kichikoghul يوللىغان ۋاقتى 2013-6-13 11:18 PM
بىر دېھقاننىڭ ئېتىزى ئۇ ھەرقانچە بىخەستىلىك قىلسىمۇ ب ...
سىز دىمەكچى ئاشۇ ‹‹دېھقان بولماق تەس››تىن باشلاپ ، ھەممە ‹‹تەس››لەرنى ‹‹ئاسان››غا ئالماشتۇرايلى دىمەكچىمۇ سىز ؟ئەمدى گېپىڭىزنى چۈشەندىم ، دېمىسىمۇ ھەممىنى ئېڭىمىزغا تەس دەپ سېڭدۈرۋالساق تېخمۇ تەس بۇلامىكى ...بايا سىزنى ئۇقماي پىپەن قىپ ساپتىمەن كەچرۈڭ ھە ... ماۋۇ گىپىڭىزنى قوللايمەن !!!! بىزدە دەل ھەممە نەرسە تەس بوپ كەتتى دىسە ...دىھقان بولماق مەنچە ھەم تەسمۇ ئەمەس ھەم ئاسان ئەمەس ... ئەمما سىز دىگەندەك شوپۇر ھادىسىدىن ، قاسساپ پىچاقتىن ، موزدوز بىگىزدىن ، ئاشپەز سىمىزدىن ، دېھقان ئاپتاپتىن ، باققال كاززاپتىن قورقۇپ يۈرسە ، ئامال يوق دىباۋ يەپ ئۆيدە ئۇخلىسا بۇلدۇ...
مەنمۇ دېھقاننىڭ بالىسى ئېتز ئېرىقتا ئىشلەپ چوڭ بولغان ، مەن 6،7 ياشتا بولسام بەك جاپا تارتاتىكەن ، ھازىر ھەر ھالدا ياخشى ، ئەمما مەن كەتمەننى تازا ياخشى چاپالمايتىم ، شۇڭا تۇققانلار كونا تەپەكۇر بۇيچە مىنى خىنىملارغا چىقىرۋەتتى ،ئەمما مەن يەنلا قايىل بولمايتىم ، كىيىن خەنچىنى تازا ياخشى ئۈگەندىم ،ماتىريال كۆردۈم ، تىلۋىزوردىن تېخنىكىلىق بېيىش توغۇرلۇق گەپ بولسا ئايماي كۈرەتتىم ... كىيىن بارا -بارا ئۆيدىكىلەرنى قايىل قىلىپ بىر تال كىچىكرەك دورا پۈركۈش ماشىنىسى ئالغۇزدۇم ئاندىن ، دۇرالارنى ئالغۇزۇپ چاچتىم،خەنچە ئۈگەنگىنىم پايدا قىلدى ، دورا تېشىدىكى چۈشەندۈرۈشنى ئايماي ئۇقۇدۇم-دە ،ھازىرغۇ ئۇيغۇر يېزىقىدا چۈشەندۈرۈشلەر ھەم بار .تۈۋىگە ئۇغۇتلارنى ئايماي بەرگۈزدۈم ، ھېلقى مەكتەپتە ئۈگەنگەن بىلىملەرنى ئەسقاتتى ، كىم دەيدۇ ئەسقاتمايدۇ دەپ ؟!! بۇنۇڭدىن ئۆيدىكىلەر شۇنداق خوش بولدى ، كىيىن مەندىن مەسلەھەت ئالدىغان بولدى ، شۇنىڭدىن باشلاپ ھېلقى تۇققانلارنىڭ ئېغىزى بېسقتى ...يەنە دىسەم گەپ جېق ، نۇرغۇن كىچىك چوڭ تېخنىكا بىلەن ........بۇرۇن كىچىكمدە كېپەزدىن ئوتترا ھېساپتا مورىغا 250جىڭ دىن ئاشمايتى ، مانا ھازىېر 650 جىڭدىن ئاشتى ، قارغاندا بۇ ھوسۇللارمۇ كۆپ ئەمەس ئىكەن ، ھازىرقى سېلىق ئالدىدا... ئەمما شۇكرى مۇشۇنچىلىك ئالماقنىڭ ئۈزى بىر ئىش دەڭلا كىپەز تېرىيدىغانلار بىلىدۇ ...
دىمەك تېخنىكىلىق دېھقان بولسا مەنچە ئۇنچە تەس ئەمەس دەپ ئويلايمەن(تەلىيىمزگە بۇ يەردە بالدۇر ئورغۇزۇپ ، مەجبۇرى تېرىتىدىغان ئىشلار يوق ، ئاللاھقا شۈكرى ، ھەمما دېھقان ئختىيا، شۇ ھېلقى ئەزخو ئابدۇريىم لەپپەڭنىڭ مەركەزگە 3 قېتىم بارغاننىڭ پايدىسى بۇ ) ... ھازىر باغ قىلىپ بىر يىلدىلا ماشىنىلىق بوپ بولغانلارمۇ بار ... ئەمما يەنىلا كەتمەن چاپقان نوچى دەيدىغان ساددا دېھقانلىرىمىزمۇ يوق ئەمەس ، ئۇنىڭغا قىغ تۈكۈپ سۇ باشلاپ قۇيۇش بىلەن بىرگە ئەھۋالغا قاراپ دورا پۈركۈپ ، ئەھۋالغا قاراپ ماس كەلگەن ئۇغۇتتا ئۇغۇتلاپ ، بەرسە مەنچە چوڭ چاتاق يوق دەپ قارايمەن ، ئەمما مۇشۇ يېقىندا غەلىتە ھاشارەتلەر كۈپۈيۈپ ئۇنىڭ دورىسى ئۈسۈپ چىقىمغا چىقىم قۇشۇپ ئاۋارە قىلۋاتىدۇ ...
قۇشۇمچە : چۈشتە ئىشلەيدىغان دېھقانلارغا تەكلىپ : سائەت 4لەردە بامداتتىن يېنىپ چىقساڭلار ئېتىزدا شەبنەم يوق ، سۈرۈن تازا ئىشلىۋالسىلەر ، كۈن قىىزىل بولغاندا شەبنەم چۈشىدۇ ، موتورىڭلارغا مىنىپ ناشتا قىلىپ چىقىپ يەنە ئىشلەپ 10 يېرملاردا قايتساڭلا ئاندىن ئوخشۇتۇپ لەغمەن يەپ چۈش پىشىنگىچە ئۇيقۇنى تۇلۇقلاپ ئۇخلاپ ، كەچقۇرۇن 4، 5 نىڭ ئالدى ۋە كەينىدە تىنجىق يانغاندا چىقىپ قايتا ئىشلەپ پولو پىشقاندا قايتىپ كەسەڭلا ، ئاپتاپتا ئېسىق ئۈتۈپ كىسەل بولمايسىلەر ، ئوخشاش ۋاقىت، تۈۋەن ، سالقىن ھاۋادا ئىشمۇ ئاينىيدۇ .... قانداق بۇلامدىكە ، بىز مۇشۇنداق قىلساق قوشنىلار بىزنى ئاپتاپتىن قاشقان ھۇرۇنلار دەپ قايناپ كەتتى بىزنىڭ قاچان چىقىنىمىزنى بىلمەيلا ، خۇددى ما مۇنبەردىكى بىر قىسىملاردەكلا.... كۈز بولغاندا ئاپتاپقا چىداملىقلارنى كۆردۇق ئالغان ھۇسۇلى چاغلىق ...ۋاي بەك جېقراق سۆزلەپ قاپتىمەنغۇ ....بولدى قىلاي...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ghalibjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-14 04:11 AM