qayan444 يوللىغان ۋاقتى 2013-6-7 10:14 PM
ياخشى پەرەز قىلىپسىز ،
بىراق بىر نەرسىنى ئەسكەرتىپ ق ...
بىراق بىر نەرسىنى ئەسكەرتىپ قوياي قۇمسېغىر ئەمەس ‹‹قۇمساق›› دەپ ئاتاڭ بۇ نام مەنچە ئىنتايىن مۇھىم ،بىلىشىمچە قەدىمى يەر جاي ئاتالغۇللىرىدىن بىلىشىمچە قۇمساق دىگەن بۇ سۆز ئەسلى قۇساك بولۇپ (ساك) سۆزى قەدىمدە ئۇيغۇر قەبىلىللىرنىڭ ئىچىدىكى ساك قەبىلىسى بولغاچقا يەنە بىرگە يۇرتنىڭ شەرق تىرىپىدىكى يەنى مۇرتوم مۇنارى بار تەرەپتىن قۇم سۆزى قېتىلىپ كىيىنچە ئۆزگۈرۈپ قۇمساق دەپ ئاتالغان دىگەن قاراش بار، ھىلىمۇ ھەم شۇنداق ئاتىلىدۇ.
ئىككىنچىسى سىز گە بىر ماتىرىيال بولۇپ قېلىشى مۇمكىن
============================================
بۇ پىكىرگە قوشۇلىمەن، ساكلار خۇددى قارلۇق، ياغما قەبىلىسىگە ئوخشاشلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق قەبىلىلىرىدىن بىرى، كونىشەھەر ۋە ئاتۇشتا توققۇزاق(توققۇز ساك)، ئوغۇساق(ئوغۇز ساك)، تۆگىساق(تۈگە ساك) ئېكىساق(ئىگە ساك) قاتارلىق يەر ناملىرى ھازىرمۇ مەۋجۈت. بۇ تورداش دىگەندەك ساك سۆزى بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.
مۇرتۇم مۇنارى توغرىسىدا ھازىر خىلمۇ-خىل قاراش بار، بەزىلەر بۇ مۇنارنى ئوت يېقىپ بەلگە بېرىدىغان مۇنار دىسە، بەزىلەر قارىخانىلار دەۋرىدىكى باجخانا (باجگىرلارنىڭ خىزمەت ئورنى) دەيدىكەن، يەنە بەزىلەر بۇنى تەكشۈرۈش پونكىتى دىسە، بەزىلەر ھەتتا كونا خۇمدان دەيدىكەن، ئەمما خەنزۇ تارىخچىلار بۇنى ئىزچىل تۈردە بۇدداھ مۇنارىسى دەپ قاراپ كەلمەكتە. بۇنى يەنىمۇ تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاشقا توغرا كېلىدۇ.