ئەركىن دادا ( دادام بىلەن تەڭكەنسىز) ، يازمىڭىزدىكى ‹‹ روھىي چېنىقىش›› دېگەن يېرىدە ئۆزىڭىزنىڭ ھويلىڭىزدىكى گۈل-گىياھلارنى پەرۋىش قىىدىغانلىقىڭىزنى دەپ ئۆتۈپسىز. دېگەندەك فەيسبوكتا بۈككىدە ئېچىلىپ كەتكەن گۈللىرىڭىزنى كۆرۈپ تۇرىمەن.
(مەنمۇ چەتتە)
ئاندىن سىز قىستۇرۇپ ئۆتكەن يۈسۈپجان ياسىن ئەپەندىىڭ يازمىسىنى تېگىدىن تولۇق چۈشىنەلەيدىغان، ئۇنى دىن بىلەن زىت قىلىۋالماي، ئۆزىنىڭ ۋە مىللىي تەرەققىياتىنىڭ تۈرتكىسى سۈپىتىدە چۈشىنىپ قوللىنالايدىغان كىشىلەر بۇ مۇنبەردە ئەسلى جىق ئىدى، ئەگەر سىزدىن بۆلەك كىشى ياكى ئۆزىڭىز نامسىز ھالەتتە بۇ قىستۇرمىنى يوللىغان بولسىڭىز نۇرغۇن قارشى پىكىر ۋە ئاچچىق سۆزلەرگە ئېرىشىپ قالاتتىڭىز. پەقەت سىز بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن ئۇلار قارشى پىكىر قىلىشقا پېتىنالمىدى خالاس.
مېنىڭ ئىشلىرىمنى تۈگىتىپ ھارغاندا يۇمۇر ئوقۇش ياكى توردىن كومىدىيىلىك قىسقا ۋىدىيولارنى كۆرىدىغان، ياكى ئۆزۈم يولۇققان قىزىق ئىشلارنى يۇمۇر شەكلىدە يېزىپ قويىدىغان، ياكى نېرۋامغا تەسىر قىلىدىغان نەرسىلەرگە چىداپ قاراپ تۇرىدىغان، مەسىلەن مېنىڭ زىچلىقتىن قورقىدىغان پىسخىكام بار، ئانار ، ئاپتاپپەرەسكە ئوخشاش زىچ نەرسىلەرگە چىداپ قاراپ تۇرىمەن. ئۆزۈم يۇمۇر يېزبپ قويىشىم بىلەن ناتىقلىقىم ئاشقاندەك، چەتئەل تىلىدىكى ياپتا سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى بىلىدىغان بولغاندەك ھېس قىلغان بولسام، زىچلىققا چىداپ قاراپ تۇرۇش ئارقىلىق شۇ قورقۇش پىسخىكامنى ئازىراق يەڭگەندەك بولدۇم. بۇلاردىن باشقا يەنە جىق، مەسىلەن ھايۋانلارغا بىرەر ئىش ئۆگىتىمەن، ئاندىن ئۇلارنىڭ قانچىلىك ئەقىللىقلىقىنى ھېس قىلىمەن ... ۋەھاكازالار. مۇشۇلار سىز دەپ ئۆتكەن روھىي چېنىقىشقا كىرەمدۇ؟