مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: altun

ئىستانبۇلدا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيسى چوڭ يىغىنى ئېچىلدى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86619
يازما سانى: 746
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1242
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 541 سائەت
تىزىم: 2012-10-30
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-17 10:33:42 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
altun يوللىغان ۋاقتى  2013-6-17 04:50 PM
ئۇستاز نەجمىددىن ئىرباقان سايلام بىلەن ھۇقۇققا كەلگەن ...

‏ئوغۇل بالىدەك گەپ قىلدىڭىز           ياشا ئەردۇغان       ياشا تۈركىيە           ياشا مۇسۇلمانلار          ياشا تۈرۈك مىللەتلىرى

سائەت ۋە ۋاقىت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77071
يازما سانى: 226
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4188
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 296 سائەت
تىزىم: 2012-3-7
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-17 11:04:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنى كۈرۈپ نەچچە كۈندىن بېرى ئۇيۇن قويغان شەيتانلارنىڭ كۈتىدىن قان كەتكەندۇ ھە
كۈننى ئىتەك بىلەن توسقىلى بولمايدۇ،  ھەق ھامان ھەق ، ئاللاھ ھەمىمىزگە غەلبە نۇسرەت ئاتا قىلسۇن ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72418
يازما سانى: 824
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 804
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 497 سائەت
تىزىم: 2012-1-1
ئاخىرقى: 2013-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-17 11:39:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامىن؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95802
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 72
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 17 سائەت
تىزىم: 2013-6-5
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-17 11:52:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ مۇسۇلمانلارغا ئامانلىق بەرسۇن ئامىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 436
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5922
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 829 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-18 12:09:35 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ تۈرك مۇسۇلمانلارنىڭ پەخرى ئەردۇغاننى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن!
 تۈركيە باش منستىرى ئەردوغاننىڭ تەرجىمھالى



ئۇيغۇرچىغا :تاھىر ئىمىن ئاغدۇردى.



رەجەپ تاييىپ  ئەردوغاننىڭ  ئەسلى يۇرتى ئاناتولىيەنىڭ ئەڭ شەرقى شىمالىدىكى رىزە ئۆلكىسى بولۇپ،1954-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى ئستانبۇلدا تۇغۇلغان.1965-يىلى قاسىم پاشا پىيالە باشلانغۇچ مەكتىۋىنى،1973-يىلى ئستانبۇل ئىمام خاتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىۋىنى پۈتتۈرگەن. ئىمتىھان بىرىۋاتقان مەزگىلىدە يەنە ئەييۇپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىۋىدىنمۇ دىپلوم  ئالغان.ئۇنىۋېرستىتنى مەرمەرە ئۇنىۋىېرستىتى ئېقتىسادى ۋە تىجارى بىلىملەر فاكۇلتىتىدا ئوقۇغان ئەردوغان بۇ فاكۇلتىتنى 1981-يىلى تاماملىغان.

ياش چاغلىرىدىن باشلاپ  ئىجتىمائى ھايات ۋە سياسەتكە چوڭقۇرلاشنى تاللىغان ئەردوغان، مۇنتىزىم ھەمكارلىق خىزمىتى  ۋە ھەمكارلىق روھىنى ئۆزىگە ئنتايىن كىچىك چاغلىرىدىن باشلاپ  ئۆگەتكەن پۇتبول بىلەن (1969-1982) ئشتىن سرت شۇغۇللىنىش ئارقىلىق  ئىپادىلىدى.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە،بۇ يىللاردا بىر ياش ئىدىئالىست بولۇش سۇپىتى بىلەن  دۆلەت ۋە دۇنيا مەسللىرى ۋە كوللىكتىپ مەسللەرگە  كۆڭۈل بۆلگەن ئەردوغاننىڭ ئاكتىپ سياسىيغا قەدەم ئىلىش دەۋرى باشلاندى.

تولۇق ئوتتۇرا ۋە  ئۇنىۋرستېتتا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا مىللى تۈرك  ئوقۇغۇچىلار بىرلىكى  ئوقۇغۇچىلار گۇرۇپپسىدا ئاكتىپ ۋەزىپە ئالغان رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، 1976-يىلىدا (MSP)بايئوغلۇ ياشلا تارمىقى باشلىقلىق ۋەزىپىسى ۋە شۇ يىلى (MSP)ئستانبۇل ياشلار گۇرۇپپىسى باشلىقلىق ۋەزىپىسگە سايلاندى. 1980-يىلىغا قەدەر، بۇ ۋەزىپىلەرنى داۋاملاشتۇرغان ئەردوغان سياسي پارتىيلەرنىڭ ئەسكىرى زەربىسى بىلەن تاقىۋېىتىلگەن 1980-يىلى 12-سىنتەبىر مەزگىلىدە ئالاھىدە بۆلۈمدە بىر مەزگىل مەسلىھەتچى، يۇقىرى قاتلام باشقۇرغۇچىلىق ۋەزىپىسنى ئۆتىدى.

    1983-يىلى قۇرۇلغان رەفاھ پارتىيسى بىلەن ئاكتىپ سياسى ھەرىكەتكە قايتىپ كەلگەن رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، 1984-يىلىدا رەفاھ پارتىيسى بەيئوغلۇ رايون باشلىقى،1985-يىلىدا بولسا،رەفاھ پارتىيسى ئستانبۇل رايون باشلىقى ۋە رەفاھ پارتىيسى بەيئوغلۇ ناھىيە باشلىقى (MKYK) ئەزاسى بولدى. ئستانبۇل رايون باشلىقى ۋەزىپىسنى ئۆتىگەن ئەسناسىدا، باشقا سياسى پارتىيلەر ئۈچۈن مودىل بولغان يېڭى بىر تەشكىلى قۇرۇلمىسى بەرپا قىلغان ئەردوغان ،بۇ مەزگىلىدە مەخسۇس ھالدا  ئاياللار ۋە  ياشلارنىڭ سياسىيغا قاتنىششنى ئىلگىرى سۇرىدىغان يىتەكچىلىك خىزمەتلىرىنى ئشلىدى.سياسەتنىڭ ئوچۇق ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كەڭ خەلق ئاممىسى تەرىپىدىن پايدىلىنىپ ئېتىبارغا ئېىلىنىشى يولىدا مۇھىم قەدەملەرنى ئالدى.بۇ خىزمەتلەر ئەردوغان مەنسۇپ بولغان رەفاھ پارتىسيگە 1989-يىلى بەيئوغلۇ يەرلىك سايلىمىدا چوڭ غەلبە ئەكىلىپ،يۇرتقا پارتىيە خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئۆرنەك تىكلەپ بەردى.

1994-يىلى 27-مارت يەرلىك سايلىمىدا ئستانبۇل بۇيۇك شەھەر باشلىقى بولۇپ سايلانغان رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، سياسى ئېقتىدارى، ھەمكارلىشپ ئىشلەشكە ئەھمىيەت بىرىشى،ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئېقتسادى ساھەلەردىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك رەھبەرلىكى بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم مەركىزى شەھەرلەردىن بىرى بولغان ئستانبۇلنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان مەسللىرىگە توغرا دىئاگنوز قويدى ۋە ھەل قىلىش چارىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.سۇ كەمچىل بولۇش مەسىلىسى يۈز كىلومترلىق يىڭى تۇرۇبا يوللىرى ياتقۇزۇش بىلەن، كىرەكسز ماتىريال ۋە ئەخلەت مەسىلىسى دەۋرنىڭ ئەڭ ئىلغار بولغان قايتا پايدىلىنىش مۇئەسسەلىرىنى قۇرۇپ چىقىش بىلەن ھەل قىلىندى.

ھاۋانىڭ بۇلغىنىش مەسىلىسى ئەردوغان دەۋرىدە تەرەققى قىلدۇرۇغان تەبئى گازغا كۆچۈش پىلانلىرى بىلەن ھەل قىلىنغان بولسا، شەھەرنىڭ قاتناش ۋە تىرانسپورت مەسىسلىسگە قارىتا 50دىن ئارتۇق كۆۋرۈك ،ئۆتۈشمە يول ۋە يۇقىرى سۈرەتلىك تاش يوللىرى ئنشا قىلىندى.مەنپەئىتى كىينكى مەزگىللەرگە قەدەر سوزۇلىدىغان نۇرغۇن چوڭ پىلانلار ئشقا كىرىشتۇرۇلدى.شەھەر بايلىق مەنبەسىنىڭ توغرا ئشلىتىلىشى ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئىلىش مەقستى بىلەن  ئالاھىدە تەدبىر قوللانغان ئەردوغان 2 مىلىيارد دوللار قەرز بىلەن ئۆتكۇزۇۋالغان ئستانبۇل بۈيۈك شەھەر بەلەدىيەسنىڭ قەرزلىرىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە تۆلىدى ۋە بۇ ئارىدا 4 مىلىيارد دوللارلىق مەبلەغ ئەمەلىيلەشتۈردى.بۇنىڭ بىلەن تۈركىيە شەھەرچىلىك تارىخىدا يېڭى بىر دەۋر ئاچقان ئەردوغان بىر تەرەپتىن باشقا شەھەرلەرگە ئۆربەك بولۇش بىلەن بىرگە، بىر ياندىن خەلق نەزىرىدە بۇيۇك بىر ئشەنچكە ئېرىشتى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 1997-يىلى 12-دىكابىردا خەلقكە ختاب قىلىپ سۆزلىگەن نۇتۇقى جەريانىدا، مىللى مائارىپ مىنستىرلىكى تەرىپىدىن ئوقۇتقۇچىلارغا تەۋسيە قىلىنغان ۋە بىر دۆلەت ئاپپاراتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان كىتابتىكى بىر شئېرنى ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن ھەپىس جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغان ۋە ئستانبۇل بۇيۇك شەھەر بەلەدىيە باشلىقى ۋەزىپىسى ئاخىرلاشتۇرۇلغان.

   رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 4 ئاي تۇرغان جازا ئۆيىدىن چىققاندىن كىين جامائەتچىلىكنىڭ كۈچلۈك تەلىۋى ۋە دىموكراتىك جەريانلارنىڭ بىر نەتىجىسى سۈپىتىدە 2001-يىلى 14-ئاۋغۇستتا دوسىتلىرى بىلەن بىرلىكتە «ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيسى» (Adalet ve Kalkınma Partisi'ni (AK Parti))نى قۇردى ۋە پارتىيە قۇرغۇچىلار تەرىپىدىن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيسنىڭ قۇرغۇچى ئاساسى باشلىقى بولۇپ سايلاندى.

   مىللەتنىڭ تاللىشى ۋە ئشەنچىسى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيسنى تىخى قۇرۇلۇپ بىرىنچى يىلىلا  تۈركىيەدىكى ئەڭ كۆپ خەلق قوللىشىغا ئېرىشكەن سياسىي ھەرىكەت ھالىتىگە ئىلىپ كەلدى ۋە 2002-يىلىدىكى ئاساسى سايلامدا ئۈچتە ئىككى پارلامنىت كۆپ سانلىق ئورنى بىلەن يالغۇز ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان پارتىيە بولدى.

ئۆزى ھەققىدىكى سوت قارارى سەۋەبىدىن 2002-يىلى 3-نويابىر سايلىمىدا مىللەت ۋەكىلى نامزات بولۇشى چەكلەنگەن ئەردوغان، قانۇنى يول ئارقىلىق نامزاتلىق سالاھىيتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن 2003-يىلى 9-مارتتا سىېرت ئۆلكىسىنىڭ مىللەت ۋەكىلى يېڭىلىنىش سايلىمىغا قاتناشتى. بۇ سايلامدا 85%ئاۋازغا ئېرىشكەن ئەردوغان 22-نۆۋەتلىك سېرت ۋىلايىتى مىللەت ۋەكىلى سالاھىيتى بىلەن پارلامېنىتقا كىردى.

    2003-يىلى 15-مارتتا باش مىنىستىرلىك ۋەزىپىسنى ئۇستىگە ئالغان رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پارلاق ۋە سىجىل تەرەققى قىلىدىغان بىر تۈركىيە ئارزۇسى بىلەن ھاياتىنى مۇھىملىققا ئىگە قىلىدىغان بىر قاتار ئسلاھات تەدبىرلىرىنى قسقا مۇددەت ئىچىدە يولغا قويدى.

دىموكراتىيلىشش، ئوچۇق-ئاشكارا بولۇش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش يولىدا نۇرغۇن مۇساپىلەرنى باستى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، دۆلەت ئېقتىسادى ۋە خەلق پسخىسكىنى بولۇمسز تەرەپكە بۇراپ كىلىۋاتقان ۋە ئون نەچچە يىلدىن بىرى ھەل بولمىغان پۇل پاخاللىقى كونتىرول قىلىندى. تۈرك لىراسى بۈيۈك ئېتىبار قازاندى. دۆلەتتىن قەرز ئىلىش ئۆسۈم نسبىتى تۆۋەنلىتىلدى. كېشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان مىللى كىرىم تارىخى بىر يۈكسىلىش بىلەن ئۆرلىدى. دۆلەت تارىخىدا ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان تىزلىك ۋە زور ساندىكى سۇ توسمىلىرى، تۇرالغۇلار، مەكتەپ، دوختۇرخانا ۋە ئېنىرگىيە توك تارقېتىش زاۋۇتلىرى ئىشقا كىرىشتۇرۇلدى. ماددى پاراۋانلىق ۋە تەرەققىيات ھامىيسدىكى بۈيۈك مۇۋەپپەقىيەتلەر يېڭى تۈركىيەدە دىموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك ساھەلىرىنىڭ كىڭەيتىلىشنى دۇنيانىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر كۆزەتكۇچىلىرى ئەردوغاننىڭ ئەمەلگە ئاشۇرغان «ئاۋازسز ئنقىلاپلىرى»سۈپىتىدە تىلغا ئېلىشتى.

   رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ياۋروپا ئېتتپاقىغا كىرىش مۇساپىسدە، دۆلەت تارىخىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى سۈپىتىدە تەسۋىرلىگەن مۇۋەپپەقىيەتلىك تەشەببۇسلىرىغا قوشۇمچە قىلىپ، دانا تاشقى سياسەت ۋە جىددى زىيارەت-ئالاقە يولى بىلەن سىپرۇس مەسىلىسنى مەڭگۇلۇك بىر تەرەپ قىلىش ۋە دۇنيادىكى تۈرلۈك دۆلەتلەر بىلەن ئۇنۇملۇك ئالاقىلەرنى تەرەققى قىلدۇرۇش ساھەلىرىدە مۇھىم قەدەملەرنى ئالدى. بەرپا قىلغان ئومۇمى مۇقىم ۋەزىيەت ۋە ئىچكى دىنامىكىلىق ھەرىكەت ئالاھىدىلىكى تۈركىيەنى ئۆز رايونىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر مەركەز دۆلەت سۈپىتىگە كەلتۈردى. تۈركىيەنىڭ تىجارەت ھەجىمى ۋە سياسىى كۈچى،پەقەت ئۇنى ئۆز ئىچىگە جۇغراپىيلىك رايوندىلا ئەمەس،خەلقئارادا ھىس قىلىنغۇدەك سەۋىيەدە ئۆستى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 2007-يىلى 22-ئيۇلدىكى ئاساسى سايلامدا 46.6% ئاۋاز بىلەن بۇيۇك بىر غەلبە قازانغان ئادالەت پارتىيەسنىڭ باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيتىنىڭ 60-ھۆكۈمىتىنى قۇردى ۋە تەكرار ئشەنچلىك ئاۋازغا ئېرشتى. ئىككىنچى نۆۋەتلىك ۋەزىپسنڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىشىغا يىقىن 2010-يىلى  12-سىنتەبىردە ئۆتكۇزۇلگەن ئاساسى قانۇن ئۆزگەرتىشكە مۇناسۋەتلىك چوڭ رىفراندۇمدا 58%«قوللايمىز» ئاۋازىغا ئېرىشپ، رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يېتەكچلىك قىلغان ھەرىكەت تارىخى بىر مۇۋەپپەقيەت قازاندى.

2011-يىلى 12-ئيۇندا ئۆتكۈزۈلگەن ئاساسى سايلاملاردىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيسى سايلام بېلىتىنىڭ 49.8%گە ئېرىشپ قايتا بۇيۇك بىر زەپەر قازاندى. 3-نۆۋەت باش مىنىستىرلىك كۇرسىغا ئولتۇرغان ئەردوغان پارتىيسنىڭ سايلام بىلىتىنى ئارقىمۇ-ئارقا 3 قىتىم ئۆستۈرۈپ تۈرك سياسى تارىخىدىكى بىر يېىڭىلىققا ئىمزا قويغۇچى بولۇپ قالدى. تۈركىيەنىڭ خەلقئارا جامائەت ئارىسدا ھۆرمەتلىنىدىغان يۇقىرى ئورۇنغا چىققان بۇ جەرياندا، باش مىنىستىر ئەردوغان بىر دۇنيا رەھبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن نامايان بولدى. ھازىرمۇ تۈركىيە جۇمھۇرىيتى باش مىنستىرلىك ۋەزىپىسنى ئۆتەۋاتقان باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 1978-يىلى ئەمىنە خانىمغا ئۆيلەنگەن ۋە ئىككى ئوغۇل ئىككى قىز 4 بالىنىڭ دادىسى.

مەنبەسى:تۈركىيە ئادالەت تەرەققىيات

يەزر=ئۇيۇش=ئۇيغۇر!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36940
يازما سانى: 1737
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4460
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1729 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2013-8-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-18 12:35:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشباقان بولا  مۇشۇندا   بولا  

ئۈلپىتىڭ قاغا بولسا يىيىشىڭ پوق !
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86539
يازما سانى: 184
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 376
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 112 سائەت
تىزىم: 2012-10-27
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-18 01:01:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95698
يازما سانى: 138
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 183
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2013-6-3
ئاخىرقى: 2013-7-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-18 03:11:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87857
يازما سانى: 85
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 231
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 103 سائەت
تىزىم: 2012-11-28
ئاخىرقى: 2013-6-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-18 03:26:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر خەلىقئارادا چوڭ ئوزگۇرۇش بار . ئىران ئامىرىكا بىلەن دوس بولۇش ئالدىدا . چاوشئەنمۇ ئامىرىكا بىلەن دوس بۇلۇشنى تەلەپ قىلدى . بۇ ھەقىقەتەن بىر خوشاللىنارلىق ئىش بوپتۇ . مۇشۇنداق بولۇشنى دونيا خەلقى ، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارمۇ توت كوزى بىلەن كۇتۇپ تۇرغان ئىدى . ( تىمىدىن چەكنەپ كەتتىم كۇچۇرۇڭلار) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   anwarili88 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-18 03:28 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87857
يازما سانى: 85
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 231
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 103 سائەت
تىزىم: 2012-11-28
ئاخىرقى: 2013-6-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-18 03:37:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ياورۇپا ئىتىپاقىغا كىرەممەسلىكنىڭ سەۋەبى كورتلار مەسىلىسى بار . مۇسۇلمان دولىتى دەپ ياورۇپا ئىتىپاقىغا كىگۇزمىدى دىگەن گەپ يوق .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش