زور ئىلگىرىلەش بارغۇ بۇ ساندا ، بولۇپمۇ باھالىغۇچىلارنىڭ سەرخىلىنى تاللاپتۇ .
گىرىمغا كەلسەك ، قېنىق ئەمەسقۇ ؟ سەھنىگە نىسبەتەن نورمال بوپتۇ دەپ ئويلىدىم .
قەغەز يەيدىغان يەردە بەك كۈلىۋەتتىم رىياسەتچىگە قاراپ ...
قەغەزنى مەن يەپ باققان ئىمتىھاندا كۆچۈرگىنىم ئاشكارىلىنىپ قالاي دېگەندە ... قەغەز بەك سېسىق ھەم ئاچچىق ...
ئەسلى زۇلھايات چىمپىيون بولسا بولاتتى . چۈنكى ئاۋازمۇ چىرايلىق ، ئۇسسۇلنىمۇ ياخشى ئوينايدۇ ، لەپەر دېگەنگە ھەر يوغان ئۆپكىلەرمۇ بەرداشلىق بېرىشى تەس ... بىز بۇرۇن تېلۋىزوردا كۆرگەن لەپەرلەرنى ئارتىسلار ئاۋازىنى يالغاندىن قويۇپ بېرىپ ، پەقەتلا ئۇسسۇلنىلا ئوينايتى ، ئەمما بۇ قىز ئىككىلىسىنى قىلىپمۇ بەك ھاسىراپ كەتمەپتۇ . ئەكىسچە بىللە لەپەر ئوينىغان ئارتىس رىنات بەكرەك تەرلەپ كېتىپتۇ .
چىمپىيون بولغان كىشىنىڭ ئاۋازىمۇ ياخشىكەن ، چالغۇنىمۇ چالدى ، بىراق ناخشىلىرى ئادەمنى بەكلا مەيۈس قىلىپ قويىدىكەن ، ئاھاڭى بىر خىللا ناخشا ئېيتىدىكەن . شۇڭا زۇلھايات چىمپىيون بولىشى كېرەكتى دەپ ئويلىدىم .