talpak يوللىغان ۋاقتى 2013-6-17 04:45 PM
ئىنكاسلىرىڭىزنى ياقتۇرۇپ قالدىم .
مەنمۇ ئويلاپ قالدى ...
تۇركىيىنىڭ يەھۇدىلابىلەن بولغان ئۆچ ئاداۋىتى بەك چۇڭقۇر ،مۇشۇ نوختىدىن تۇركىيىنىڭ كۇچۇيۇپ كىتىشىنى ئەڭ خالىمايدىغان دۆلەت ئسرائلىيە ،ئۇنىڭدىن باشقا ياۋرۇپا دۆلەتلىرىمۇ تۇركىيىنىڭ كۇچۇيۇپ كىتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ،بولۇپمۇ تۇركىيىنىڭ ئسلام لىشىپ كىتىشى ياۋرۇپا ھەم ئسرائىلىيە ئۇچۇن بىر ئاپەت دەيدىغان بىر كۆز قاراش مەۋجۇت ،سەۋەبى دۇنيادا غەيرى دىندىكلەر نىڭ ب د ت ،ش ئا ئە ت ،ياۋرۇپا ئتتىپاقىغا ئوخشاش ئۆزىنىڭ سىياسى مەنپەتىنى قوغدىيالايدىغان تەشكىلاتىلىرىبا ئۇلا بۇخىل ئورتاق گەۋدىگە تايىنىپ ئۆز مەنپەتىنى قوغداپلا قامماي يەنە باشقا دىندىكىلەرگە ئۆزىنىڭ مەنپەتىنى چىقىش قىلپ تۇرۇپ تون پىچالايدۇ ،ئەمما ئسلامنىڭ ئۇنداق كۇچلۇك بىر سىياسى گەۋدىسى يوق ئەرەپ ئەللىرى ئتتىپاقى بوسا زىرىككەندە ئانچە مۇنچە بورت ،ياكى كۆرت ئويناپ ئۆز كۆڭلىنى ئۆزى خوش قىلىدىغان ئىتى ئۇلۇغ سۇپۇرسى قۇرۇق تەشكىلات.
تۇركىيە ئسلام لاشسا ئۆزىنىڭ تارىخى ئاساسسىغا تايىنىپ كۇچلۇك ھەم ئۇنۇملۇك بىر خەلىقئارالىق ئسلام بىرلىگى قۇرالايدۇ.ھازىر دۇنيادا مۇسۇلمانلا ئۇچۇن كەم بولىۋاتىقىنمۇ شۇ ،خەلىقئارانىڭ ئەنىسرەيدىغىنمۇ مۇشۇ ،شۇنداقلا فەلەسىتنگە ،سۇريەگە ئوخشاش بىر قىسىم دۆلەتلەردىمۇ تۇركىيىنىڭ ھامىلىقىنى قوبۇل قىلىشنى خالايدىغان خەلىقلەربا ،غەيرى دىندىكىلەر تۇركىيىنىڭ ھامى بوغىدەك سەۋيەگە يىتىشىنى خالىمايدۇ،تۇركيەنىڭ ھامى بولىشىنىڭ ئاساسلىق شەرتلىرىنىڭ بىر ئسلام لىشىش .
تۇركىيىنىڭ ئۇزۇل كىسىل ئسلام لىشىپ كىتىشىدىن رەجەپ تايىپ ئەردۇئاننى قوللايدىغانلانى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۇتۇن خەلىق ئەندىشە قىلىدۇ تۇركىيلىكلەرنىڭ ئارزۇسى دىننى مىللەتنىڭ تەركىۋى قىسمىغا ئايلاندۇرۇش ،ئەمما دىننى دۆلەتىنىڭ ئاساسغا ئايلاندۇرۇپ قويماسلىق، مانا بۇ تۇركىيلىكلەرنىڭ ئارزۇسى ،ئەردۇئاننىڭ قوغلىشىدىغى ئسلامىيەتكە ھامى چىقىش ،ھامى چىقىش ئۇچۇن ئىسلام لىشىش كىرەك ،بۇيەردە بەخىت بىلەن زىدىدىيەت تەڭ مەۋجۇت .
نامايىشچىلاغا قۇتۇراتقۇلۇق قىلۋاتقانلاغا كەسەك ئۇلا ئۆزىنىڭ مەنپەتىنى دەپ غەيرى مۇسۇلمانلانىڭ دىپىغا ئۇسۇل ئويناۋاتىدۇ.