hasratjan يوللىغان ۋاقتى 2013-6-8 11:25 PM
ئانا تىلىمىز بىز يۇقالساق يۇقىلدۇ بۇلمىسا ھەرگىز ئانا ...
گېپىڭىز خاتا بولۇپ قالدى! بىز يوقالمىغان بىلەن تىلىمىز يوقۇلۇشقا باشلىدىغۇ؟ بىز يوقالمىغان بىلەن، شۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىگىسى بولغان بىز، شۇ ئانا تىلىمىزنى ئىشلەتمىسەك، بالىلىرىمىزنى خەنچىگە بېرىۋاتساق، شۇ خەنچىدە ئوقۇۋاتقان بالىلىرىمىز ئانا تىلنى بىلمىسە، بالىلىرىمىز ئانا تىلىنى بىلمىسە، بالىلىرىمىزنىڭ بالىلىرى ئانا تىلىنى بىلىشى مۈمكىنمۇ؟ بىزغۇ ئانا تىلنى بىلىدىكەنمىز، لېكىن بىز بۇ دۇنياغا باقىۋەندى ئەمەستە؟ تىل بىلىدىغانلار ئۆلۈپ تۈگىسە، تىلنى داۋالاشتۇرغۇچى بولغان ۋارىسلار، ئانا تىلىنى بىلمىسە تىل يوقالدى دىگەنلىك بولماي نىمە؟ ھازىر جەمىيەتكە نەزەر سالىدىغان بولساق، 90% ئۇيغۇر چالغۇت تىلدا سۆزلىشىدىكەن، خەنچىنى ئارلاشتۇرمىسا سۆزلىيەلمەيدىكەن، مۇشۇ ھالەتتە تۇرۇپ يەنە تىلىمىز يوقالمايدۇ دەپ ئاغزىمىزنى تاتلىق ئېتىپ يۈرىۋېرىمىزمۇ؟ ئانا تىلىمىزنىڭ يوقۇلۇشىغا ئۆزىمىز سەۋەپ بولىۋاتىمىز! ئانا تىلنى قوغداش ، ئۆزىنى ئۇيغۇر دەپ ئاتايدىغان ھەر بىر ئىنساننىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى! ئانا تىلنى يوقاتقانلىق ئانىسىنى يوقاتقانلىق! ۋىجدانىنى يوقاتقانلىق! غۇرۇرىنى يوقاتقانلىق! مىللىتىنى يوقاتقانلىق!!!!!!!!!!!!!!!!!
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، ئانا تىلدا سۆزلىشەيلى! پەرزەنتلىرىمىزنى ئانا تىل مەكتەپلىرىگە بېرەيلى! ئانا تىل قۇرۇلۇشى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسىمىزنى قوشايلى! «ئانا تىلىمىز يوقالمايدۇ» دەپ قۇرۇق شۇئار توۋلاپ قويۇپ خەنچە سۆزلىشىپ يۈرىۋەرمەيلى! ھەممە ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى! ................
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا asma0996 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-9 01:36 PM