كىم جاۋاپ بىرەلەيدۇ؟
قاسىم سىدىق
ھازىرقى زامان فىزىكىسى ۋەئالەمشۇناسلىغىدىكى «قارا ئۆڭكۆر»ۋە«غەيرى نۇقتا» ھەممە ئادەمگە تۇنۇشلۇق ئاتالغۇ.ھەممە نەزەريىلەردە دىگۆدەك(
خاۋكىڭ رادىياتسىيىسىنى نەزەرگە ئالمىغاندا) ئۇلارنىڭ تارتىش كۈچى بەك چوڭ بولۇپ،ئۇنىڭدىن ھىچنەرسە قىچىپ قۇتۇلالمايدۇدىيىلگەن.بولۇپمۇ«غەيرى نۇقتا»دا شۇنداق.لىكىن كىشىنى ھەيرەتتە قالدۇردىغىنى شۇكى،«ئالەم» بۇنىڭدىن 13مىليارىت 700مىليۇن يىل ئىلگىرى ئەشۇ«غەيرى نۇقتا»نىڭ پارتىلىشىدىن كىڭىيىپ ھازىرقى ھالەتكە كەلگەن دىيىلىدۇ.ئۇنداقتا شۇنداق چوڭ تارتىش كۈچىنىڭ تىزگىنلىشىىنى يىڭىپ «غەيرى نۇقتا»نى پارتىلىتىۋەتكەن «كۈچ»قايسى «كۈچ»؟،بۇنداق«كۈچ»بار دىيىلسە ئۇنداقتا«غەيرى نۇقتا»نى شەكىللەندۆرگەن «كۈچ»قايسى «كۈچ»؟.بۇ «كۈچ»لەرنىڭ چامىسىداۋە رولىدا قانداق پەرىق ھەم خاسلىقلار بار.مىنىڭچە بۇ بىر زىدىيەتلىك مەسىلە،مۇھاكىمە-مۇنازىرە قىلىپ باقساق.
霍金辐射_百度百科
ئەسكەرتىش:
1.بۇ ئالەمنىڭ يېشى يېڭىدىن بېكىتىلگەندىن بۇرۇنقى يازما.
2.قاراڭغۇ ئىنىرگىيە ئالەمنى كېڭەيتىش رولىغا،ئانتى تارتىش كۈچى رولىغا ئىگە ئىكەن،ئۇ ھالدا «غەيرى نۇقتا»ۋە"قارا ئۆڭكۆر" قانداق شەكىللىنىپ قالغان؟.
3.شەكىل نەزەريىسى ئالەمنىڭ كېڭيىپ -تارىيىشىنىڭ تۆپ سەۋەبىنى ماددىنىڭ ھەركەت شەكلىدىن ئىزدەيدۇ.شۇنداق قىلغاندىلا يۇقۇرقىدەك زىدىيەتلەردىن خالى بولغىلى بولىدۇ.
4.«قاراڭغۇ ئىنىرگىيە»ھەرگىز ئالەمنىڭ كېڭىيىشىنىڭ سەۋەپچىسى ئەمەس.ماسسا-ئىنىرگىيە ساقلىنىش قانۇنى نۇقتىسىدىن ئىتقاندا «قاراڭغۇ ئىنىرگىيە»كائىنات تارىخنىڭ ھەر قانداق پەيتىدە مەۋجۈت بولىشى كېرەك.ئالەمنىڭ كېڭىيىشىنىڭ ھەقىقى سەۋەبى چوڭ پارتىلاش ئىنىرىتسىيىسى.
بىلىمخۇمار ئەپەندىم،سىزنىڭ بۇ تېمىڭىز مىنى ئالاقىدار مەسىلىلەردە كۆز قارشىمنى ئوتتۇرىغا قويۇش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى،سىزگە رەھمەت.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-19 08:59 AM