Zulpikar گە
ياق ئۇنداق بولمايدۇ ئارلىق بەك يىراق .
بۇنداق كىچىك سەييارە ۋە مىتئورىتلارمۇ بىزنىڭ يەرشارىغا ئوخشاش قۇياشنى چۆرىدەپ ئايلىنىدۇ ، بىراق ئۇلارنىڭ ھەجىمى بەك كىچىك بولغانلىقى ئۈچۈن ، يەرشارىدا تۇرۇپ ئادەتتىكى كۆز بىلەن ئۇلارنى كۆرگىلى بولمايدۇ . ھازىرغىچە بىزگە مەلۇم بولغان ئەڭ چوڭ مىكرو سەييارىنىڭ دىئامېتىرى 935 كېلومېتىر ئەتراپىدا ، بەزى ئاستىرونوملار كىچىك سەييارىلەرنى ئاسمان ئەخلىتى دەپ ئاتايدۇ .
بۇنداق چوڭ-كىچىك ئەخلەتلەر جايلاشقان ئورۇن مارىس بىلەن يۇپتىرنىڭ ئارلىقىدا بولىدۇ .
بەزى كىچىك سەييارىلەرنىڭ نامىمۇ بار ، مەسلەن : پاللاس يۇلتۇزى ، سېراس ، ۋېستا ، ئېروس ، ئىكالۇس ، يۇنۇنا قاتارلىقلار بار .
ئادەتتە بىر كىچىك مىكرو سەييارە ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق توغرا قايتىپ كەلسە ، ئۇنىڭ ئوربىتىسىنى ھېسابلاپ چىققاندىن كىيىن ئۇنىڭغا مەڭگۈلۈك نامدىن بىرسى بېرىلىدۇ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا فىزىك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-14 12:21 AM