مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: لوپنۇرى

بابۇر قانداق كېسەل بىلەن ۋاپات بولغان؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86661
يازما سانى: 172
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1269
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 231 سائەت
تىزىم: 2012-10-31
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-12 08:33:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھۇمايۇن ۋە ئەكبەر نامىلىق كىتاپنى كۆرۈپ چىقساڭلار بولدۇ ،ئاقساق تۆمۈر تۆمۈرلەڭ دىگەنلەر بىر ئادەم .
نەچچە يۈز يىل موڭغۇل ئاسلىماتسىيسىدە ياشىغان تۈرۈكلەر ئۆزىنى موغول دەپ ئاتىغان.
(بىزلەردىكى يات مىللەتلەرگە تىگىۋاتقان، نۇمۇس قىلماي ئۆزىنى مەن ئاۋۇ مىللەت دەپ مىللەتنىڭ يۈزىنى تۆكۈۋاتقانلارغا ئوخشاش).
ئۆزبەكلەرنىڭ ئايرىلىپ چىقشى  2-دۇنيا ئۇرشىنىڭ ئالدى كەينىدە رەسمى ئەمەلگە ئاشقان سىتالىننىڭ ۋە يەھۇدى پاپىللىرىنىڭ تۈرۈكلەرنى پارچىلاش ،شۇ ئارقىلىق ئىسلامنى پارچىلاش بۇ ئارقىلىق خىرىستىيان ھۆكۈمرانلىقنى دۇنياغا  خوجا قىلىش سۈيقەستى ئارقىلىق تۈرۈكلەر مانا بۈگۈنكىدەك پارچىلنىپ ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولالمايدىغان باسقۇچقا كەلگەن .
بۈگۈنكى دەۋىردىمۇ يات مىللەتلەرنى دوراپ ،ئۆز مىللىتىدىن ئۆز ئىتىقادىدىن تىنۋاتقانلارمۇ خۇددى تارىخىتىكى ئاسلىماتسىيگە بەرداشلىق بىرەلمىگەنلەرنىڭ روشەن سىلىشتۇرمىسىدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94841
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 749
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 307 سائەت
تىزىم: 2013-4-14
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-12 09:32:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
« بابۇرنامە » نى بارلىق قېرىنداشلىرىمنىڭ ئوقۇپ بېقىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن ، شۇ قەدەر ئىسىل كىتاب ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94936
يازما سانى: 446
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 264
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1003 سائەت
تىزىم: 2013-4-16
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-12 09:47:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىسرانىمدا مۇشۇنداق ئىزدىنىش، ئىجادىيەت خاراكتېرىدىكى تېمىلار كۆپەيسە بەك ياخشى بولاتتى... تېما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80903
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4732
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 176 سائەت
تىزىم: 2012-6-1
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-12 11:06:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ «باھادىرنامە»ناملىق رومانىنى ئوقۇپ بىقىڭلار،بابۇرغا ئائىت تەپسىلاتلار بار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92661
يازما سانى: 212
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 932
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 129 سائەت
تىزىم: 2013-3-4
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-12 11:58:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
12 يېشىدا تەخىتكە چىققان بابۇرنىڭ شۇ قەدەر شانلىق تارىخىغا ھەۋسىم كېلىدۇ........تېما ئگىسىگە رەھمەت

بىلىشكە ئالدىرمىدىم ،ئۆزى كېلىپ بىلدۈرۈپ قويار دەپ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14537
يازما سانى: 1244
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7001
تۆھپە نۇمۇرى: 1582
توردا: 10547 سائەت
تىزىم: 2010-10-19
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-13 12:20:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىندىستان فىلىمى: ئىمپىراتور ئەكبەر (ئۇيغۇرچە يېزىقلىق)



ئەركىنلىك، ئىتقاد،غورۇر،ئۆزلۇك

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 55283
يازما سانى: 220
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5471
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 892 سائەت
تىزىم: 2011-9-8
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-13 03:46:47 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەگەر تۈرك تارىخىدا تۇغلۇق تۆمۈر ۋە ئەمىر تۆمۈردىن كىيىن زور شۆھرەت قازانغان ئىمپىراتۇر بار دىيىلسە ئۇ شەكسىزكى بابۇردۇر
ئۇنىڭ قىنىدا دۇنيادىكى ئىككى چوڭ ئىمپىراتۇرنىڭ قىنى بار يەنى ئاتا تەرەپتىن تۇغلۇق تۆمۈرگە ،ئانا تەرەپتىن چىڭگىزخانغا تۇتشىدۇ.
ئۇ ئەلەمدىمۇ قەلەمدىمۇ تەڭ يىتىشكەن ئىستىدادلىق ،باتۇر ، ئىسلام  ئىتقادى كۈچلۈك ،دۇنيا تارىخىدا تۇنجى بولۇپ ئۆز تارىخىنى ئۆزى يىزىپ چىققان پادشاھ..

ئەركىنلىك، ئىتقاد،غورۇر،ئۆزلۇك

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 55283
يازما سانى: 220
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5471
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 892 سائەت
تىزىم: 2011-9-8
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-13 03:48:56 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بابۇرنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە
بابۇر 1530 - يىلى 12 - ئاينىڭ 25 - كۇنى ھىندىستاندا 48 يىشىدا ۋاپات بولىدۇ . بابۇرنىڭ ئۆلۈمى توغرىسىدا << ھۇمايۇننامە >> مۇنداق تەپسىلاتلار بار . 1530 - يىلىنىڭ مارت ئېيىدا بابۇر لاھۇردا بولىدۇ . قايتىشىدا دېھلىنىڭ ئەتراپىدا شىكار باھانىسى بىلەن ئىككى ئاي تۇرۇپ قالىدۇ . ئاۋغۇست ئېيىدا ئەگرەگە قايتىپ كەلگەندە تەخىت ۋارىسى ھۇمايۇننىڭ سەمبىھەلدە ئېغىر كىسەلگە مۇپتىلا بولغانلىقىنى ھەققىدە خەۋەر كىلىدۇ . ھۇمايۇننى دەريا بىلەن ئەگرە شەھىرىگە ئېلىپ كىلىدۇ . بابۇر تىۋىپلارنىڭ داۋالاشلىرى كار قىلمايۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ :<< ھۇماييۇننىڭ ئورنىغا مىنىڭ جىنىمنى ئال >> دەپ ئاللاغا چىن قەلبىدىن مۇناجەت قىلىدۇ . يىقىنلىرىنىڭ << كوھى نۇر >> ناملىق ئالماسنى خۇدا يولىدا سەدىقە قىلىش ھەققىدىكى مەسلىھەتلىرىنى رەت قىلىدۇ . ئۇ ھۇمايۇن ياتقان تەختىراۋاننى ئۈچ قىتىم ئايلىنىپ :<< مەنكى بابۇر جىسمى جانىمنى ھۇمايۇنغا بەخشەندە قىلدىم >> دەپ ئۈچ قىتىم تەكرارلايدۇ . گۈلبەدەن بىگىمنىڭ يىزىشىچە ، شۇ كۈندىن تارتىپ ھۇمايۇننىڭ كىسىلى ياخشىلىنىشقا باشلاپ ، بابۇرنىڭ مىجەزى بۇزۇلىدۇ . بابۇر شۇ ياتقىنىچە ئىككى ئاي ئورنىدىن تۇرالمايدۇ ، ۋە 1530 - يىلى 26 دىكابىر 48 يىشىدا ئالەمدىن ئۆتىدۇ .

ئەركىنلىك، ئىتقاد،غورۇر،ئۆزلۇك

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 55283
يازما سانى: 220
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5471
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 892 سائەت
تىزىم: 2011-9-8
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-13 03:59:08 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھەممەت زەھىررىدىن بابۇر شاھ  
سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى سۇلتان سەئىدخان ۋە مەشھۇر << تارىخى رەشىدى >> نىڭ يازغۇچىسى مىرزە ھەيدەر بىلەن بىر نەۋرە( چۈنكى بابۇرنىڭ ئانىسى قۇتلۇق نىگار خانىم ، سۇلتان سەئىدى خاننىڭ ئاتىسى سۇلتان ئەخمەتخان ، مىزا ھەيدەرنىڭ ئانىسى خوپنىگار خانىم ھەممىسى چاغاتاي ئەۋلادىدىن يۇنۇس خاننىڭ ئەۋلاتلىرى ) بولغان ، ئاقساق تۆمۈر ئەۋلادىدىن ئۇلۇغ << بابۇرىيلار ئىمپىرىيىسى >> نىڭ قۇرغۇچىسى ، ئىمپىراتۇر ، ئىمانى كامىل مۇسۇلمان سەركەردە ، دۇنيا تارىخىدا تۇنجى بولۇپ ئۆز تارىخىنى ئۆزى يىزىپ چىققان پادىشاھ مۇھەممەت زۆھۈرىددىن بابۇر 1483 - يىلى ھازىرقى ئۆزبىگىستان جۇمھىريىتىنىڭ فەرغانە ۋىلايىتىدە دۇنياغا كەلگەن . 
13 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ، ئوتتۇرا ئاسىيا مۇڭغۇل ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ چىڭگىزخاننىڭ ئوغلى چاغاتاي خاننىڭ باشقۇرۇشىدا ئىدى . 14 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە تۈركى قەۋىمدىن بولغان تۆمۈرلەڭ بۇ رايۇنلاردىمۇ ئارمىيە تەشكىللەپ << تۆمۈرىلەر ئىمپىرىيىسى >> نى قۇردى . بابۇر تۇمۇرلەڭنىڭ 6 - نەۋرىسى ئىدى .
 نەسەبى --- بابۇرنىڭ ئاتىسى ئۆمەر شەيىخ مىرزا ، ئۇنىڭ ئاتىسى ئەبۇ سەئىد مىرزا ، ئۇنىڭ ئاتىسى سۇلتان مۇھەممەت مىرزا ، ئۇنىڭ ئاتىسى مىرانشاھ مىرزا ، ئۇنىڭ ئاتىسى ئاقساق تۆمۈر .  

1494 - يىلى ئاتىسى ئۆمەر شەيىخ مىرزىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشى بىلەن ئەمدىلا 11 ياش كىرىپ تۆت ئاي ئاشقان بابۇر پەرغانە رايۇنىغا پادىشاھى بولۇپ قالىدۇ . بۇ ھەقتە بابۇر بابۇرنامىنىڭ دەسلەپكى قۇرلىرىدا مۇنداق گۇۋالىق بىرىدۇ :<< سەرۋەرى كائىناتنىڭ شاپائىتى ۋە چاھار يارى باسە پالارنىڭ ھىممىتى بىلەن سەيشەنبە كۈنى رامىزان ئېيىنىڭ بىشىدا تارىخ سەككىز يۈز توقسەن توققۇزدا ( يەنى مىلادى 1494 - يىلى ئىيۇندا ) پەرغانە ۋىلايىتىدە ئون ئىككى ياشتا پادىشاھ بولدۇم >> . بۇ ۋاقىت دەل پارچىلانغان تۆمۈرىلەر سۇلالىسىنىڭ مىرزىلىرى ئۆزلىرى ئىگەللەپ تۇرغان زىمىنلاردا ئۆزلىرىنى پادىشاھ دەپ ئىلان قىلىپ ، ئۆز - ئارا زىمىن ۋە ھاكىمىيەت تالىشىۋاتقان ، شۇنداقلا چاغاتاي نەسلىدىن بولغان خانلارمۇ ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە زىمىن كىڭەيتىۋاتقان ، يەنە بىر تەرەپتىن بولسا ئۆزبېك خانى شەيبانىخان كۈندىن - كۈنگە زورۇيۇپ ئۇلارنىڭ قولىدىكى بۇ زىمىنلارغا چاڭ سىلىۋاتقان دەۋىر ئىدى .
كىچىكىدىنلا ئات مىنىش ، ئوقيا ئېتىشقا ماھىر ، بىلىمگە ھىرىسمەن ، كىتاپخۇمار، سۆزگە ئۇستا بابۇر تەخىتكە چىقىشى بىلەنلا پەرغانە ۋىلايىتىنى قوغداش ئۈچۈن جەڭگە ئاتلىنىشقا مەجبۇر بولدى . ئۇ 1501 - يىلى پەرغانىدىن ئاتلىنىپ سەمەرقەندنى ئېلىشقا مۇيەسسەر بولغان بولسىمۇ لىكىن كىيىنكى قىتىملىق جەڭدە ياردەمسىز قىلىپ شەيبانىخاننىڭ كۇچلۇك ھۇجۇمىغا تەڭ كىلەلمەي بۇ رايۇندىن چىكىنىپ 1504 - يىلى كابول( ھازىرقى ئافغانىستاننىڭ مەركىزى ) ۋە غەزنىنى ئىشخال قىلدى . كابولنى ئىشغال قىلغان چاغدا 20 ياشقا كىرگەن تۇرقىدىن باتۇرلۇق ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ياش شاھزادە بابۇر كابۇلنى تايانچ بازا قىلىپ تۇرۇپ قوشۇنىنى بارغانسىرى زورايتتى ھەمدە ئۆز دۆلىتىنىڭ زىمىنىغا قانداق ھۆكۇمرانلىق قىلىش ۋە ئۇنى قانداق كىڭەيتىش توغرىسىدا چوت سوقۇشقا باشلايدۇ .

ئۇ 1506 - يىلى ھىراتقا بىرىپ خۇراسان مىرزىلىرى بىلەن شايبانىخانغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشقا ھەرىكەت قىلىدۇ ، لىكىن مۇۋەپپىقىيەت قازىنالمايدۇ . 1511 - يىلى ئىسمايىل شاھنىڭ ياردىمى بىلەن بۇخارا ، سەمەرقەنىد ، تاشكەند قاتارلىق جايلارنى ئىگەللىگەن بولسىمۇ ، كېيىن يەنە ئۆزبىكلەرنىڭ ھۇجۇمى سەۋەپلىك 1513 - يىل كابۇلغا چىكىنىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بۇ زىمىندىن ئۇمۇدىنى ئۇزگەن بابۇر چۆچەكلەردىكىدەك بايلىقلارغا تولۇپ تاشقان ھىندىستاننى ئېلىشقا بەل باغلايدۇ ۋە ھىندىستانغا يۇرۇش قىلىشقا ئاتلىنىدۇ . ئۇ ھىندى دەرياسىدىن ئۆتۈپ پەنجاپقا تۆت قىتىم ھۇجۇم قىلىدۇ ، شۇ چاغدا ھىندىستاننىڭ شەرت - شارائىتى بابۇر ئۈچۈن تولىمۇ قولاي ئىدى . دىھلى ھۆكۈمدارى ئىبراھىم لودى تولىمۇ قاتتىق قول بولۇپ ئەمەلدارلىرىنى ئۆزىگە قارشى قىلىۋالغان ئىدى . نەتىجىدە ئۇلار قانداق قىلىپ بولمىسۇن ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇشنىڭ پىيىغا چۈشكەن ئىدى .پەنجاپنىڭ قۇدرەتلىك ھاكىمى دەۋلەتخان لودىي ۋە سۇلتاننىڭ نەۋرە تۇققىنى ئەلەمخانلارنىڭ تەكلىۋى بىلەن بابۇر 1525 - يىلى ھىندىستانغا بەشىنچى قىتىم يۈرۈش قىلىدۇ . بىراق ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى ساتقۇن چىقىپ قالىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بابۇر ئالدى بىلەن شۇلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا بەجبۇر بولىدۇ . دەۋلەتخان مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ ( كۆپ ئۆتمەي ئۆلىدۇ ) پەنجاپ بابۇر ئۈچۈن قولاي ئولجىغا ئايلىنىدۇ ، شۇنداق قىلىپ بابۇر يىڭى دىھلىغا قاراپ يۈرۈش قىلىدۇ .

بابۇرنىڭ پەنجاپنى ئېلىپ يىڭى دىھلىغا قىلغان يۈرۈش جەريانى  
 1526 - يىلى ھىندى دەرياسىدىن ئۆتۈپ ئۆزىنىڭ ئاران 12 مىڭ كىشىلىك قوشۇنى بىلەن پەنپەتتە ئىبرايىمنىڭ 100 مىڭ كىشىلىك قوشۇنى ( ئىچىدە مىڭدىن ئوشۇق جەڭ پىللىرى بار ) بىلەن جەڭ قىلىدۇ . مانا مۇشۇ ھالقىلىق پەيتتە ئەسكەر ئىشلىتىشكە ئىنتايىن ماھىر بابۇر ئاۋال پەنپەت قەلئەسىنى ئىگەللەپ ئەسكەرلىرىنى قەلئە يىنىدىكى خەندەكلەرگە ۋە ئورمانلىققا ئورۇنلاشتۇرىدۇ ، ئوتتۇرىسىغا بولسا ئوغۇر توپ بىكىتىلگەن 700 گە يىقىن ھارۋا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ . ئىبرايىم لەشكەرلىرى ۋە پىللىرى ھەممىنى يوق قىلىۋىتىدىغان ئەلپازى بىلەن قۇيۇندەك ھوجۇمغا ئېتىلىپ كېلىشى بىلەن بابۇر 700 توپنى بىرلا ۋاقىتتا ئىشقا سىلىپ ئوق ئۈزۈدۇ . جەڭ مەيدانى ئىس تۈتەكلەر بىلەن قاپلىنىدۇ . ئىبرايىمنىڭ مىڭدىن ئوشۇق پىلى ئۆپۈر - تۆپۈر بولۇشۇپ تەرەپ - تەرەپكە قاچىدۇ . شۇ ۋاقىتتا بابۇرنىڭ ئاتلىق قوشۇنلىرى ئىككى تەرەپتىن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ دۈشمەننى مۇھاسىرە چەمبىرىكى ئىچىگە قورشىۋالىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىر مەھەل قاتتىق جەڭدىن كىيىن ئالدى كەينىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ئىبرايىمنىڭ 100 مىڭ كىشىلىك ئارمىيىسى بىتچىت بولىدۇ ، ئىبرايىممۇ مۇشۇ جەڭدە ئۆلىدۇ . 1529 - يىلىدىكى بىرقانچە قىتىملىق جەڭدىن كىيىن پۇتۇن ھىندىستان ( ھازىرقى پاكىستاننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) نىڭ شىمالىنى ئۆز ئىدارىسى ئاستىغا ئالىدۇ . 1526 - يىلى دىھلى ۋە ئەگرەنى ئىشغال قىلىپ بۇ يەدە ئۆز نامىغا خۈتبە ئوقۇتۇشى بىلەن بۇ كەل زىمىندا 1761 - يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرۈپ تارىختا << بابۇرىيلەر سۇلالىسى >> دەپ ئاتالغان ئىمپىرىيىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلايدۇ .
لېكىن بابۇرنىڭ ھىندىستاندا دۆلەت قۇرۇش خىيالىنى ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلىرى چۈشەنمەيدۇ . نۇرغۇن ۋەزىرلەر ۋە سەركەردىلەر بابۇرغا :<< ھىندىستاندا يا ياخشى ئات ، كۆندۈرۈلگەن ئىت بولمىسا ، يا ئۈزۈم ، قوغۇن ، يۇمشاق نان يا سۈزۈك بولاق ، كەڭ يايلاق بولمىسا بۇ يەردە تۇرغاننىڭ نىمە پايدىسى بار ؟>> دىيىشىدۇ . چۇنكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كەڭ يايلاقلىرىدا ئات چاپتۇرۇپ ئۈگۈنۇپ قالغان تۈركلەر ۋە ئافغان ، پارىسلاردىن تەشكىللەنگەن قوشۇن ھىندىستانغا ماكانلىشىپ قىلىشنى خالىمايتتى . ئۇنىڭ ئۈستىگە ھىندىستان ئۇرۇش ۋەيرانچىلىقىغا ئۇچرىغاچقا ، شەھەر يىزىلار ناھايىتى خانىۋەيران بولۇپ كەتكەن ئىدى .
<< ھىندىستاندا بىپايان كەڭ زىمىن ۋە ئەسىرلەي بويى توپلانغان بايلىق بار . بولۇپمۇ مىڭلىغان - ئۇنمىڭلىغان ئۇستا ھۈنەرۋەنلەر بار _ دىدى بابۇر ، - بىز مۇشۇ كىشىلەرگە تايىنىپ باي قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىمىز . شۇنىڭ بىلەن ھال - كۈنىمىزمۇ يۇرتىمىزدىكىدىن كۆپ ياخشى بولۇپ كىتىدۇ .>> ئۇ شۇنداق دەپ پۇتۇن قوشۇندىكى سەركەردە ئەسكەرلەرگە ئۆزىنىڭ ھىندىستاندا دۆلەت قۇرۇش ئىرادىسىنى بىلدۈردى . ئاندىن كېتىشنى خالايدىغانلارنى يۇرتىغا قايتۇرۇپ قېلىشنى خالايدىغان بىلەن ئىشلەۋەردى . ئۇنىڭ سىياسىتىنى قول ئاستىدىكىلەر ئاخىرى چۈشەندى . شۇنىڭ بىلەن بابۇرىيلار سۇلالىسى ھىدىستاندا تىزلا مۇستەھكەملەندى . ئۇنىڭ نەۋرىسى ئەكبەر ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋىرگە كەلگەندە بابۇرىيلار سۇلالىسى ئومۇمى يۈزلۈك روناق تاپىدۇ ئىمپىرىيىنىڭ تىرىتورىيىسىمۇ زور دەرىجىدە كېڭىيىدۇ

بابۇر ئىمپىرىيىسى تاكى 19 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە ھۆكۈم سۈرىدۇ . بۇ مەزگىلدە ھىندىستاننىڭ فىيۇداللىق مەدىنىيىتى تۈرك ۋە ئەرەپ مەدىنىيىتىنىڭ تەسىرىدە تىخمۇ بىيىدۇ ۋە يۇقۇرى كۆتۈرىلىدۇ . بۇ تەسىر تىل ، ئەدەبىيات ، بىناكارلىق ، رەسساملىق ۋە مۇزىكا جەھەتتىلا ئەمەس ، ھىندى خەلقىنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىدىمۇ ئىپادىلىنىدۇ . ھازىرقى ھىندى ئەمەلدارلىرىنىڭ قاتار تۈگمىلىك چاپان ۋە پاقالچىكىگە يىپىشىپ تۇرىدىغان تار پۇشقاقلىق ئىشتان قاتارلىق مىھمانلىق كىيىملىرى ھىندىستاندەك ئىسسىق بەلۋاغنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىملىرى بولماستىن بەلكىم بابۇرىيلار ئىمپىرىيىسى دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنىڭ كىيىملىرىگە تەقلىت قىلىنىپ ئۆزگەرتىلگەن .

 پايدىلانمىلار -- <<  بابۇرنامە >> ، << چەتئەل تارىخىغا ئائىت ھىكايىلەر >> ۋە << يۇلتۇزلۇق تۈنلەر >> قاتارلىقلار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1507
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6019
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1010 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2014-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-13 08:00:06 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۈمەن0998 يوللىغان ۋاقتى  2013-6-12 08:33 PM
ھۇمايۇن ۋە ئەكبەر نامىلىق كىتاپنى كۆرۈپ چىقساڭلار بول ...

ئاساسى بار تەھلىل. لىكىن موغۇللار موڭغۇل ئاسلىماتسىيسىگە ئۇچرىغان تۈركلەرنىلا ئەمەس تۈركلەشكەن موڭغۇللارنى كۆپرەك ئۆز ئىچىگە ئالىدۇغۇ دەيمەن.

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش