zebran يوللىغان ۋاقتى 2013-6-17 05:55 PM
ھا ھا ھا ئاتە قەشقەلىلىك پورۇڭنى ھە ... 5 يۇلتۇزلۇق مى ...
يائاللا يەنە كەلدى مانا قېرىندشلىرىمىز ،قەشقەرلىك ،ئۇ يەرلىك بۇ يەرلىك دەپ،،،،،، نېمە كەلدى بىزلەرگە بۇنداق يۇرتۋازلىق قىلىپ ،ھەمىمىز ئۇيغۇر ، سىز دېگەندەك ياكى قەشقەردە بۇنداق ئالتە يۇلتۇزلۇق مېھمان ساراي بار بولسۇن ياكى يوق بولسۇن ،ھەممە جاي بىز ئۇيغۇرلارنىڭ زېھمىنىغۇ ،بىزلەر خەنلەر كەلسە ھېچ گەپ قىلالمايمىز ، باشقا مىللەتلەر ئارسىدىكى زىدىيەتلەرنى ھەل قىلىپ بولالماي تۇتۇرۇپ يۇرتۋازلىق قىلىپ يۈرىسەك قاملىشامدۇ ھە قېرىنداشلار ،گەپلەرنىڭ ئىچىگە باشقا مەزمۇن يوشۇرۇنغان ۋاي ما قەشقەرلىك ،پالانىلق دەپ ، بوپمۇ مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە ۋە بۇندىن كېيىن بۇنداق بۇنداق دېيشمەيلى ،تارىختا مۇشۇ زىھمىن 36 بەگىلىككە ئايرىغان چاغلاردا ھەر يۇرتتا بىر ھۆكۈمدار بولغان ،بەلكىم شۇنىڭ ئىزناسى قالدى بولغاي،شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەرلىك بۇ يەرلىك دەپ ئاتاپ ئادەتلىنىپ قالىدۇق ،لېكىن بىز ئەۋلادىلار بۇنى دەل ۋاقتىدا تۈزەتمىسەك ياخش ئاقۋەت چېقمايدۇ ،بىز ھەمىمىز ئۆزىمىزنىڭ يۇرتنىڭ باشقلار تەرىپىدىن خالىغانچە ئۇنداق بۇنداق ديىيلشىنى خالمايمىز ،بۇ دىيارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرغا تەۋە ،ئەجىبا ئۇنداق ئەمەسمۇ!!! يە، مەن بۇلارنى ھەرگىز سىزگە قارىتىپلام دېگىنمۇ يوق ،بۇ ئىش تورداشلار ئارسىدا خىلىلا ئىغىر،بۇ بىر پىكىر ئالماشتۇردىغان سورۇن بولغاچقا ئويلغانلىرىمنى دادىلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قۇيدۇم