ئۇمۇ بىر ساختا ئالدامچىلىق يولى بار ئادەملەرنىڭ باللىرى ئىمتاھان قەغىزىنى ئاق بىرىپ چىكەتسىمۇ بولىۋىردۇ .
مەن بۇ گەپكە ئىشىنىمەن .
مەمۇرىلىق ئىمتىھانى بەرگەندە ئۇدۇلۇمدابىر باشلىقنىڭ كېلىنى ئولتۇرۇپتىكەن .‹ سىرتىدىن تونۇيتتۇم ›. ئىمتىھان قەغىزىنى تاپشۇردىغاندا قارىسام ئۇنىڭ سوئال قەغىزى ئاپئاقلا تۇرۇپتىكەن .
قانداق بولدى كېيىن ئۇمۇ ئىمتىھاندىن ئۆتۈپتۇ . مەنمۇ ئۆتۈپتىمەن .
يۈز تۇرانە ئىمتھانىغا يەنە بىللە قاتناشتۇق . ئۇنىڭدىنمۇ ئۆتكەن بولدۇق . كېيىن بىزنى قوبۇل قىلدىغان ئىدارىنىڭ باشلىقى يەنە ئايرىم يۈز تۇرانە ئىمتىھان ئالدى .
مەن ئۇنىڭ ئالدىدا كىرگەن . ئىدارە باشلىقى مېنى كۆرۈپ :سەن ...........نىڭ كېلىنىمۇ دەپ سورىدى . ‹ ياق ، مەن ئەمەس .ئۇ سىرتتا دىسەم .› ‹ ھە !› دىگەنتى .باشلىقنىڭ بۆلىمىدىن چىقسام مەندىن نېمە سوئال سورىغانلىقىنى سورىدى .
ئوقۇش تارىخى ئاندىن قانداق ئارتۇقچىلقم بارلىقىنى سورىدى، دىسەم ‹ مەندىن سورىسا تاماق ئېتەلەيمەن دىسەم قانداق بولا ؟ › دىگەنتى ‹ توۋۋا !!› دەپ ھەيران قالغاندىم .
كېيىن ئىككىمىز بىر ئورۇنغا تەقسىملەندۇق . بىراق ئۇ شۇ مەزكۇر ئىدارىغا ،مەن شۇ ئىدارىنىڭ قارمىقىدىكى بىر ئاساسى قاتلامدىكى ئىش بىجرىش ئورنىغا تەقسىملەندىم .
راست شۇنداقكەن . يولى بارلار قەغەزنى ئاق تاپشۇرسىمۇ ئوخشاشلا ئىمتىھاندىن ئۆتىۋېرىدىكەن . خىزمەتكە چىققاندىن كېيىمۇ ‹ ئىلغار خىزمەتچى› بولىدىكەن . شۇنىڭغا ماس ھالىدا ئەمىلىمۇ ئۆسىۋېرىدىكەن .
ھەي .........مانا بۇ جوڭگوچىلىق ....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zufri تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-9 04:28 PM