مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: (بىلىك)

(بىلىك) ئانا تىلدا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پىلانى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86140
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 75
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 26 سائەت
تىزىم: 2012-10-16
ئاخىرقى: 2013-6-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-16 07:07:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پىكىر قاتناشتۇرغانلار ئۈچۈن رەھمەت، بولسا تېخىمۇ ئىنچىكە ۋە ئەمەلىي پىكىرلەرنىڭ قاتناشتۇرۇلىشىنى كۈتىمىز...

مۇشتەرىي مەسىلىسىدە، ئايلىقى 50 سوم دىگەن پەقەت بىر خام دىت، بۇنى تور بىكىتىنىڭ بىر ئايلىق چىقىمىغا قارىتا، 2000 مۇشتەرى قوبۇل قىلغىلى بولىدۇ دەپ پەرەز قىلىنغان ئەھۋالدا ھېساپلاپ چىقىرىلغان سان. ئەلبەتتە مۇشتەرىلەرنىڭ سانى قانچە كۆپ بولسا بۇ سان شۇنچە كىچىكلىشى تەبىئىي. چۈنكى، قۇرۇلماقچى بولغان تور بىكىتىمىز شەخسىي پايدا كۆزلىگەن تور بىكىتى بولماستىن، تور بىىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز مېڭىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە مۇنتىزىملاشتۇرۇش ئۈچۈن خادىملارغا ھەق بىرىش يولىنى مۇۋاپىق كۆردۇق، قېرىنداشلارنىڭ تەخمىن ھىسابلارغا يەنە بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ چىقىشىنى سورايمەن...

بۇنى ئەلبەتتە ھەقسىز ۋە خالىس قىلغىلى بولىدۇ، لىكىن خالىس نەرسىنىڭ مەجبۇرىيتى ۋە مەسئۇلىيتى بولمايدۇ، ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىش ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس... ئۈزلۈكسىزلىكنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن بۇ ئىشقا مەسئۇل بولىدىغان خادىملاردىن تەشكىللەنگەن سېستىمىىق تور بىكىتى بولىشى كىرەك.

مېنىڭچە خادىملارنى تېپىش ئاسان، ھەتتا ۋاقتى كەلگەندە ئەڭ ياخشىلىرىنى تاللاپ ئىشلىتىمىز. ئالغان ھەققە چۇشلۇق، ھەتتا ئۇنىڭدىن ئاشۇرۇپ رازى قىلارلىق بىلىم سۇنۇشىغا كاپەلەتلىك قىلىمىز. بۇ تور بىكىتىنىڭ ھەرقانداق بىر تور بىكەتلىرىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان تەرىپى، كەسىپچانلىقى ۋە ئۆلچەمدە قاتتىقلىقى. ئۆلچەم نەشىريات ئۆلچىمىدە ياكى ئۇنىڭدىن قاتتىق بولۇشقا تىرىشىلىدۇ...

شۇڭا ھەقلىق مۇشتەرى قوبۇل قىلىش ئويىمۇ ئەقىلگە مۇۋاپىق. ئەلبەتتە ھەممە ئادەم «پەننى ئومۇملاشتۇرۇش» قا قىزىقىپ كەتمەيدۇ، لىكىن پۈتۈن ئۇيغۇر نۇپۇسى ئىچىدىن، تورغا چىقىدىغان، بۇنىڭغا قىزىقىدىغانلاردىن كەم دىگەندە 2000 نەپەر چىقماسلىقى بۇ ئىشنىڭ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىدىن دېرەك بىرىدۇ...

ئەمدى، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان پەرزەنتلىرىگە كۆڭۈل بۆلگەن، ئوتتۇرا، ئالىي مەلۇماتلىق قىزىققۇچى قېرىنداشلارنىڭ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ مائارىپ سەۋىيسىنىلا ئەمەس تىل سەۋىيسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغان تورداشلارنىڭ تېما ئاستىغا سەمىمى ئىپادە بىلدۈرۈشىنى ئۈمۈد قىلىمىز. يەنى «ئايدا مۇنچىلىك ھەق تۆلەپ بۇ تور بىتىگە مۇشتەرى بولۇشقا مەن قوشۇلىمەن» دەپ ئىنكاس قالدۇرۇشىنى سورايمىز. بۇ بىزنىڭ كىىنكى قەدەمدە ئۆزىمىزنى دەڭسىشىمىز، پىلاننى ئىنچىكە ئورۇنلاشتۇرىشىمىز ئۈچۈن پايدىلىق!  

باشقىلارغا تەبە

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 1488
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7786
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 6460 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-16 08:35:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ناھايىتى ياخشى تەسەۋۋۇر بوپتۇ. ھازىرقى ۋاقتتا مىللىي مائارىپنى ئويلىغان ھەر بىر ئوقۇتقۇچى ۋە ئاتا -ئانا  بۇ تەشەببۇسنى چوقۇم  قوشقوللاپ قوللايدۇ.بىزدە ھازىر مۇشۇنداق ئىشنى تەشكىللەپ، باشلاپ ماڭدىغان سەركە كام. باغداش تورىدىكى ئانا تىل مەكتەپلىرىنى قۇرۇش دىگەن تېمىنى كۆرگەن ھەر بىر كىشى، مائارىپىمىزنىڭ كۈنسىرى پاتقاققا پىتىپ كىتىۋاتىقانلىغىدىن غەم يىمەي تۇرالمايدۇ.

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57244
يازما سانى: 616
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5855
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 138 سائەت
تىزىم: 2011-9-20
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-16 08:43:59 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى پىكىركەن. ئەمما ئېغىزدا دېيىلگەن بىلەن ئەمەلىيەتتە قىلماق قىيىن. بىر ئانا تىل يەسلىسى مۇشۇ چاغقىچە تەستىقلانماي ھۆكۈمەت كۆڭۈل بۆلمەي تۇرۇۋاتسا، بۇ ئىلىم–پەن تورىنىڭ قانداق بولاركىن تاڭ...

دەردىم ئىچىمگە لىق تولۇق...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85889
يازما سانى: 930
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4705
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 376 سائەت
تىزىم: 2012-10-9
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-16 08:46:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرۇنلا بولىشى كىرەكتى.

تىرىشقىن!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38292
يازما سانى: 709
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4462
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 6305 سائەت
تىزىم: 2011-4-21
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-16 08:50:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنتايىن ياخشى ئىشقا تۇتۇش قىپسىلەر،ئەلۋەتتە قوللايمىز.

بەزىلەر دەيدىكەن گۈللەر چىرايلىق،
گۈللەرنى كۈيلىگەن ئۈنلەر چىرايلىق.
مەن دەيمەن ھالال تەر ئەجىرىسى بىلەن،
.گۈل-باغلار ياسالغان چۆللەر چىرايلىق.

بۇ ئۆمۈرنىڭ خوشلىقى،چىن يۈرەكن

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1243
يازما سانى: 479
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9858
تۆھپە نۇمۇرى: 352
توردا: 745 سائەت
تىزىم: 2010-5-28
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-16 09:03:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ پىلان بەكلە ياخشى تۈزۈلۈپتۇ ، ئەگەردە مۇشۇ تور بېكەت قۇرۇلۇپلا قالسا ساپ ئۇيغۇر تىلدا دەرس ئۆتۈلسە، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش شارائىتى بولمىغانلارغا زور پايدىلىق بىلىم سەھنىسى ھازىرلاپ بېرەلەيدۇ. ئۇ چاغدا مىنىڭمۇ تۇرمۇش بىسىملىرى سەۋەبىدىن تولۇق ئوتتۇرىدا ھەم ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيالمىغان دوستلىرىم ، قىرىنداشلىرىم نۇرغۇن بىلىم ئالالايدۇ، ئەگەر مۇشۇندا تور بەت قۇرۇلۇپلا قالسا مەن 30-50 گىچە مۇشتەرىي بولىدىغانلارنى تىپىشقا كاپالەتلىك قىلىمەن !

تىما ئىگىسىگە كۆپ تەشەككۈر، تىزراق ئەمەلگە ئىشىشىغا تىلەكداشمەن !!!

ئۆلۈمگە بىغەممەن،
كىسەلگە ھۇشيار.
قايغۇدىن بىزارمەن،
شادلىققا خۇشتار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82621
يازما سانى: 266
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4307
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 158 سائەت
تىزىم: 2012-7-8
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-16 11:08:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت بىلۋالدىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4237
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8941
تۆھپە نۇمۇرى: 347
توردا: 212 سائەت
تىزىم: 2010-7-18
ئاخىرقى: 2013-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-17 01:24:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ بۇ ئىشقا ئاۋاز قۇشىمەن ، ھەم كامىدا 20 مۇشتەرى تېپىشقا كاپالەتلىك قىلىمەن .  بۇ بەك ياخشى ئىش بوپتۇ ، ھەرقانداق چوڭ ئىش مۇشۇنداق ھۇجۇتقا چىققان ، قالغىنى ئاستا ئاستا ھەل بولدۇ ، بۇ ئىشلارنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدىن ۋاز كەچمەسلىكڭىزنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئىلتىماس قىلىمەن .......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94696
يازما سانى: 153
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 299
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 135 سائەت
تىزىم: 2013-4-11
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-17 08:32:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ قوللايمەن قىرىندىشم بەك ياخشى ئىش بوپتۇ ئاللاھ ئەجىرىڭزنى بەرسۇن

دىموكىراتىك دۆلەتتە ھوقوق ئالمىشىدۇ ، مۇستەبىت دۆلەتتە دەۋىر ئالمىشىدۇ ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86140
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 75
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 26 سائەت
تىزىم: 2012-10-16
ئاخىرقى: 2013-6-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-18 12:48:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

بۇ ئىشنى، اللە خالىسا، بىسمىللاھ بىلەن باشلاش قارارىغا كەلدۇق. ھەمكارلىشىش ۋە ياردەمدە بولۇش ئويىدا بولىۋاتقانلارنى قىزغىن قارشى ئالىمىز! خالىغانلار مۇنبەردە ئۇچۇر قالدۇرۇپ مەن بىلەن ئالاقىلاشسا بولىدۇ.

1. دەسلەپتە ئىشەنچىلىك تور نامى ۋە چەكسىز بوشلۇق سېتىۋالىمىز. مۇلازىمەت سۇپىسى كورىيەنىڭ بولسۇن(چۈنكى، كورىيەنىڭ تورى ئەڭ تېزمىش). مەن بۇ ھەقتە كۆپ بىلمەيمەن، شۇڭا بىلىدىغانلارنىڭ ياردەمدە بولىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن!
تور ئىسمىنى ئويلىشىپ قويدۇم. شۇنداقتىمۇ، تېخىمۇ ياخشى، ئىخچام ئىسىملارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ئۈچۈن كۆپچىلىكنىڭ ئىسىم تەۋسىيە قىلىشلىرىنى سورايمەن، تور نامى xx.com  بولسۇن.

2. ئاندىن تور بىكەتنى ياساش ۋە قۇراشتۇرۇپ، بەت قېلىپلىرىنى تەرجىمە قىلىشقا باشلايمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن تور بەت ياساشتا قولىدىن ئىش كىلىدىغان بىر ياكى بىر قانچە قېرىندېشىمىزغا ئېھتىياجىمىز چۈشىدۇ. بۇنى قىلىشنى خالايدىغان قېرىنداشلارنىڭ مەن بىلەن ئالاقىلىشىشنى ئۈمۈد قىلىمەن!

تور بىكىتى مۇنداق لاھىيەلەنسە بولىدۇ:
  رەڭگى:  تور سەھىپىللىرىنىڭ رەڭگى تەبىئەتكە سىمھول قىلىنىپ ھاۋا رەك(ئاسمان)، جىگەررەڭ(تاغ) ۋە سۇس يېشىل(يايلاق) ئۈچ خىل رەڭنى ئاساس قىلغان ئۇسلۇبنى ئىشلىتىمىز. تور يۈزى بىر قاراشقا يېقىشلىق، ئارام بەخىش، مەنالىق، ئىخچام ۋە ئاددىي بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا تەۋسىيەلەر بولسا قارشى ئالىمىز.

باش بەتنىڭ ئاساسى تىزىملىكى : «ھەققىمىزدە»، «بىلىم قانىلى»، «ئىلمىي-مۇھاكىمە سالۇنى»، «XX ژورنىلى» ۋە « XX تور مەكتىپى» بۇيىنچە بولىدۇ.
•ھەققىمىزدە: پىلان، خىزمەت ۋە نىشان ئېنىق يېزىلغان، تور بىكىتى ئومۇمىي يۈزلۈك تونۇشتۇرۇلغان بىر سەھىپە بولىدۇ. بۇنى ئوقۇغۇچىلارغا بۇ تور بىكىتىنىڭ زادى قانداق توربىكىتى ئىكەنلىكى ھەققىدە ئېنىق چۈشەنچە بىرىدۇ...
•بىلىم قانىلى: پەن-تېخنىكا، ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە  ئىختىساد قاناللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلار ئاساسەن ئاممىباپ يازمىلار بولىدۇ.
• ئىلمىي-مۇھاكىمە سالۇنى: يۇقارقىلارنى ئاساس قىلغان ئۇنۋېرسال مۇنبەر ۋە ئۇنۋېرسال مىكرو بلوگ تارماقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
• XX ژورنىلى: تەبىئىي پەن ۋە ئىجتىمائىي پەن دەپ ئىككى تارمىقى بولىدۇ. تەبىئىي پەن ژورنىلىغا ئاساسەن ئىلمىي قىممىتى بار رەسمىي ماقالىلەر، تەرجىمە ماقالىلەر قويۇلىدۇ. ژورنال تەلىپى خەلقئارالىق مەجمۇئەلەرنى ئۆرنەك قىلىدۇ. ئىجتىمائىي پەن تارمىقىغا بىر قەدەر چۇڭقۇر، ئىلمىي قىممەتكە ئىگە ئىجتىمائىي پەن ماقالىللىرى قويۇلىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئىختىساد ماقالىللىرىمۇ بولىدۇ. تەلەپ ئىلمىي ژورنال تەلىپىگە ئۆرنەك قىلىنىدۇ.
•XX تور مەكتىپى: باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ۋە يۈكسەك دەپ ئۈچ تارماققا بۆلۈنىدۇ. ئوتتۇرا سەۋىيە يەنە تولۇقسىز ۋە تولۇق دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. بۇنىڭدا باشلانغۇچ ئۈچۈن ئېلىپبە، ھىساب ۋە تەبىئەت مۇشۇ ئۈچ دەرسلىك؛ تولۇقسىز ئۈچۈن، تىل-ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، فىزىكا ۋە خېمىيە دەرسلىرى بولىدۇ؛ تولۇق ئۈچۈن تىل-ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، فىزىكا، خېمىيە، بىئولوگىيە ۋە جۇغراپىيە دەرسلىرى بولىدۇ؛ يۈكسەك سەۋىيە ئۈچۈن، ئالىي مەكتەپنىڭ ماتېماتىكا، فىزىكا ۋە خېمىيە دەرسلىرى بولىدۇ. يەنە ئەھۋالغا قاراپ «ئالىي مەكتەپ ئىمتاھان تەكىرارلاش كۆزنىكى» ئېچىلسىمۇ بولىدۇ...

سىرىتقى تۈزۈلىشى:
بەتنىڭ ئوڭ يۇقىرى بۇرجىكىدە « مۇشتەرى بولۇڭ» ۋە «كىرىڭ» كونۇپكىسى بولىدۇ. تىزىملىك ئاستىغا سىرىلما تىزىملىك ساڭگىلاپ چۈشكەن بولىدۇ.  ئۈستى ئارقا كۆرىنىشى ئەدەبىيات، ئىختىساد ۋە پەن-تېخنىكا سىمھولىنى ئالغان رەسىملەر بولىدۇ. لوزۇنكىسى مۇۋاپىق رەسىم ۋە ھىكمەتلىك سۆز بولىدۇ(لوزۇنكا لاھىيلەشكە دىتى بارلار مەرھەممەت!).  ئۈستى ئوتتۇرا قىسمىدا سىرىلما رەسىملەر بولىدۇ، ئەڭ يېڭى ئالاقىدار رەسىملەر سىرىلما ھالدا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ئاستىدىكى ئورۇنغا ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار، ئەڭ يېڭى ئېلان قىلىنغانلار ۋە باشقا مۇۋاپىق مەزمۇنلارنىڭ بىر قىسمى چىقىرىلغان بولىدۇ. ئاستىدا ھەمكارلاشقان ئورۇن، شەخىسلەر ھەققىدە ئۇچۇر بولىدۇ. دوستانە ئۇلانمىلار قېتىلىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، قېرىنداشلارنىڭ تېخىمۇ ئۆزگىچە ۋە جەلپ قىلارلىق بولۇپمۇ، يېڭىلىق يارىتىلغان بەت سەھىپە ئورۇنلاشتۇرىشىنى تەۋسىيە قىلىشلىرىنى سورايمىز!

3. ئۇنىڭدىن كىيىن بىلىم مەنبەلىرىنى توپلايمىز. ھازىر بۇ ئىشنى قىلىمىز، قوللايمىز دەيدىغانلاردىن بىر نەچچىسى بار. دەسلەپكى قەدەمدە بىرەر-ئىككى ئاي خالىس تۆھپە قوشقۇسى بار قېرىنداشلارنى قارشى ئالىمىز. توردىكى بىلىم مەنبەلىرى مۇشۇ قېرىنداشلىرىمىز تەرىپىدىن تەمىن ئېتىلىدۇ. بىلىم مەنبەلىرى ئاساسلىق ئۈچ غول لىنىيە بويىنچە بولىدۇ: 1) ئەدەبىيات-سەنئەت، 2) پەن-تېخنىكا، 3) ئىختىساد. پەن-تېخنىكىغا ئائىت ماتېرىياللىرمىز دەمالىققا بار ياكى تاپقىلى بولىدۇ؛ ئىختىسادقا ئائىت ماقالىلەرنى ئىشلەشنى باشلىغان قېرىنداشلىرىمىز بار؛ ئەدەبىيات-سەنئەتتە ياخشى ئەسەرلەرنى سۇنۇشنى بۇ ساھەدىكى قېرىنداشلارغا مۇراجەت قىلىمىز!

قالغان ئىشلار، خۇدا خالىسا،  ئاستا-ئاستا راۋاجلىنىدۇ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   (بىلىك) تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-18 04:39 AM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش