sahran يوللىغان ۋاقتى 2013-6-19 12:37 AM
رەھمەت، ئاللاھ خالىسا ياخشى قىلىشقا تىرىشىمىز. بولسا ...
نۆۋەتتىكى مەسلە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىپتىدائىي شەكىلدىكى PDF تور ژورناللىرىنى چۈشۈرۈپ ئوقۇشتەك قولايسىز ئۇسۇلنىڭ ۋاقتىنىڭ ئۆتكەنلىك مەسلىسى ، بۇنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ئاددىي چارىسى مەن دىگەن ئۇسۇلنى قوللىنىش ئارقىلىق بارلىق قوللىغۇچى مۇنبەر ، توربېكەتلەردە ژورنالنى چۈشۈرمەي يەنى شۇ بېكەتتىن چىكەتمەي تۇرۇپلا ئوقۇش ئىمكانىيىتى يارىتىش. چۈشۈرۈشنى خالايدىغانلارغا چۈشۈرۈش مەنبەسىنى تەمىنلەشتۇر. چۈنكى نۇرغۇنلىغان تورداشلار PDF ژورنالنى چۈشۈرگىنى بىلەن ئۇنى قانداق قورال ئارقىلىق ئېچىپ ئوقۇشنى بىلمەسلىكى مۇقەررەر. سىلەر مەزمۇنغىلا كۈچىمەي تېخنىكىلىق ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ ئوقۇرمەنلەرگە ئەڭ قولاي شارايىت ھازىرلاپ بىرەلىسەڭلار ژورنالنىڭ كەلگۈسى پارلاق. ئاددىيسي مەنچە بولغاندا تېمىڭىزدا PDF چۈشۈرۈش مەنبەسىنىلا تاشلاپ قويماي تېمىنىڭ بىرەر بۇرجىكىگە بولسىمۇ قايسى قورال ئارقىلىق ئېچىپ ئوقۇش ئۇسۇللىرى ، قورال چۈشۈرۈش مەنبەسى قاتارلىق ئۇچۇرلار تەپسىلىي ئىزاھلىنىشى كېرەك ئىدى.
ئەسلى ئارزۇيىمىزچە، كۆپ ئادەم بىلسە،ئەسەرلەر كۆپلەپ ئەۋەتىلىپ تۇرسا، ياخشى ئەسەرلەرنى تاللاپ تۇرۇپ، ژۇرنالنى تېخىمۇ سۈپەتلىك قىلىپ چىقارساق بولاتتى، بىلمىدىم، ھازىر كىشىلەر نېمىلەرگە قىزىقىپ يۈرىدىكىن؟ بۇ تېمىنىڭ ئەھۋالىدىن قارىغاندىمۇ، بۇنداق ئىشلارغا قىزىقىدىغانلار كۆپ ئەمەستەك.
مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغۇچى ئەڭ ئاۋال بازار كۆزىتىشى ، ئۇنىڭدىن كىيىن بازارنىڭ مەھسۇلاتقا بولغان ئىھتىياجىنى سىتاستىكىلاپ ، ئۇنىڭدىن كىيىن شۇ ئىھتىياجغا ئىگە بولىۋاتقان ئىستىمالچىلار بىلەن مەھسۇلاتنى قانداق ئۇچراشتۇرۇش شۇنداقلا تۇنجى قېتىمدىلا شۇلارغا ئۆز مەھسۇلاتىنىڭ باشقا تۈردىكى ياكى باشقا ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭكىدىن ياخشى ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدۇرۇشنى پىلانلىشى زۆرۈر ، شۇندىلا شۇ مەھسۇلاتنىڭ كەلگۈسى بولىدۇ. مېنىڭچە سىز ئوقۇرمەنلەرنىڭ چىقمىغانلىقىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭ ، ژورنالنى قانداق قىلغاندا تېخىمۇ كۆپ ، تېخىمۇ ھىرىسمەن ، تېخىمۇ ئىھتىياجلىق ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگىلى بولىدۇ شۇنى پىلانلاڭ ھەمدە بۇ مەسلىگە قارىتا يېڭىلىق يارىتىڭ. نۆۋەتتە 3-سانى مۇۋاپىقىيەتلىك ئېلان قىلىنغان بولسا تېخى يېڭى باشلىنىش ئىكەن ، ئېنگلىزتىلىدا ياخشى باشلىنىش يېرىم غەلبە دىگەن ھىكمەتلىك سۆز بار ، تېخىمۇ تېرىشىڭلار ، مەن دىگەن نۇقتىنى چوقۇم ھەل قىلىشقا ئالدىراڭلار.
مېنىڭ ھازىرچە سىلەرنىڭ ژورنالنى ئەسەر بىلەن تەمىنلىگۈدەك ئۇمىچىم يوق. ياخشى ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگىدەك قۇربىم بولغاندا چوقۇم سىلەرگە ئىلخەت يوللايمەن.