مانچە تىل بىلگەنگە تەرەققىي قىلىدىغان ئىش بولسا ئافرىقىلىقلار قالتىس تەرەققىي قىلىپ كەتسە بولاتتى، خەنچە بىلگەنگە كاتتا مەدەنىيەتلىك بولىدىغان ئىش بولسا، ئىچكىرىدىكى بەزى مەدەنىيەتسىز بەسەيلەر قۇرۇت قۇڭغۇز، بالىياتقۇ ھەمرىيى يېمەي، ئادەمدەك ياشىسا، تازىلىقتا ئۇيغۇردىن پاكىز بولسا بولاتتى.
بۇ يەردە (تۈركىيەدە) ئوقۇۋاتقان نۇرغۇن ئافرىقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى تونۇيمەن، ھەممىسى ئېنگىلىزچە، فرانسورچە دېگەننى تېتىۋېتىدۇ، ئەڭ ئاز ئۈچ تۆت تىلنى راۋان بىلىدۇ، ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، ئۇلارنىڭ دۆلىتىدىكى مائارىپتا تىل ئوقۇتۇشىغا بەك ئەھمىيەت بېرەرمىش، بىراق ئۇلارنىڭ ئەمىلىيىتىگە قاراپ باقسام، تىل بىلگەنگە ھېساپ ئەمەسكەن. ... غەيۋەت قىلماي بولدى.
خەنلەر بىزنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىپ بولالماي بەك جاپا تارتىپ كېتىۋاتىدۇ، ماۋۇ تېمىنى ۋە ئاشقۇن مىللەتچى خەنلەرنىڭ ئىنكاسلىرىنى ئوقۇپ بېقىڭلار
http://www.2muslim.com/forum.php?mod=viewthread&tid=479536