سەمىمىي تەكلىپ، بېيجىڭدىكى نۇقتىلىق مەكتەپلەرنى تاللىسىڭىز بولىدۇ.
بۇندق دېيىشىم بىرىنچىدىن :نېمىلا دىگەن بىلەن پايتەخىت بىلەن باشقا جايلارنىڭ تەرەققىياتىدا نېمىلا دېگەن بىلەن ئازدۇر-كۆپتۇر پەرىق بولىدۇ،قانۇن كەسپى ئەمەسمۇ ،ئەڭ ياخشىسى «جۇڭگو قانۇن ئۇنۋېرستىتى»دا ئوقۇڭ،پايدىسىنى ئوقۇش پۈتتۈرگەندە ئاندىن بىلىسىز،
ئىككىنچىدىن: شىنجاڭدىكى ئالى مەكتەپلەردە قانداقكىن ،ئىچكىردىكى ئالى مەكتەپلەدە ئوقۇش يادەم پۇلى ، ئوقۇش پۇلى قەرز ئېلىش قاتارلىق ئىشلاردا شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارغا سىياسەت بەك ياخشى،ئونىڭدىن سىرت مەكتەپ ئىچىدە ئوقۇشتىن سىرت خىزمەت قىلىپ«勤工俭学»دەيمىز،ئۈزىڭىزنىڭ ۋە ئاتا -ئانىڭىزنىڭ ئىقتىسادى يۈكىنى يەڭگىللەتسىڭىز تامامەن بولىدۇ.
ئۈچىنچىدىن : ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خىزمەت ئىزدىگەندە ئىچكىردىكى مەكتەپلەردە ئىشقا ئورۈنلىشىش پۇرسىتى يۇقىرى،ئادەتتە ئوقۇش پۈتتۈردىغان يىلى نۈرغۇن جايلاردىن مەكتەپكە كېلىپ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش خىرمىتى كەڭ كۈلەمدە باشلىنىدۇ،پۇرسەتمۇ يېتەرلىك.
ئېيتقانلېرىمنى ئالدىرىماي ئويلىنىپ بېقىڭ ،بولمىسا ئىچكىردە ئوقۇۋاتقان تونۇشلېرىڭىزدىن كۆپرەك سۈرۈشتۈرۈپ بېقىڭ،شىنجاڭدىكى مەكتەپلەرنىمۇ سۈرۈشتۈرۈپ بېقىڭ ، بەلكىم مەن بىلمەيدىغان يەنە نۇرغۇن تەرەپلەر باردۇ، قانداق قارار چىقىرىش يەنىلا ئۈزىڭىزنىڭ قولىدا