ئالەمنىڭ ھالاك بولىدىغان ۋاقتى ۋە شەكلى مەسلىسىدە ، ھەرخىل ئەقىدىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئختىلاپ ئىنتايىن چوڭ . بەزى ئەقىدىلەر كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ ، ئالەم ھالاك بۇلۇشقا ئاز قالدى ، ئۇ چاغدا گۇنا ئۆتكۈزگەن ئادەملەر قاتتىق سوراققا تارتىلىدۇ ، دەيدۇ . باشقا بىر ئەقىدىلەر بولسا كىشىلەرگە جەننەت يىتىپ كىلىش ئالدىدا تۇرىدۇ ، ئۇ ھازىر بىز كۆرۈپ تۇرغان رەزىل بىقارار دۇنيانىڭ ئورنىنى ئالىدۇ ، دەپ تەلىم بېرىدۇ . بەزى شەرق ئەقىدىلىرى بولسا دۇنيا تەكرار ئايلىنىپ تۇرىدۇ ، بۇ دۇنيانىڭ ئاخىرلىشىشى باشقا بىر دۇنيانىڭ قايتىدىن پەيدا بۇلىشىدىن دېرەك بېرىدۇ دەپ قارايدۇ .
ھازىرقى زامان ئىلىم-پېنىنىڭ ئالەمنىڭ ئاخىرلىشىشىغا نىسبەتەن قانداق قاراشلىرى بار ؟
بىز تۇرىۋاتقان ئالەم رايۇنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، يەرشارىنىڭ تەقدىرى قۇياشنىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك . يەرشارىدىكى ھاياتلىق قۇياش نۇرىغا تاينىپ ياشايدۇ ، قۇياشنىڭ ھازىرقى ھالىتىگە قارىتىلغان ھەرقانداق چوڭ بۇزغۇنچىلىق ئاپەت پەيدا قىلىدۇ . قۇياشتا ئۆزگىرىش بولسىلا يەرشارىدا ئىنسانلار ياشىيالمايدۇ . قۇياشنىڭ تۇراقلىق ھالدا ئىسسىقلىق تارقىتىشىغا قارىتىلغان ھەرقانداق ئۆزگەرتىش يەرشارىنىڭ ئاجىز كىلمات تەڭپۇڭلىقىنى بۇزۇپ تاشلاپ ، بىزنى ئاپەت خاراكتىرلىق مۇز دەۋرىگە كىرگۈزىدۇ . قۇياش شامىلى <يەنى قۇياشنىڭ سىرتقى يۈزىدىن كىلىدىغان مۇقىم زەررىچىلەر ئېقىمى> بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان قۇياش سىستېمىسى ماگنىت مەيدانىنىڭ ئۆزگىرىشىمۇ ئوخشاش ئاپەت خاراكتىرلىق ئاقىۋەت پەيدا قىلىشى مۇمكىن . ناۋادا يەرشارىنىڭ ئەتراپىدىكى قايسىبىر تۇرغۇن يۇلتۇز پارتىلىسا ، بىزنى ئەجەللىك رادىئاتسىيە ئىچىدە قالدۇرىشى ، مەلۇم بىر قارا ئۆڭكۈر قۇياش سىستېمىسىدىن كىسىپ ئۆتسىمۇ نۇرغۇن پىلانىتلارنىڭ ئايلىنىڭ ئوربىتىسىدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىشى مۇمكىن .
ئەمما ئادەمنى بىئارام قىلىدىغان بۇ بارىلىق ئىھتىماللىقلاردىن قېچىپ قۇتىلالىسىمۇ ، ئىنىقكى ئۇ مەڭگۈ ھازىرقى ھالىتىنى ساقلاپ <ئۇزاق ئۆمۈر> كۆرەلمەيدۇ . قۇياش تارقىتىدىغان نۇرغۇن ئىنىرگىيە يادرو يېقىلغۇسى بىلەن تۇلۇقلىنىپ تۇرۇشقا مۇھتاج ، ئەمما قۇياشنىڭ يىقىلغۇسى ئاخىرقى ھېساپتا ئىشلىتىلىپ تۈگەيدۇ . ئاستروفىزىكا ئالىملىرى ، قۇياشنىڭ يىقىلغۇسىنىڭ خوراپ تۈگىشىگە 4 ~ 5 مىليارد يىل كىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى . ئالەمنىڭ ھازىرقى يېشى 18 مىليارد يىل ، قۇياشنىڭ يېشى بولسا 4.5 مىليارد يىل بولۇپ دەل گۈللەپ ياشناۋاتقان ئوتتۇرا ياش مەزگىلىدە تۇرماقتا دەپ قارايدۇ .
يىقىلغۇنىڭ ئازىيىشىغا ئەگىشىپ ، قۇياش يوغىناپ ئاسترونوملار ئېيتقاندەك بىر خىل قىزىل گىگانىت يۇلتۇزغا ئايلىنىدۇ . قۇياشنىڭ يادروسى مۇشەققەت ئىچىدە ئىنىرگىيە ئىشلەپچىقىرىشنى قامداش بىلەن بىر ۋاقىتتا قايتا-قايتا يىگىلەپ ، تاكى كۋانت ئېففېكتى پەيدا بولغاندا ئاندىن تۇراقلىشىدۇ . بۇ باسقۇچتا قۇياش كېڭىيىپ ناھايتى يوغىنىشى ، نەتىجىدە ئەتراپتىكى پىلانىتلارنى يۈتۈپ كىتىشى ، يەر شارىنىڭ ئاتموسفىرا قەۋىتى ئاجرىلىپ كىتىشى ، تاغ جىنىسلىرى ئېرىپ ھەتتا پارغا ئايلىنىپ كىتىشى مۇمكىن . كىيىن قۇياش لەيلەپ-چايقىلىپ تۇرىدىغان ھاياتىنى باشلىشى ، ھازىرقى ھىدروگېن يىقىلغۇسى ئىنتايىن يىتەرلىك بولغان يادرو رېئاكسىيىسىنىڭ ئورنىنى ئۇچاغدا ئۈنۈمى ئانچە يۇقىرى بولمىغان گېلىي يىقىلغۇ قىلىنىدىغان يادرو رىئاكسىيىسى ئېلىشى مۇمكىن ، گېلىي يىقىلغۇسى كۆيۈپ تۇگىگەندىن كىيىن ، تېخىمۇ ئېغىر ئېلېمېنىتلار كۆيۈشكە باشلايدۇ .
ئەڭ ئاخىرىدا بارىلىق يىقىلغۇ خوراپ تۈگىگەندە ، قۇياش تۆمۇرگە ئوخشاش بىرقەدەر ئېغىر ئېلېمېنىتلاردىن تەشكىل تاپىدۇ . ئۇ چاغدا يادرونىڭ يىغىلىشى قايتا ئېنېرگىيە قويۇپ بەرمەيدۇ . تۆمۈر ئاتوم يادروسىنىڭ ئەڭ تۇراقلىق شەكلىدۇر . تېرمودىنامىكىنىڭ 2-قانۇنىغا ئاساسلانغاندا ، بارىلىق سېستېمىلارنىڭ ھەممىسى ئەڭ تۇراقلىق ھالەتكە يىتىشكە ئىنتىلىدۇ . بۇ باسقۇچتا ، قۇياش مەركىزىنىڭ تېمپېراتۇرسى مۇقىم ھالدا ئۆرلەپ 1 مىلياد گىرادۇسقا يىتىشى مۇمكىن ، يىقىلغۇ خوراپ تۈگىگەندىن كىيىن ، قۇياش ئىچكى قىسىمىنىڭ سىرتقا يۈزلەنگەن بېسىم كۈچى ئاجىزلاپ بارىدۇ ، تارتىش كۈچى يىتەكچى ئورۇننى ئىگلەيدۇ . ئەسلىگە كىلىشكە مادارسىز قالغان قۇياش ئۆزىنىڭ ئېغىرلىقىنىڭ بېسىشى بىلەن قورۇلۇپ ، ئىچكى قىسىمدىكى ماددىلارنى شىددەت بىلەن قىستايدۇ ، نەتىجىدە بۇ ماددىلارنىڭ زىچلىقى ھەر كۇپ سانتىمېتىردا 1 مىليون گرامغا يىتىدۇ . يىقىلغۇ تۈگەپ قورۇلغاندىن كىيىنكى قۇياش يارشارىچىلىك چوڭلۇققا ئۆزگىرىدۇ ، ئاندىن كىيىن نەچچە يۈزمىليون يىل ئىچىدە نىمجان ھالەتتە ئاستا-ئاستا غۇۋالىشىپ بارىدۇ ، ئەڭ ئاخىرىدا سوۋۇپ بىر قارا پەتەك يۇلتۇزغا ئايلىنىدۇ ،،،،،
بىراق ھېچقىسى يوق . ئەگەر بىز قۇياش ئۆچكەن ئاشۇ پەيىتكىچە ئۆز-ئۆزىمىزنى ھالاك قىلمىساقلا يۇلتۇزلار ئارا سەپەر قىلىش تېخنىكىسىنى ئىگىلىللەپ بولغان بولىمىز،،،،،،
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا فىزىك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-14 01:17 AM