gulbaxikar يوللىغان ۋاقتى 2013-6-17 07:55 PM
شېئىر دىگەن شېئىردەك بولسا ،
پاساھەتلىك، جەلىپكار بو ...
شېئىر يېزىش ئاسان ئەمەس
شېئىر ئۇ شائىرنىڭ چىن ھېسسىياتى،
شېئىرغا مۇجەسسەم چىنلىق ھەقىقەت.
شېئىر ئۇ كۆڭۈلگە ھۇزۇر بەرگۈچى،
شۇڭا مەن شېئىرنى قىلىمەن ھورمەت.
——خاتىرەمدىن
شېئىر يېزىش راستىنلا ئاسان ئەمەس،چۈنكى ئۇ«مارجان ئەمەس يىپقا تىزىپ قويسا بولىۋېرىدىغان».شېئىر ئەدەبىياتنىڭ نازۇك بىر تۈرى، ئۇنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق قائىدە تەلىپى بار.ھەرگىزمۇ ئۇزۇن قىسقىلىقى ئوخشاش بولغان تۆت قاتا خەت يازسا شېئىر بولىدىغان ئىش يوق.مېنىڭ گېزىت ژۇرناللاردىن شېئىر ئوقۇشقا ھازىرقى ئەھۋالىم سەل توسالغۇ،لېكىن ھەر ھالدا بەزى ژۇرناللاردىن شېئىرغا تەشنا يۈرىكىمنى قاندۇرالايمەن. ئەمدى مېنىڭ ئاساسلىق شېئىر ئوقۇيدىغان مەنبەيىم بولسا تور دۇنياسى.مەن ئاساسلىقى تورغا يوللانغان شېئىرلارنى ئوقۇيالايمەن، ئەپسۇسلىنارلىقى، تورغا يوللانغان شېئىرلارنى تەھرىرلەشكە ئادەم بولمىغاچقا كۆپۈنچە شېئىرلاردا نۇخسانلار ئاز ئەمەس.بەزى شېئىردا ئەسلا شېئىر پۇرىقى يوق، بۇنداق پاخال شېئىرلار ئادەمنى ھۇزۇرلاندۇرالمايلا قالماستىن بەلكى يەنە ئادەمنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدۇ.بۇنىڭدىكى نۇقسانلارنىڭ كۆپۈنچىسى شېئىرنىڭ ئاساسى تەلەپلىرى، يەنى بوغۇم، قاپىيە، ۋەزىن، تۇراق دېگەنگە ئوخشاش.
بەزى ھەۋەسكارلارنىڭ نەزىرىدە شېئىر يېزىش شۇنچىلىك ئاسانكى، قولىغا قەلەمنى ئېلىپ بىردەم ئولتۇرسىلا بىرەر پارچە شېئىر پۈتكۈزىدۇ.لېكىن يازغان شېئىرىدا يا ئاساسلىق بىرەر ئىدىيە يوق، يا شېئىرغا خاس پۇراق يوق.بۇنداق«شېئىر»لارنى بەلكىم شۇنى يازغان ئاپتورلا ئوقۇپ «ھۇزۇرلىنىش»ى مۇمكىن.
شېئىر يازغاندا شېئىردىكى ھەربىر كۇپلىتنىڭ مەزمۇنى، شەكلى، ھەربىر مىسرا، ھەتتاكى ھەربىر سۆزگىچە ئەڭ ياخشىسىنى تاللاش زۆرۈردۇر.
ئاتاقلىق شائىرىمىز مۇھەممەد رېھىم بىر پارچە غەزەل يېزىۋاتقاندا مەلۇم بىر مىسرا كۆڭلىدىكىدەك بولماي قالغان، شۇنىڭ بىلەن شائىر مۇشۇ ئورۇنغا مەزمۇنى ئوخشاش ئەمما سۆزلەر ئوخشىمايدىغان توققۇز مىسرا يازغان، ئاندىن ئاشۇ مىسرالارنىڭ ئىچىدىن تاۋلانغىنىنى شۇ ئورۇنغا قويۇپ رازى بولغان. شۇنىڭ بىلەن ناھايتى ياخشى يېزىلغان بىر پارچە غەزەل روياپقا چىققان.(مۇھەممەد رېھىم «شېئىرىيەت ۋە تەسىرات» ناملىق كىتابتىكى شائىرنىڭ ئۆز قەلىمىدىكى بايانى)
بىز شۇنداق قىلالىدۇقمۇ؟ شۇنداق قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن شېئىرنى يېزىپ بۇلۇپ قايتا ئوقۇپ بېقىشمۇ ئېغىر كېلىپ ئالدىراپلا تورغا يوللايدىغان ھەۋەسكارلار مېنىڭچە ئاز ئەمەس.ھەممە نەرسىنىڭ خاسلىقى بولغىنىدەك شېئىرنىڭمۇ خاسلىقى بولىدۇ، خاسلىقىنى يوقاتقان شېئىر شېئىر ئەمەس! بۇنداق قاملاشمىغان شېئىرنى يېزىپ شېئىرغا ھاقارەت قىلغۇچە، قەلەمنى قويۇپ شائىرلىرىمىزنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇغىنى مىڭ ئەۋزەل.
شېئىر ھەۋەسكارلىرى، ئەگەر سىز بىر پارچە شېئىر يېزىپ ئۇنى باشقىلارغا كۆرسىتىش ئۈچۈن ياكى ئۆزىڭىزنىڭ شېئىر يازالايدىغانلىقىڭىزنى باشقىلارغا بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن تورغا شېئىر يوللىغان بولسىڭىز، بۇنداق رەزىل قىلمىشىڭىزنى توختىتىڭ، شېئىرغا ھۆرمەت قىلىپ قويۇڭ!
شېئىرلىرىمىز ئۆز ئەسلىگە قايتسۇن، ئۆز ئەسلىنى يوقاتمىسۇن!