇ 40 مىڭدىن ئاشىدىكەن، شەھەر ئەتراپىدىكى جايلارنىڭ نوپۇسىنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا ئومۇمى نوپۇسى 200 مىڭغا يېتىدىكەن. شەھەرنى كەڭ بەلباغدەك ئوراپ تۇرغان مېۋىلىك باغلار بۇ يەرگە ناھايىتى ئاۋات، گۈللەنگەن بىر مەنزىرە بېغىشلايدۇ. مۇشۇ باغ-ۋارانلار سەيياھلارنى ئەينى زاماندا بۇ يەرنىڭ بايلىقلىرى ئۈستىدە ئارتۇقچە يۇقىرى باھا بېرىدىغان قاراشقا كەلتۈرۈپ قويغان بولۇشى ئېھتىمالغا بەكمۇ يېقىن. شەھەر كوچىلىرىدا سېتىلىۋاتقان ھەر خىل مېۋەلەر، ئوزۇق-تۈلۈكلەرنىڭ موللىقىدىن باشقا، يەنە كەڭ كۆلەملىك، ناھايىتى نۇرغۇن تاپاۋەتلىك كۆن-خۇرۇم سودىسىمۇ بولۇپ تۇرىدۇ. يەركەن بۇنداق تاۋارلارنى تامامەن دېگۈدەك مونوپول قىلىۋالغان. بۇ شەھەرنىڭ كۆن-خۇرۇمغا بولغان ئېھتىياجىمۇ ناھايىتى چوڭ، ئەمىر ھەر يىلى ئۆزىنىڭ ھەربىي قوشۇنىنىڭ ئۆتۈك، ئېگەر-جابدۇقلىرى ئۈچۈنلا نۇرغۇن كۆن-خۇرۇم ئېلىپلا قالماي، نۇرغۇن ئەسكەرلىرىنىڭ كىيىمىگىمۇ كۆن-خۇرۇم ئىشلىتىدىكەن.
يەركەن گەرچە مۇشۇ باياشاد رايوندىكى ئاساسى بازارلارنىڭ بىرى، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ئاھالىسى باي ۋە روھلۇق بولسىمۇ، لېكىن ھازىر كىشىلەر ئارىسىدا، مەركەز قەشقەرگە يۆتكەلگەن ۋە جۇڭگولۇق سودىگەرلەر جۇڭگو ھۆكۈمرانلىرى بىلەن بىللە كۆزدىن يۇقالغاندىن كېيىن، بۇرۇنقى ئاۋات يەركەن چۆللىشىپ، خۇددىي يېزا بازارلىرىغا ئوخشاپ قالدى، دەيدىغان قاراش خېلى كۈچىيىپ قالغان. بەزىلەر شۇ جايدىكى ئوقۇمۇشلۇق بىر سودىگەردىن ئۇنىڭ جوڭگۇلۇق ھۆكۈمرانلار ۋە يەرلىك ھۆكۈمرانلار ئۈستىدە قانداق قاراشتا ئىكەنلىكىنى سورىغاندا ئۇنىڭ تۆۋەندىكى جاۋابىدىن ئۇنىڭ «جۇڭگولۇقلار باشقۇرۇشقا ماھىر» دېگەن قاراشتا ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن. ھېلىقى سودىگەر مۇنداق دەپ جاۋاپ بەرگەن: «سىز ھازىر بۇ بازاردا كۆرۈۋاتقان ئەھۋال خىتايلار («خىتاي» دىگەن ئاتالغۇ ئەسلىدە تارىختىكى «قىتان» دېگەن ئاتالغۇنىڭ ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، چەتئەللىكلەر ئۇنى «كىدان»، «كىتاي» دەپ ئىشلىتىدۇ. يېقىنقى زاماندا «خەنزۇ» دېگەن ئاتالغۇ ئومۇملىشىشتىن ئىلگىرى، خىلى ئۇزاققىچە «خىتاي» دېگەن ئاتالغۇ قوللىنىپ كەلگەن ئىدى. ئاپتۇر ئۆز ئەسىرىدە خەنزۇلارنى ئەينى زاماندىكى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىق قىلغان چاغدىكى جۇڭگودىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن، «خىتاي» دەپ ئاتىغان. تەرجىمىدە ئەسەرنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بۇ ئاتالغۇ ئەينەن قوللىنىلدى. – مۇھەررىردىن) بار چاغدىكى ئەھۋالغا تامامەت ئوخشاشمايدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، دېھقانلار توخۇ-تۇخۇملىرىنى، پاختا، يىپ-ماتالىرىنى، كالا-قوي، ئات-ئېشەكلىرىنى شەھەرگە ئەكىلىپ ساتىدۇ. بازاردىن قايتاشىدا چىت-شاتۇۋا، تۇماق-تەلپەك، ئۆتۈك-مەسە ۋە ئۆزلىرىگە لازىملىق نەرسە-كېرەكلەرنى ئېلىپ، ئوبدان غىزا يەپ قايتىدۇ؛ بىز ماللىرىمىزنى يىغىشتۇرۇپ، رەتلەپ، دۇكانلىرىمىزنى تاقاپ، چۆپقەتلىرىمىزنىڭ كىلەركى بازار كۈنى يەنە كېلىپ سودا-سېتىق قىلىپ كېتىشىنى كۈتىمىز. مۇشۇ ئارىلىقتا بەزىلىرىمىز ھەتتا ئاز-پاز مال ئېلىپ، سەھرادىكى چار بازارلارنىمۇ چۆگىلەپ كېلىمىز. ئەمما چوڭ سودا يەنىلا شەھەرنىڭ بازار كۈنىدە بولىدۇ. «خىتايلار» دەۋرىدە، ئەھۋال پۈتۈنلەي باشقىچە ئىدى. ئۇ زامانلاردا ھەر كۈنى بازار بولۇپ تۇراتتى، بازار كۈنى تېخىمۇ قىزىپ كېتەتتى. ئۇ چاغلاردا بىر قازى ئالتە رەئىسنى ئەگەشتۈرۈپ كېلىپ، كىشىلەرنى ئۇرۇپ نامازغا ھەيدەيدىغان، ئاياللارنى كوچىلاردىن قوغلايدىغان ئىشلار يوق ئىدى؛ ئۇ چاغلاردا بەزى ئادەملەر ھاراق ئىچسىمۇ ياكى ھارام گۆشلەرنى يېسىمۇ دەررە يېمەيتتى. ئۇ چاغلاردا يەنە قىزىقچىلىق قىلىدىغان موللاقچىلار، دارۋازلار، پالچى-رەمباللار، مەدداھلار ئۆز ماھارەتلىرىنى كۆرسىتىپ، كىشىلەرنىڭ ئىچ پۇشۇقىنى چىقىراتتى. دۇكانلارنىڭ ئىشىكلىرىگە خىلمۇ-خىل تۇغ-ئەلەملەر ۋە رەسىملەر ئېسىلاتتى. ھاجەتمەنلەرنىڭ كۆڭلىنى ئالىدىغان، ئۇپا-ئەڭلىك سۈرتكەن، تاۋار-دۇردۇن كېيىملەرنى كىيگەن نازىنىن سەتەڭلەرمۇ بار ئىدى». بۇ سودىگەردىن يەنە ئاشۇ تۈزۈم شارائىتىدىكى ئەخلاقسىزلىقنى ھازىرقى ئاتالىق غازىنىڭ قاتتىق مۇسۇلمانچىلىق تۈزۈمىدىكى ئەخلاق بىلەن سېلىشتۇرۇشقا بولماس؟ دەپ سورالغاندا، بۇ سودىگەر: «شۇنداق، سېلىشتۇرۇشقا بولماس. ئۇ چاغلاردا لۈكچەك، بەڭگى-قىمارۋازلار تولا ئىدى؛ بەزىلەر قاتتىق مەست بولۇپ قالسا، يانچۇقچىلار ئۇلارنىڭ يانچۇقلىرىنى قۇرۇغداپ قوياتتى. لىكىن بۇ ئىشلار ھازىرمۇ تۈگەپ كەتكىنى يوق. لېكىن ئىلگىرىكىدەك ئاشكارا ئەمەس، چۈنكى ھازىر ئىسلام دىنى ھۆكۈم سۈرىدۇ. ئۇنىڭ قائىدەلىرىگە قاتتىق ئەمەل قىلماي بولمايدۇ» دەپ جاۋاپ بەرگەن.
بۇ تولىمۇ ئوبرازلىق گۇۋاھلىق بولۇپ، ئىككى خىل ھۆكۈمرانلىق تۈزۈمىنى بەزىبىر توقام كىتابلاردىكىدىنمۇ ئېنىقراق سۈرەتلەپ بېرەلەيدۇ؛ ئەمدى بىز باياقى تېمىمىزغا قايتىدىن كەلسەك، يۇقۇرىقى بايانلار جۇڭگولۇقلار بۇنىڭدىن 15 يىل ئىلگىرى قوغلاپ چىقىرىلغاندىن كېيىن، يەركەننىڭ بايلىقى ۋە نوپۇسىنىڭ كېمىيىپ كەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ.
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
بۇ كىتاب «نىدا تورى»غا مۇشۇنچىلىك يوللانغان.
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
شىنجاڭ نىداسى تور گۇرۇپپىسىدىن ۋەتەنداش «نىدا تورى»غا يوللىغان
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


بۇلۇۋەرسە ئىتقا باش ئارسلان،بۇلۇر ھەممە ئىت ئارسلانسىمان.ئەگەر بولسا ئىت ئۇ ئارسلانغا باش،بۇلۇر ئارسلانلار ھەم ئىتتەك ھامان.

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 1786
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8416
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 230 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-12 02:30:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن بوپ كىتىشىدىن پاناھ تىلەيمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80429
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3057
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2012-5-21
ئاخىرقى: 2013-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-12 04:30:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئا ۋۇ ئا دەملەر نىڭ مەي دىسدىكى ئور دىنلار غا قاراپ بېقىڭلار .ئۇلار چار پادىشا ۋاقتىدا .تەيىنلەنگەن ئۆزبېكلەر كەن .سەمەر قەنىتتىن بىر كۈرۈنۈشمۇ بار ئىكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 972
يازما سانى: 276
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2880
تۆھپە نۇمۇرى: 360
توردا: 722 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-12 07:50:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
german يوللىغان ۋاقتى  2013-6-12 02:59 AM
ئاپتورى:
چارلىز. بولگېر (ئەنگىلىيە)
*****************

نىمىشقا مۇشۇنداق مۇھىم ماتىريال تىما قىلىپ يوللانمايدۇ؟

ھاياتلىغىمىزدا قىلغان ئشلىرىمىزدىن مەڭگۇ ئەكىس سادا ياڭرايدۇ.
ئشىتلىرى ھۆكىرەيدۇ تاشلىرى باغلاغلىق.......
سىزنى قانۇن قوغدايدۇ،قانۇن قامۇسىدىكى خەتلەرگە جان كىرگىچە ساقلاپتۇرۇڭ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش