artilak يوللىغان ۋاقتى 2013-6-11 04:20 PM
ھەسەل ئادەتتە بىر نەچچە تۈرلۈك بولىدۇ :
1.يۈز پۇرسەنت سا ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. سىزنىڭ ھەسەلگە بولغان تونىشىڭىز بىر قەدەر ئاجىزكەن . سىز ھەرقانداق بىر ھەسەل ھەرە باققۇچىدىن سوراپ بىقىڭ. ھەقىقى ساپ ھەسەل تىمپىراتۇرا ئۇزۇن مۇددەت تۆۋەنلىگەندە كىرىستاللىشىدۇ( يەنى چۆكمە پەيدا بولۇپ قاتىدۇ) . ساختا ھەسەللەر تىمپىراتۇرا قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر بىرخىل ھالاتتە تۇرىدۇ.
ئەمدى ساختا ھەسەلگە كەلسەك بۇنىڭغا سۆڭەك يىلىمى ۋە شىكەر دىگەندەك باشقا نەرسىلەر قىتىلمايدۇ، بەلكى قوناق شىرنىسى دەيدىغان رەڭگى سۇدەك ، بەك قويۇق بولغان بولغان بىرخىىل ماتىرىيال بار شۇنىڭغا سۈپەتلىك ھەسەللەرنى قوشۇش ئارقىلىق ،تەم ىۇرۇشلىرنى ئارلاشتۇرۇپ ياسايدۇ.
ياڭيۇ بىلەن بىقىش مەسىلىسىدە ئۇنداق ئەمەس. ھەسەل ھەرىلىرى چىچەك پەسلىدە گۈل چىڭى يىغىش ئارقىلىق ئۇنىڭدىن ھەسەل ئىشلەپچىقىرىدۇ ۋە ئوزۇقلۇق تولۇقلايدۇ. قىش كۈنلىرى بۇ خىل ئوزۇقلۇق تولۇقلىغىنى بولمىغاچقا ھەسەل ھەرە باققۇچىلار شىكەر بىلەن ھەرىلەرنى بىقىپ ئۇلارنىڭ ئوزۇقلۇق مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ ۋە ھاياتىنى ساقلاپ قالىدۇ.
ساپ ھەسەل بىلەن ساختا ھەسەلنى پەرىقلەندۈرۈشنىڭ كۆپخىل ئۇسۇلى بار بولۇپ بۇنىڭدىن ئاددىيلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.
1. ھەسەلنى چىنىگە ئىلىپ ئۇنىڭ ئۈستىگە قايناق چاي قۈيساق چاينىڭ رەڭگە ھەسەلنىڭ رەڭگى بىلەن بىرخىل بولسا بۇ ساپ ھەسەل .ئەگەر چاي رەڭگە قارداپ كەتسە بۇ ساختا ھەسەل.
2. ھەسەلنى ئوتقا سالساق ئادەتتە بىنزىنغا ئوخشاش كۆيىدۇ، لىكىن ساختا ھەسەل سۇلياۋغا ئوشاش كۆيمەي تۇرۋالدۇ.
3. قەغەز ۋە ياكى تىرناق ئۇستىگە سۇيۇق ھەسەلنى قويسىڭىز يايراپ كەتمەيدۇ. يايراپ كەتسە بۇ ساختا ھەسەل.
تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشىنى ئۈمۇد قىلىمەن .
ئەگەر قەشقەر شەھرىدە بولسىڭىز بىز سىزنى ساپ ھەسەل بىلەن تەمىن ئىتىمىز.