مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: hey

[فىلىم]يېڭى ناۋا پروگراممىسى 5-سانى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94696
يازما سانى: 148
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 296
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 135 سائەت
تىزىم: 2013-4-11
ئاخىرقى: 2014-2-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-16 02:18:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hekmat-uyghur يوللىغان ۋاقتى  2013-6-15 11:47 PM
ئويناڭ  ئۇيغۇرۇم  ئويناڭ،  دۇنيادا  سىزدەك  بەخىتلىك  مى ...

ھەي .........................

دىموكىراتىك دۆلەتتە ھوقوق ئالمىشىدۇ ، مۇستەبىت دۆلەتتە دەۋىر ئالمىشىدۇ ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71830
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3335
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 49 سائەت
تىزىم: 2011-12-25
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-16 02:33:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالما شىركىتى 2013-يىللىق خەلقئارالىق تەتقىقاتچىلار يىغىنىWWDC  توغرىسىدىكى يېڭلىقلانى تېما قىلىپ يوللىسام نېمىشقا تەستىقلىمايسىلەر؟
ناخشا-ئۇسۇل مۇزىكا توغرىسىدىكى تېمىلارنى سېكونتقا قالماي تەستىقلايدىكەنسىلەر؟ ئىزدىنىشقا يوللىسام بىردەمدە تەستىقلاپتۇ.... ئەھۋالدىن قارىغاندا بۇ مۇنبەرگە خوش دەيدىغان ۋاقىت كەپتۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95509
يازما سانى: 969
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 40
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 493 سائەت
تىزىم: 2013-5-30
ئاخىرقى: 2014-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-16 02:44:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۈزىمىزنىڭ بولسا قوللايمەن ... ئۈزىمىزنىڭ  خاسلىقى بىلەن  داۋملاشسۇن ... مۇشۇنڭدىن زوق ئالدىغانلار كۆرسۇن ،ئەھمىيەتلىك ھېس قىلسىلا   ،    ھېس قىلدىڭلارمۇ بىزدە ناخشچى قوشاقچىلار ئازلاپ قالدى ، ھەر نىمە بولسا دەپ خوش بولسام ،  بىزدە ياختۇردىغىنى بولمىسا چەتنىڭكىنى ئاڭلاۋېتىپتۇ ، بۇلۇپمۇ قىزلار ، قورقۇپ قالدىم ، بىر ۋاقىتتا ئاڭلاۋاتقان ناخشىسىنى ئاڭلاپ باقسام ، يېڭى چىققان تېكنوك دىگەنگە ماس كىلدىغان ناخشىنى ئاڭلاۋاتقانكەن ، نىمىتى.... تۇنايىت دىگەن ناخشا ئەسلى ئىسمى  give me every thing tonight   بۇ گەپنى تەرجىمە قىلىشقا خىجىل بۇلىمەن ، كىيىن بىلسەم ئاشۇ تېكنوك ۋە باشقا داڭلىق ناخشىلارنىڭ ناخشا تىكىستى ، ناھايتى پاسسىق گەپلەركەن ، شۇڭا ئاشۇنى ئاڭلىغاندىن بىزنىڭىكى ئاڭلىغىنى سەل ياخشىكەن  دەپ ئويلاپ قالدىم ،  بەلكىم گىپىم خاتادۇ ،   ...  نەق گەپكە كەلسەك ، مۇنبەر دىگەن باھالايدىغان جايغۇ ، شۇڭا قارشىمنى دەپ ئۈتەي ....
1› شەمىسيەما  ھېلقى ئوتتۇرغا قىسلىپ قالغان ، ئۈزگە يېشىغا  ماس بولمىغان قىلىق قىلدىغان  رىياسەتچىنى ئالماشتۇرسۇن .
2› قانداقلا قارسام ئارقا ئىشىك ، مۇناسىۋەت دەيدىغانلار لىققىدە ، يەنە شۇ جوڭگۇچە ئالاھدىللىككە ئىگىدەك . مەنچە بولسا نەق مەيدان قىلىپ(直播) ، كۈرۈرمەنلەرنى ئۈندىدار ياكى ئۇچۇر ئارقىلىق باھالايدىغان قىلسا بۇلاتتى ،  ئەمما ھۆكىمىتىمىز ھەرقانداق نەق مەيدان تارقىتىشنى چەكلەيدۇ...ھازىر باھالىغۇچىلار مەدەتنى ئاساسى باھا ئوبىيىكتى قىلىپتۇ ،نەق مەيداندىكىلەر ساپلا ئارقا ئىشىكتىن كىرگەنلەر ، شۇڭا رىقابەت ئاجىز ، جانسىز ....
  3› تىما ئىگىسى قىلالىسىڭىز تەلەي يۇلتۇزنى يوللاپ تۇرڭە ، مەنچە ناۋادىن تەلەي يۇلتىزى مىڭ ئەۋزەل ....رەخمەت...
  4› ناۋانىڭ تەشكىلى تەرەپ تور ئادىرسلىرى بولسا يوللاپ قويساڭلار ...رەخمەت . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ghalibjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-16 03:00 PM  


خوش  مىسرانىم ساڭا قىيالمايمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79487
يازما سانى: 817
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 34268
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 502 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-16 02:46:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شەيتان!

تاماكا چەكمەڭ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 424
يازما سانى: 3568
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2399
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 7192 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-16 02:56:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر قىسىم كىشىلەر قاقشاپ كۆنۈپ قالغان. ئۇلار توردا قاقشىۋالغاننى بەك چوڭ بىلىدۇ. بىرنەچچە ئەزا ۋاي دەپ قويسا راست دەپ ئويلاپ قالىدۇ. يەنە بەزىلەر بەزىلەرنى تىللىۋېلىپ، چېقىۋېلىپ، قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغىنىدىن ناھايتى پەخىرلىنىدۇ ۋە ھوزۇر ھېس قىلىدۇ. يەنە بەزىلەر بولسا كۆڭلىدە ئويلىغان، ئەمما ئەمەلىيەتتە قىلىشنى خالىمىغان ياكى قىلالمايدىغان ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتپەرۋەتلىك، ئېتقاد پەرۋەرلىك...لىك لىرىنى توردىلا جارى قىلىپ ئۆگىنىپ قالغان.
يۇقارقىدەك تورداشلارنىڭ ھەممىسى قاقشاپتۇ، قاراڭغۇلىقتىن ھەممىسى قاقشايدۇ، شۇ قاقشاشلىرىنىڭ شەرقتىكى قۇياشقنىڭ كۆتۈرىلىشىگە  تايانچ بولۇپ زۇلمەتلىك دۇنيانى يورۇتۇپ بېرىدىغانلىقىغا ئىشىندۇ. ئەمما ھېچقسىسى بىر تال شام يېقىشنى خالىمايدۇ. ئەگەر بىرەرى شام ياكى سەرەڭگە ياقسا ئۇنى مەسخىرە قىلىدۇ. ئازراق بولسىمۇ زۇلمەتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تىرىشقانلارنىڭ شام ، سەرەڭگەلىرىدىن تەشۋىشلىنىدۇ. بۇ سەۋەبلىك ئۆزلىرىنىڭ پارلاق قۇياشىنىڭ كۆتۈرۈلەلمەسلىكىدىن ئەنسىرەيدۇ. شام، سەرەڭگە ياققانلار قاراڭغۇلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تىرىشقانلار... ئۇلار قولىدىكى شام، سەرەڭگىلەرنىڭ ھامان بىر كۈنى مەشئەل، گۈلخانلارغا ئايلىنىشىنى بىلىدۇ. بۇلار ئۈچۈن يىراقتىكى نامەلۇم قۇياشتىن يېنىدىكى گۈلخاندىن چاچرىغان بىر تال ئۇچقۇن مۇھىم.


بايا تېمىدا بىرەيلەن ئىنكاس ئارقىلىق ناۋاغا چىققانلارنىڭ ھەممىسى ئىت دەپتۇ. ئىكرانغا چىققانلارنىڭ ھەممىسى بىز بىلەن بىر قان، بىر تىل، بىر ئېتقاد دىكى كىشىلەردۇ، ئۇلار ئىت بولسا مۇنبەردە ئۇلارنى ئىت دەپ تىللىغانلار نېمە بولىدۇ؟ بىز ئادەتتە بىرەر جانلىقتىن يەنە بىر جانلىقنى پەرقلەندۈرۈپ ئاتايمىز، ئۇلارنىڭ ئومۇمى نامى ھايۋان بولىدۇ. ئىت تۈلكە، بۆرە قاتارلىقلارنىڭ بىر بىرىدىن خاس پەرقى بولغاچقا ئايرىم ـ ئايرىم ئىسىم بېرىلگەن. ھېچ بولمىغاندا مۈشۈك بىلەن يولۋاسنىڭ چىرايى ئوخشىسىمۇ ئۇلارنىڭ تەبىئىتى ۋە سىرىتقى قىياپىتى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بىز ئۇلارنىڭ بىرنى مۈشۈك، بىرىنى يولۋاس دەيمىز. .ئىكرانغا چىققانلار بىلەن تورغا چىقىۋاتقانلار بىر تۈرداش، بىر قانداش، بىر تىلداش... ئۇلارنىڭ بىرى ئىت بولسا ئىت دېگۈچىىسى نېمە؟

ئاسمان يېرىلغاندا، يۇلتۇزلار تۆكۈلگەندە، دېڭىزلار بىرـ بىرىگە قوشۇلغاندا، ئۆلۈكلەر چىقىرىلغاندا ھەر ئادەم ئىلگىرى كېيىن قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ.

تاماكا چەكمەڭ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 424
يازما سانى: 3568
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2399
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 7192 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-16 03:04:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزىلەر ئۇيغۇرنى ئىككىگە بۆلمەكچى بولۇپ، ھازىرغىچە بىرى مىللەتچى، بىرى ئېتقادچى... ئىسلام دىنى دىيارىمىزغا كىرگەن مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقتتىن بېرى بىر بىرىگە پۇتلاشماي يۈرگەن مىللەت بىلەن دىن ئۇقۇمى دىيارىمىزغا كەلگەندە پۇتلىشىۋاتىدۇ.

دۇنيادىكى غەيرى دىندىكىلەرنىڭ كۆپىنچىسى مۇسۇلمانلارنى تېرورچى ياكى زوراۋان دەپ قارايدىكەن. نېمىشقا شۇنداق قىلىدۇ؟  مەن بۇ ھەقتە خېلى كۆپ ئىزدەندىم، ئەمما مۇنازىرە قىلغۇدەك سەۋىيەم بولمىغاچ يەنە ئىزدىنىۋاتىمەن.
ئەمما شۇ نۇقتا ئېسىمىزدە بولسۇنكى بىر قىسىم مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ قەدرىنى ئۆزلىرى بۇزۇۋاتىدۇ. بىر قىسىم مىللەتچىلەرمۇ ھەم شۇنداق.
ھەقىقى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆلچىمى بويىنچە ھېسابلىغاندا مىسرانىم مۇنبىرى ئېتقادلىق كىشىلەرنىڭ زىيارەت قىلىشىغا تازا ماس كەلمەيدۇ.
كېسىپ ئېيتالايمەنكى مۇنبەردە دىندىن، مىللەتتىن ئىنكاس ئارقىلىق ۋەز ئېيتىدىغانلارنىڭ 90% تور موللىسى...
يەنە بىر قىسىم كىشىلار دىندىن ۋەز ئېچىپ گەپ قىلىدۇ، قارشى تەرەپ لايىق ياكى نالايىق ئىنكاستىن برەرنى يېزىپ قويسا ئاغزىنى بۇزۇپ تىللايدۇ. يازغان ئىنكاسلىرى ئەسلا مۇسۇلمانغا لايىق ئەمەس....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-16 01:10 PM  


ئاسمان يېرىلغاندا، يۇلتۇزلار تۆكۈلگەندە، دېڭىزلار بىرـ بىرىگە قوشۇلغاندا، ئۆلۈكلەر چىقىرىلغاندا ھەر ئادەم ئىلگىرى كېيىن قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ.

تاماكا چەكمەڭ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 424
يازما سانى: 3568
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2399
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 7192 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-16 03:08:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
pervaz يوللىغان ۋاقتى  2013-6-16 12:33 PM
ئالما شىركىتى 2013-يىللىق خەلقئارالىق تەتقىقاتچىلار يىغ ...

قېرىدىندىشم ئىزدىنىشمۇ مىسرانىممۇ ئوخشاشلا ئۇيغۇر مۇنبىرى. قايسىسىدا تەستىقلانسا ئوخشاشقۇ؟  بۇ يەردە چىقمىغانلىرى ئىزدىنىشتا چىقىدۇ، ئىزدىنىشتا چىقمىغانلىرى بۇيەردە چىقىدۇ.  ناۋادا خوش دېگۈڭىز بولسا يىرتىق ئىشتاندىن **** چىققاندەك مۇناسىۋەتسىزلا بىر تېمىدا چېچاڭشىپ نېمە قىلىسىز؟ بىز ئۇزىتىپ قويمىساق باشقا مۇنبەرنىڭ ئاددېرسىنى بىلمەمسىز؟ ئۆمرىڭىزدە چۈشىڭىزدەك بولسىمۇ ئېسىڭىزدە بارمۇ؟ ‹‹بىرەر ئىشنى ياخشى تەرەپتىن ئويلاپ باققىنىڭىز...›› ئۇنچە سەپرا مىجەزلىك قىلماڭ. بەلكىم تېمىڭىز تەستىق كۈتۈۋاتقاندۇ ياكى مۇلازىمىتىر سەەۋبلىك ئارقا بەتكە يېىتپ كەلمىگەندۇ، ياكى خەت نۇسخىسى بىنۇرمال دېگەندەك سەۋەبلەر بىلەن قالدۇرۇلغاندۇ.. مىسرانىم دىسكازغا كۆچكەندىن كېيىن قالدۇرۇلغان تېمىلارغا ئۇچۇر كەلمەيدىغان بولۇپ قالغان. بۇمۇ پات ئارىدا تۈزىتىلىدۇ.

ئاسمان يېرىلغاندا، يۇلتۇزلار تۆكۈلگەندە، دېڭىزلار بىرـ بىرىگە قوشۇلغاندا، ئۆلۈكلەر چىقىرىلغاندا ھەر ئادەم ئىلگىرى كېيىن قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86858
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 803
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 185 سائەت
تىزىم: 2012-11-5
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-16 03:26:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ghalibjan يوللىغان ۋاقتى  2013-6-16 02:44 PM
ئۈزىمىزنىڭ بولسا قوللايمەن ... ئۈزىمىزنىڭ  خاسلىقى بىلە ...

توغرا دەيسىز ، ئۆزىمىزنىڭكىنى قوللاشنى خالايدىغانلار قوللىشىمىز كېرەك ، ئەدەبىيات سەنئەت ، مەدەنىيەتنىڭ ، شۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ جەمىئەتنىڭ ئالدىنقى ئېقىمىغا ئايلىنىشى پۈتۈن دۇنياۋىي مەسىلە ، سەنئەتچىلەرنىڭ تېلۋىزورنى ياكى مەدەنىيەت ساھەسىنى ئىگەللىشىمۇ شىنجاڭدىلا مەۋجۇت بولىۋاتقان مەسىلە بولماستىن دۇنيانىڭ پۈتۈن جايلىرىدا ئوخشاش مەسىلە. دۇنياۋىي مۇزىكا مۇكاپاتلىرىدىن Grammy مۇكاپاتى ، BILLBOARD مۇكاپاتى ، Monte Carlo مۇزىكا مۇكاپاتى ، ئوسكار كىنو-فىلىم مۇكاپاتى قاتارلىقلارغا ئېرىشكەن ناخشىچى ، مۇزىكانت، ئارتىسلارنى دۇنيانىڭ ھەممىلا جايلىرىدا ئوخشاش مەدەنىيەت ساھەسىدىكى شەخىسلەر ھىسابلىنىدۇ ھەمدە رادىئو-تېلۋىزورلارنى ، ئېنتىرنىت تورلىرىنى ئىگەللەيدۇ . دىمەكچى بولغىنىم بۇ پەقەت شىنجاڭدىلا ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىلا بولىۋاتقان ھادىسە ئەمەس ، ئەگەر ئۇيغۇرلار ھەممىمىز ئىلىم-مەرىپەتكە ، تەبئىي پەنلەرگە بىرىلىپ تېخىمۇ زور ئالقىشلارغا سازاۋەر بولالىساق بۇ ئەلۋەتتە ناھايىتى ياخشى ئىش ، ئەمما پۈتۈن جەمىئەتنىڭ ، پۈتۈن بىر قەۋىمنىڭ ئوخشاش تەبئىي پەن بىلەنلا شۇغۇللىنىپ كېتەلىشى مۇمكىن بولماسلىقى ئېنىق ، ئارىمىزدا ئالىملار چىقىۋاتىدۇ ، سودىگەر - ئىقتىسادشۇناشلار ئاز ئەمەس ، يازغۇچىلارمۇ ئاز ئەمەس ،  ئەمما مەدەنىيەت ساھەسىدىكى كەسىپلەرنى ھاقارەتلەش ، شۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى تىللاش بۇ مەسلىنى ھەل قىلىشنىڭ ھىچقانداق توغرا يۆلىنىشى ھىسابلانمايدۇ. ئەڭ ئاۋال ئۆزىمىزنى ، ھەرىكىتىمىزنى ، نىشانىمىزنى ، غايىمىزنى رۇسلاپ ئەتراپىمىزدىكىلەرنى يىتەكلەپ ماڭالىساق شۇ مۇھىم.
ئېيىتقىنىڭىزدەك قوش تىل ، ئېنگلىزتىلى سىڭىپ كېرىشكە ئەگىشىپ سىز دىگەندەك ئاجايىپ-غارايىپ سەنئەتلەر ئۇيغۇر جەمئىتىگە سىڭىپ كىرمەكتە ، بەلكىم ھازىرقى بارنى قەدىرلىمىسەك ، قوللىمىساق ئەتە ئۆگۈن تېخىمۇ ئېغىر خىرىسلارغا دۇچار بولۇشىمىز مۇمكىن.
مىليون گۈلنى شۇنچە ئەجىر بىلەن ئىشلەپتى بىر مەزگىل ئۇنىمۇ تىللاپ ، سۆكۈپ ، ياراتماي كەتتى بىرقىسىم ئېغى ئوچۇق ئىشتان كىيىپ تورغا چىقىۋاتقان ناكەسلەر ، يەھۇدىي ، ناسارالار ، ھىندىلارنىڭ بولسا ئارزۇلاپ كىنوخانىلاردا پۇل تۆلەپ كۆرەپ كىتەرتى. مىليون گۈلدە ئېلان تۈسىنىڭ قويۇقلىقىنى ئېتىراپ قىلىمىز ، ئەمما شۇ كىنونى ئىشلەشكە كەتكەن ، كەلگۈسى سانلىرىنى ئىشلەشكە كېتىدىغان خىراجەتنى شۇ ئارقىلىق توپلىمىسا قانداق قىلىدۇ ، ھەممىمىز قوللاپ بەرسەك مېنىڭچە چوقۇم تەجرىبە ساۋاقلار يەكۈنلىنىپ دۇنياۋىي كىنودىن بىرسى ئىشلىنىپ چىقاتتى ، ئەمما ئارىمىزدىن نىمىلا ئىش قىلسا شۇنداق بىرقىسىم ماڭقۇرتلار ئاغزىنى ھـــا قىپلا قاراپ تۇرىدۇ ، بولسا بىرنى تىللىۋالسا ، بىرنى تۈكۈرىۋالسا خوش بولىدۇ ، يۈرەكلىرى يايراپ كېتىدۇ...

ئېتىقاد ، مائارىپ ، ئىلمىيلىك كەم كىشلىرىمىزنىڭ قولىدىن ھەرقانداق بالا كەلمەي قالمايدۇ.

مۇزىكام سالونى Muzikam

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86858
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 803
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 185 سائەت
تىزىم: 2012-11-5
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-16 03:38:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەلشاھ يوللىغان ۋاقتى  2013-6-16 03:04 PM
بەزىلەر ئۇيغۇرنى ئىككىگە بۆلمەكچى بولۇپ، ھازىرغىچە بى ...

بىرقىسىم مەسلىلەردە كۆز-قارىشىمىز ئوخشايدىكەن ، بولۇپمۇ مۇشۇ ئىنكاسىڭىزدىكى يەكۈننى ناھايىتى قوللايمەن.
تەقۋا مۇسۇلمان بولساق ئەڭ ئاۋال ئۆزىمىزگە ، ئۇنىڭدىن قالسا ئەتراپىمىزدىكىلەرنى ئاۋال دۇئا بىلەن ئاندىن ئىسلامدىكى ئەڭ ئېسىل پەزىلەتلەر بىلەن ، ئىسلامىي ئەخلاق ، ئىسلامىي توغرا پىكىرلەر بىلەن توغرا ھەق يولغا يىتەكلەش ، باشلاش زۆرۈر. شۇ ئارقىلىقلا ھەرقانداق باغرى قېتىپ كەتكەن ، شەيتاننىڭ كۆلەڭگىسىدىن چىقىشنى مەڭگۈ خالىمايدىغان ئىنساننىمۇ ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.

ئۇنىڭ ئۈستىگە مەدەنىيەت-سەنئەتنىڭ ئالدىنقى ئېقىمغا ئايلىنىشى شىنجاڭدىلا بولىۋاتقان ھادىسە ئەمەس: https://uyghur-archive.com/misranim/forum.ph ... 1&fromuid=86858

مۇزىكام سالونى Muzikam

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95509
يازما سانى: 969
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 40
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 493 سائەت
تىزىم: 2013-5-30
ئاخىرقى: 2014-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-16 03:47:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەلشاھ يوللىغان ۋاقتى  2013-6-16 02:56 PM
بىر قىسىم كىشىلەر قاقشاپ كۆنۈپ قالغان. ئۇلار توردا قاق ...

پەقەت سىزلا باشقۇرغۇچىما ماۋۇ مۇنبەردە ... سىزنىلا كۈرمەن .... ئەمما بەك مەسئۇلياتچانكەنسىز ، ھىچ بولمىسا سورغان سۇئالغا جايدا ئىنكاس قايتۇردىكەنسىز ... گەپلىرىڭىزمۇ ئۇرۇنلۇقكەن ... توغرا دەيسىز ،  مان مۇنۇ سۆزنى بەك ياختۇرمەن : ئىتپاقلىشالايدىغانلىقى كۈچ بىلەن ئىتپاقلىشىش ! بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى دوستىنىڭ ئارتۇقچىلىقنى كۈرۈپ ھەم قۇبۇل قىلىش ،كۆزگە سىغمىغاننى بىر چەتكە قۇيۇپ تۇيۇش ! بۇنداق بولغاندا ھەم كوللىكتىپنىڭ بىرلكى ھەم شەخىسنىڭ كۈچى  ئاشۇدۇ ، كۈچىيىدۇ ... شۇڭا ، ئاتالمىش ‹‹مىللەتىچىلەر›› ۋە ‹‹ موللىلار›› ھەر ئىككىلىسى پىكىر بىردەكلىككتە تۇرسا ، ئىختىلاپلارنى قۇيۇپ تۇرسا نىمىدىگەن ياخشى ... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ghalibjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-16 03:50 PM  


خوش  مىسرانىم ساڭا قىيالمايمەن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش