مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: bilimxumar

بىلىمخۇمار: مۇۋەپپەقىيەتنىڭ يېڭى تەڭلىمىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1314
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5090
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 473 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-13 10:27:27 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىمخۇمار ئەركىن سىدىق ئاكىمىز شۇمۇ؟

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82221
يازما سانى: 318
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 23074
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 613 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-13 01:50:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
25-يىلىدىن بۇرۇن، مەن «مۇۋەپىقىيەت تەڭلىمىسى» نى نىمە ئۈچۈن تۈزدۈم؟
— بىر ئوقۇرمەننىڭ سوئالىغا جاۋاب

2007-يىلى 10-نويابىر

بۇ جاۋابنى مەن جەسۇر ئەپەندىنىڭ سوئالىغا قارىتا يازدىم.  لېكىن، ئۇنىڭ ھازىر ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مۇنازىرىگىمۇ بەلگۇلۇك پايدىسى بار بولۇپ، باشقا تورداشلارنىڭمۇ بۇنى بىر قېتىم ئوقۇپ بېقىشىنى تەۋىسىيە قىلىمەن.

مەن 1976-يىلىدىن 78-يىلىغىچە يېزىدا قايتا تەربىيە ئېلىۋاتقاندا، ھېچ قانداق قىممىتى يوق بىر ئادەم ئىدىم.  كۈنىگە 10 سائەت ئەتىراپىدا ئىشلىگەن بولساممۇ، ماڭا بىر پۇڭمۇ پۇل بەرمەيتتى.  مېنىڭ ئىشلىشىم پەقەت ھەر كۈنى قوسۇغۇمنى تويغۇزۇپ، شۇ ئارقىلىق ھاياتىمنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، شۇنداقلا ئىككى يىلدىن كېيىن بىر ئىشچى ياكى خىزمەتچىلىك خىزمىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئىدى.  ئۇ چاغدا بىرەر جاننىڭ ئانچە قىممىتى يوق ئىدى.  ئەگەر مەن ئۆزەم چېنىقىۋاتقان كوناشەھەر ناھىيىسى بىلەن ئاقسۇ شەھىرى ئوتتۇرىسىدىكى 10 كىلومېتىر يولنى پىيادە بېسىش جەريانىدا بىرەر ۋەقەگە ئۇچراپ ئۆلۇپ قالغان بولسام، ئۆز ئاتا-ئانام ۋە تۇققانلىرىم مېنى ئىزدىگەندىن باشقا، يول بويىدا ياتقان مېنىڭ ئۆلۈگۈمنى كۆرگەن كىشىلەر مېنىڭ كىم ئىكەنلىگىمگە پەرۋامۇ قىلىپ قويمايتتى.  مېنىڭ كىم ئىكەنلىگىم، نىمە سەۋەپتىن ئۆلۈپ كەتكەنلىگىم بىرەر گېزىت خەۋىرىگىمۇ يارىمايتتى.

1978-يىلى 1-ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىگە ئوقۇشقا كىرگەندىن كېيىن، مەن ئۆزەم ئۈچۈن مۇنداق ئىككى پرىنسىپ تۈزدۈم.  بىرىنچى، ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى ئەڭ يوقۇرى دەرىجىدە ياخشى ئۆگۈنىش.  ئىككىنچى، ماڭا بېرىلگەن قوشۇمچە ۋەزىپىلەرنى ئەڭ يوقۇرى دەرىجىدە ياخشى ئىشلەش.  مۇشۇنداق قىلىپ ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن، مەن ئۆزەم بۇرۇنقىدىن ئانچە ئۆزگىرىپ كەتمىگەن بولساممۇ، مېنىڭ قىممىتىم پۈتۈنلەي ئۆزگەردى.  مەن ئارقا-ئارقىدىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىتتىپاق كومىتىتىنىڭ دائىمى ھەيئىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، ۋە مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرگە تەيىنلەندىم.  بېيجىڭگە ئايروپىلان بىلەن يىغىنغا بارىدىغان بولدۇم.  شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتى گېزىتى، شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى، شىنجاڭ رادىيو ئىستانسىسى، شىنجاڭ ياشلار ژۇرنىلى ۋە جۇڭگو خەلق گېزىتى قاتارلىق تەشۋىقات ئاپاراتلىرىدا كەڭ تەشۋىق قىلىندىم.  بۇ تەشۋىقلەردە ئېيتىلغان نەرسىلەر راس ئىدى. ئاساسەن مېنىڭ قانداق قىلىپ ئوقۇشتا ئەلا كېتىۋاتقانلىغىم، قانداق قىلىپ ئۆزلۈگۈمدىن ئىنگلىز تىلى ئۆگۈنىۋاتقانلىغىم، ھەم قانداق قىلىپ ئوقۇغۇچىلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەۋاتقانلىغىم توغرىسىدا ئىدى.  شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن جەمىيەت، بولۇپمۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار، ماڭا يۈكسەك دەرىجىدە ھۆرمەت قىلدى. مېنى ئىنتايىن قەدىرلىدى.  مەن تۇرىۋاتقان ياتاق مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىشخانىسى بولۇپ، ئۇ ئىشخانا بىر ئوقۇش بىناسىنىڭ ئىچىدە ئىدى. مەن بەزىدە ھاجەتخانىغا بارسام، مېنىڭ كېلىۋاتقىنىمنى كۆرگەن بەزى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار مېنىڭ تېخى خېلى يىراقتا ئىكەنلىگىمگە قارىماي، ھاجەتخانىغا كىرمەي، مېنى ئالدىدا كىرسۇن، دەپ ساقلاپ تۇراتتى.  مەن ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىپ كېتىشىنى قىلچىمۇ ياقتۇرمايتتىم.  ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشىنى مەن پەقەت ئۇلارنىڭ ماڭا كۆرسەتكەن ھۆرمىتى، مېنى قەدىرلىشى، دەپ چۈشىنەتتىم.  داۋاملىق ھاياجان ۋە خوشاللىق ئىچىدە ئۆتەتتىم. تۇرۇپ-تۇرۇپ كۆزۈمدىن تەسىرلىنىش ياشلىرى چىقىپ تۇراتتى.

شۇنىڭ بىلەن ئويلۇنۇشقا باشلىدىم: بۇ نىمە ئۈچۈن؟  ئالدىنقى ئىككى يىل ئىچىدە مەندىن ئىبارەت بىر ئادەم بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەندە ھېچ قانچە ئۆزگىرىش بولمىدى.  لېكىن مېنىڭ قەدرى-قىممىتىمدە غايەت زور ئۆزگىرىش بۇلۇپ كەتتى. بۇ نىمە ئۈچۈن؟  بۇرۇنقى مەن بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ھازىرنىڭ نىمىسى ئوخشىمايدۇ؟

مانا ئاشۇ سوئالغا جاۋاب تېپىش جەريانىدا، «مۇۋەپىقىيەت = تالانت + تىرىشچانلىق + پۇرسەت»، دىگەن تەڭلىمىنى تۈزۈپ چىققان ئىدىم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilimxumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-13 02:02 PM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ghalibjan + 10 راسلا ئەركىن سىدىق شۇ.
happy123 + 30 تەپەككۇر كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 40   باھا خاتىرىسى

ئادەم مەن دىگەن

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45094
يازما سانى: 405
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6730
تۆھپە نۇمۇرى: 588
توردا: 2917 سائەت
تىزىم: 2011-6-21
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-13 02:40:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لەكىن، شۇ سورۇندا ۋە باشقا جايلاردا كۆرۈشكەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ماڭا قارىغان ۋاقىتتىكى كۆز نۇرلىرى ۋە چىرايىدىكى ھېسسىياتلىرىدىن مەن ئۇلارنىڭ ئۆزۈمگە نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىنى بىلگەندەك بولدۇم. ئۇلار ماڭا: «بىزدىمۇ تالانت بار. بىزدىمۇ بىلىم ۋە ئىقتىدار بار. بىزمۇ قاتتىق تىرىشىشنى خالايمىز ۋە تىرىشالايمىز. بىزمۇ جاپا چېكىشتىن ئازراقمۇ قورقمايمىز. لېكىن، بىز نېمە قىلساق بولىدىغانلىقىنى بىلەلمىدۇق. بىزگە قانداق يول بارلىقىنى بىلەلمىدۇق. قانداق قىلساق ئاتا-ئانىمىزغا يۆلەنمەي جان باقالايدىغانلىقىمىزنى بىلەلمىدۇق. بۇ جەھەتتە بىزگە ياردەم قىلسىڭىز»، دېگەندەك قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن مەن ئىزچىل تۈردە ئويلاندىم. «بۇ ئىنى-سىڭىللارغا مەن نېمە ئىش قىلىپ بېرەلەرمەن؟» دەپ ئۆز-ئۆزۈمدىن داۋاملىق سوراپ تۇردۇم. ھازىرمۇ ھەم شۇنداق.
ئوزىمىزنى ئۇنتۇپ ئىشلىسەكمۇ كوپ ھاللاردا ماڭدامدا بىر دوقال ۋە توسالغۇغا ئۇچرايمىز ، قوللاش ۋە شارائىت بەك تار ،لېكىن دىگىنىڭىزدەك ھەرگىز توختاپ قالمايمىز ، بىر قەدەم ئىلگىرلىسەكمۇ ھېساپ ، ھېچقاچان ئىشەنچىمىزنى يوقاتمىدۇق ، ئېغىر خىياللاردىن ئوزىمىزنى سىلكىپ تۇردۇق ئىمكاننىڭ بارىچە .....
قەلىمىڭىز ئاددى ھەم چۇشۇنۇشلۈك ، ھەرقانداق ئادەم ھەزىم قىلالىغىدەك .سىزگە كوپ رەخمەت ، تېنىڭىزگە سالامەتلىك ئائىلىڭىزگە خاتىرجەملىك تىلەيمىز .

ئەڭ پاك ئادەم،ئەڭ ناپاك مۇھىتتىمۇ بۇلغۇنۇشتىن ساقلىنالىغان ئادەمدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82221
يازما سانى: 318
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 23074
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 613 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-15 01:00:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋۋۋ.مەرىپەت.كوم تور بېتى ھازىر ۋەتەندە نورمال ئېچىلىۋاتىدۇ

مەن ئۆزەمنىڭ ھەممە ماقالىلىرىنى ۋەتەندىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن تەييارلىغان. ئۇنىڭدىن قانچە كۆپ قېرىنداشلار پايدىلانسا، مېنىڭ ئەمگىگىمنىڭ نەتىجىسىمۇ شۇنچە زور بولغان بولىدۇ. شۇڭا ئۇ ماقالىلارنى ھەر خىل تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىش، ۋە ئۇلارنى ئېلكىتاپ قىلىپ ئىشلەشتە مەندىن ئىجازەت سوراشنىڭ ھاجىتى يوق.  www.meripet.com تور بېتى ھازىر ۋەتەندە نورمال ئېچىلىۋاتىدۇ. مېنىڭ بارلىق ماقالىلىرىم http://www.meripet.com/Sohbet/ دە بار. شۇڭا بىرەر ئۇكىمىز خالىسا، ئۇ ماقالىلارنىڭ ھەممىسىنى يۇقىرىقى تور ئادرېسىدىن كۆچۈرىۋېلىپ، ئېلكىتاپ قىلىپ تارقاتسا بولىۋېرىدۇ. رەخمەت.

www.meripet.com
http://www.meripet.com/Sohbet/

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 3615
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 10533
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 1551 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-16 02:24:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹   پۇرسەت   كۆز   ئالدىمىزدا  ،  پۇرسەت  يېنىمىزدا  ››بۇنداق  قۇرۇق  نەزەرىيەلەرنى
  تۇلا ئاڭلاپ   زېرىكتىم  .   
قۇرساق   بىلىم  بىلەن  تولغان  ،   قەلبىگە  يۈكسەك   غايىلەرنى  پۈكۈپ  تېرىشچانلىق
كۆرسەتكەن  بىلەن  ،   ئۆگەنگەنلىرىنى   ئىشلەتكۈدەك   مۇۋاپىق  مۇھىت ،  شارائىت
بولمىسا  بىكار .   


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ghalibjan + 10

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

مۇۋەپپىقىيەت  قازىنىش  ، مەن  توغۇلۇش  بىلەنلا  خۇدانىڭ
ماڭا   يۈكلىگەن   مەسئۇلىيىتىدۇر .

نەفس ھامان ھالاك

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41384
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2522
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 427 سائەت
تىزىم: 2011-5-20
ئاخىرقى: 2013-6-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-17 01:46:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىخلاس قىلغان ئادەم چۇقۇم نەتىجىسىنى كۆرىدۇ.

ھالال دائىرىسىنىڭ سىرتىدىكى ۋە ھارام دائىرىسىدىكى بىر لەززەت ئىچىدە مىڭلارچە ئەلەملەر باردۇر.ئۇنىڭ سېغىندۇرىشى بىر ئەلەمدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91586
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 174
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 52 سائەت
تىزىم: 2013-2-12
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-18 12:23:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىمخۇمار ئەپەندىم ، يازما بەكلا ئىسىل بوپتۇ، بىراق مۇۋەپپىقىيەتنىڭ  پورمىلاسىنى مەن ئىجات قىلغان دەپسىز، بۇمېنى سەل گاڭگىرىتىپ قويدى. بىلىشىمچە سىز دېگەن بۇ ‹ مۇۋەپپەقىيەت = تالانت + تىرىشچانلىق + پۇرسەت› پورمىلانى باشقا بىر ئىلىم ساھىبى ئىجات قىلغانغۇ دەمەن؟

تەبىئى پەن ئۈچۈن قىلىنغان ھەر بىر ئىزدىنىش پەرۋەردىگارنىڭ مۆجىزىلىرىنى بايقاش ۋە ئۇنىڭغا يىقىنلىشىتىن دېرەك بېرىدۇ. ____ ئارىپ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82221
يازما سانى: 318
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 23074
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 613 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-18 12:34:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئارىپ يوللىغان ۋاقتى  2013-6-18 12:23 PM
بىلىمخۇمار ئەپەندىم ، يازما بەكلا ئىسىل بوپتۇ، بىراق م ...

ئۇ تەڭلىمىنى مەن 1981-82-يىللىرى ئۈرۈمچىدە ئوقۇۋاتقاندا ئۆزەم يازغان.  ئۇ چاغدا بىزدەك ئۇيغۇر سىنىپتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن كۆرىدىغان ماتېرىياللار ئىنتايىن چەكلىك بولغاچقا، مەن ئۇ چاققىچە باشقا بىرەرسىنىڭ بىرەر تەڭلىمىسىنى كۆرۈپ باققانمۇ ئەمەس. سىز ئەڭ ياخشىسى ئاشۇ ئىلىم ساھىبى بىلەن ئۇنىڭ تەڭلىمىسىنى، ھەمدە ئاشۇ ئۇچۇرنىڭ مەنبەسىنى بۇ يەرگە يېزىپ قويۇڭ.  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91586
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 174
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 52 سائەت
تىزىم: 2013-2-12
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-18 12:38:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bilimxumar يوللىغان ۋاقتى  2013-6-18 12:34 PM
ئۇ تەڭلىمىنى مەن 1981-82-يىللىرى ئۈرۈمچىدە ئوقۇۋاتقاندا  ...

شۇنداقمۇ كەچۈرۈڭ ،مەن بۇ تەڭلىمىنى باش بىرسىنىڭ چىغى دەپ ئويلىغانتىم، يازما ۋە ئىنكاسلارنى ئوقۇپ سىزنىڭ ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم.

تەبىئى پەن ئۈچۈن قىلىنغان ھەر بىر ئىزدىنىش پەرۋەردىگارنىڭ مۆجىزىلىرىنى بايقاش ۋە ئۇنىڭغا يىقىنلىشىتىن دېرەك بېرىدۇ. ____ ئارىپ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش