America يوللىغان ۋاقتى 2013-6-15 09:30 PM
تېمىڭىزنى كۆرۈپ كۆڭلۈم باشقىچە يۇرۇپ قالدى.ئۆزەمدە ئى ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداش«ئامرىكا»
سۇئال سورىغىنىڭىزدىن ئاللاھ رازى بولسۇن. جاۋابىنى قۇرئان ۋە سەھىھ ھەدىستىن ئىزدىسىڭىز تاپالايسىز!
قۇرئان ۋە سەھىھ ھەدىسكە ئائىت كىتابلاردىن 5~6مىڭى ھەر قايسى تور ئارقىلىق ئىقىپ يۇرىدۇ! سىز ئاشۇلاردىن بىرەرنى ئىزدىنىپ كۆرۈپ بىقىڭ ئاندىن قانائەتلىنەرلىك توغرا راست جاۋابنى تاپالايسىز.
مەن ئىلگىرى ئوقىغان ئايەت ۋە ھەدىسلەرگە ئاساسەن قىسقىچە جاۋاب بىرەي، يىتەرسىزلىك بولۇپ قالسا ئاللاھتىن سىزمۇ مىنىڭ بۇ سەۋەنلىكىمنى مەغپىرەت قىلىشىنى تىلەپ تۇرۇڭ!
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
.كىشى مۆمىن ھالىتىدە ھاراق ئىچمەيدۇ ،زىنا قىلمايدۇ،ئوغرىلىق قىلمايدۇ. دەپ ھەدىس مەزمۇنى بار.
ئوغىنىڭ بارمىقى كىسىلىدۇ.
ھاراق ئىچكەن پىتى يەنى مەس ھالەتتە ئەجەل توشۇپ قالسا ئۇنىڭ جەسىتىنى ما ھۆكۇمەت مەجبۇرىي يۇدۇردىكەن،جىنازىسىنىمۇ مەجبۇرىي چۇشۇرگۇزۇدىكەن.بۇ ئىش بىزنىڭ مەھەللىدىمۇ بولاندى. بۇنىڭدىن ئۆزىڭىز بىر نەرسە چىقىرۋىلىڭ!
كاپىر بولۇشنىڭ 10تۇرلۇك شەرتى باركەن دەپ بىر سالىھ بۇرادەردىن ئاڭلىغانتىم
1،ئۆزى رازى ھالدا مەن كاپىر دىسە
2،ئايەتنى (ھەتتا بىر ئايەت بولسىمۇ)ئىنكار قىلسا
3،مۇسۇلمانلارغا قارشى جەڭ قىلغانلار
قالغىنىنى بارا بارا ئۇگۈنۈپ بىلەرمىز....
كىبىرې بارلار جەننەتكە كىرمەيدۇ دەپ ھەدىس بار.چوڭلارنى ھۆرمەتلىمىگەن كىچىكلەرنى ئىززەتلىمىگەن بىزدىن ئەمەس دەپ ھەدىس بار. كىم كىمنى دورىسا شۇنىڭدىن دەپ ھەدىس بار.
زىناخۇر ئەگەر ئۆيلۇك ئوچاقلىق بولغان بولسا قۇرئاندا ئۆلتۈرۋىتىش (چالما كىسەك قىلىنىپ)توغرىسىدا ئايەت بار. ئەگەر بويتاق بولغان بولسا 100 دەررە ئۇرۇش توغرىسىدا ھەدىس بار.ئەگەر ئۇنىڭ ئۇ ئىشىنى ئاللاھ ياپقان بولسا يەنى ئاشكارلانماي قالغان بولسا، ئاندىن ئۇنى ئۆزى ئاشكارلىغان بولسا ئۇ نىجىسنىڭ تەۋبىسى قوبۇل بولمايدىغانلار قاتارىغا كىرىدۇ. ئاخىرەتتە ئازابى بەك قاتتىق دەپ ھەدىس ياكى پەتىۋادا كۆرگەن.
سىز دىگەن گۇنالارنى قىلغانلار مۇشۇ دۇنيادا جازاسىنى ئىسلام شەرىئىتى بويىچە يىگەن بولسا گۇناھىغا كاففارەت بولىدۇ.
ھاراق ئىچكەن ئادەم قاتتىق تەۋبە قىلىپ ئاللاھتىن تىلەپ نامىزىنى داۋام ئىتىشى كىرەك دەپ بىر كىتابتا كۆرگەن.
ھاراق ئىچىپ توسۇلغاندىن كىيىن قايتا قايتا 4-قىتىمدا يەنە سادىر قىلغانلارنى ئۆلتۈرۋىتىش توغرىسىدا ھەدىس كۆرگەن.
ھاراق ئىچكۈچىلەرنى دەۋزىخىلاردىن چىققان تەردىن سۇغۇرۇڭلار دەپ ھەدىس كۆرگەن.
ھاراق ئىچكۈچىلەرنى 40 دەررە ئۇرۇشنى خەلىپىلەر قىپتىكەنتۇق.
چىن دىلىمىزدىن تەۋبە قىلىپ ئىسلامنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئۇگەنسەك يەنى ئىسلامغا پۈتۈنلەي كىرسەك(يۈسۈپ ئىستەستەك ،يۇسۇپ ئىسلامدەك،سەمى يۇسۇپتەك . بۇلار ھەممىسى باشقا دىندىن ئىسلامغا كىرگەنلەرھەم ئىسلامنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن تىرشىۋاتقان بۇرادەرلەر،ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن)يولىمىز دەغدەم بولىشى ئىنشائاللاھ.
تەۋبە چىن يۇرەكتىن چىقسا ھەم تەۋبىنىڭ شەرتلىرىگەتولۇق ئەمەل قىلىنسائۇخىل تەۋبە ناھايىتى تەۋبىنى بەك قوبۇل قىلغۇچى مىھرىبان ئاللاھ ئىگىمىز تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىىشى توغرىسىدا ئايەتلەر كۆپ.
ئىھ ئاللاھ ئىگەم ئىلىمىمنى زىيادە قىلغىن ئامېن!!!