مۇقەددەس ئەزرائىل بىلەن دىدارلاشمىسۇن!
ئەمدىلا ياشلىق دەۋرنىڭ بوسۇغۇسىغا قەدەم ئالغان دېھقان قىزى مۇقەددەس يىلىك يۇقۇملىنىش كېسىلى بىلەن يىقىلدى. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى قىزىنى داۋالىتىش جەريانىدا مال-بىساتىدىن تامامەن ئايرىلىپ، قاق سەنەم بولۇپ قالدى. ئەجەل چاڭگىلىدا ئاچچىق ئىڭراۋاتقان يۈرەك پارىسىنى قۇتۇلدۇرىۋېلىشنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىككى ئامالىنى قىلالماي، ھەريان تىپىرلاپ، يۈرەك-باغرى پارە- پارە بولۇپ كەتكەن بىچارە ئاتا-ئانا ئەڭ ئاخىرىقى ئۈمىدىنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن،جەمئىيەتتىكى ئاق كۆڭۈل كىشىلەرنىڭ مېھىرلىك ساخاۋەت تامچىلىرىدىن ئىزدەشكە مەجبۇر بولدى...!ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
تاڭزۇڭزا چاغىنى مەزگىلىدە شايار ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى ۋە يېڭىمەھەللە بازارلىق 3-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مەسئۇللىرى يىلىك يۇقۇملىنىش كېسىلى بىلەن ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان ئوقۇغۇچى مۇقەددەس ھېيتنىڭ يېڭى مەھەللە بازىرى قوش سۆگەت كەنت 2-مەھەللىسىدىكى ئائىلىسىگە بېرىپ ھال سورىدى.
12 ياشلىق مۇقەددەس ھېيت يېڭىمەھەللە بازارلىق 3-ئوتتۇرا مەكتەپ 7-يىللىق سىنىپنىڭ«ئۈچتە ياخشى» ئوقۇغۇچىسى بولۇپ،2011-يىلى نويابىردا تۇيۇقسىز ئوڭ پۇتى ئاغرىپ ماڭالماي،بازارلىق،ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى ۋە ئەڭ ئاخىردا ئاپتونۇم رايونلۇق تىببىي ئۇنىۋېرىستېتى قارمىقىدىكى بىرىنچى دوختۇرخانىدا تەكشۈرتكەندە ئوڭ پۇت يوتا سۆڭىكىنىڭ يىلىكى ئالتۇن رەڭلىك ئۈزۈمسىمان شارچە باكتىرىيەسى بىلەن يوقۇملانغان ھەم يۇقۇملىنىش سۆڭەككىمۇ كېڭەيگەن دەپ دىئاگىنوز قويۇلۇپ،دەرھال ئوپىراتسىيە قىلىنىپ،يۇقۇملانغان يىلىك تازلاپ ئېلىۋېتىلگەن. تىببىي ئۇنىۋېرىستېتى قارمىقىدىكى بىرىنچى دوختۇرخانىدا بىر ئايغا يېقىن يېتىپ داۋالانغان.مۇشۇ جەرياندا 70مىڭ يۈەن ئەتىراپىدا چىقىم بولۇپ،ئائىلىسىنىڭ ئېقتىسادىي مادارى يار بەرمىگەچكە قايتىپ كېلىپ،يەنە بار بىساتىنى سېتىش،باشقىلاردىن قەرىز ئېلىش ئارقىلىق پۇل غەملەپ،كېيىنكى باسقۇچلۇق داۋالاشنى مۇقەددەسنى داۋالىغان تىببىي مۇتەخەسىسلەرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ناھىيەلىك،بازارلىق خەلق دوختۇرخانىسىدا داۋاملاشتۇرغان.مۇقەددەس ئىلگىرى –كېيىن بولۇپ توققۇز ئاي داۋالىنىپ ھاسىدا ماڭغىدەك بولۇپ،مەكتەپتە ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرغان.مۇشۇ جەرياندا 100مىڭ كويدىن ئارتۇق چىقىم تارتقان.بار بىساتىنى سېتىپ،قاق سەنەمگە ئايلانغان.بۇ ئائىلىنىڭ ئاران 6مو تېرىلغۇ يېرى بار بولۇپ،بۇ يەر بىلەن ئائىلىدىكى بەش جان ئادەم ئارانلا تۇرمۇش كەچۈرەتتى.مۇقەددەسنىڭ ئاپىسى مۇقەددەستىن خەۋەر ئالسا ،ئاتىسى ھېيت ئەمرۇل بىلەن ئاكىسى قۇرۇلۇشتا مەدىكار بولۇپ ئىشلەپ تاپقان پۇلىدا قەرىز قايتۇرىۋاتاتتى.ئويلىمىغان يەردىن بۇ يىل مايدا پۇتى يەنە ئاغرىپ كېتىپ،قايتا تەكشۈرتكەندە پۇت يىلىكىدە يۇقۇملۇق باكتىرىيە يەنە پەيدا بولۇپ،كېڭىيىۋاتقانلىقى ئېنىقلاندى.دەرھال يۇقۇرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالاتمىسا ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدىكەن.بار بىساتىدىن ئايرىلغان ،تېخى يەنە 20مىڭ يۈەن قەرىزنى قايتۇرۇپ بولالمىغان بۇ دېھقان ئالىسى سۆيۈملۈك قىزىنى قايتا ئوپىراتسىيە قىلدۇرۇپ داۋالىتىشقا كېتىدىغان ئېقتىساد مەسىلىسىدە ئېغىر غەمگە پاتماقتا.
مۇقەددەس ھېيتنىڭ ئاپىسى ھەبىبەم ئەمەت تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:2011-يىلى11-ئاينىڭ باشلىرىدا بىر كېچىدىلا پۇتۇم ئاغرىدى دېدى.بازارلىق دوختۇرخانىدا تەكشۈرتسەك ئۇستىخان شالاڭلىشىشكەن دېدى،ناھىيەلىك دوختۇرخانىغا ئاپارساق ئۇستىخان قارداشقا باشلاپتۇ.ئۇستىخاندا ئۆسمە بار دېدى.ئاپتونۇم رايونلۇق تىببىي ئۇنىۋېرىستېتىت قارمىقىدىكى بىرىنچى دوختۇرخانىغا ئاپارساق يىلىكتە راك ھۈجەيرىسى باركەن دەپ،يوتا ئۇستىخىنىدىكى يۇقۇملانغان يىلىكنى قىرىپ ئېلىۋەتتى.بىر مەزگىل داۋالىنىپ ياخشى بوپ قالدى.مۇشۇ جەرياندا ئۇرۇق تۇققان،دوست،خولۇم-قوشنا،ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر ياردەم قىلدى.بىر يېرىم يىلدىن كېيىن يەنە قايتا قوزغۇلۇپ قالىدىغانلىقىنى زادىلا ئويلىماپتىمەن.بۇ ئىشقا داۋالىغان مەسئۇل دوختۇرمۇ ھەيران قالدى.ئەمدىلىكتە داۋالىتىشقا قۇربىمىز يەتمىدى.بار بىساتىمىزنى سېتىپ بولدۇق.
شايار ناھىيەلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرى :تاھىرجان نىياز