مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: jelwa

كۈتۈلمىگەن مىھمان [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92903
يازما سانى: 352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1103
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 300 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-20 10:07:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

: كۈتۈلمىگەن مىھمان

ئەكرەم كۆزىنى ئىچىپلا بىشىنىڭ ئىغىرلىشىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدى ئەكرەمنىڭ ھۇشىغا كەلگىننى كۆرۈپ نىجات ئۇنىڭ يىنغا كىلىپ ئۇنىڭ تەر بىسىپ كەتكەن پىشانىسىنى قۇلىدىكى قەغەزدە يەڭگىل سۈرتۈپ قۇيدى
-قانداقراق تۇرىسەن؟ھەجەپ ئادەمنى ئەنسىرەتتىڭ..سىنى باياتىن گۈلپەر كۆرگىلى كەپتىكەن، تىخى يىڭىلا كىتىپ قالدى
-نىمە دەيسەن؟گۈلپەر كەپتىمۇ؟قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟
ئەكرەم چۆچۈپ نىجاتقا قارىدى.
-ئىشەنمىسەڭ لالە دىن ياكى بىزنىڭ بالىلاردىن سورىغىن راسىت دەۋاتىمەن....
-ئەمسە ئۇ قىنى؟
-بىلمەيمىز .بۇ گۈلنى قۇيۇپ قۇيۇپ كىتىپ قالدى يىنىدا لۈكچەك چىراي بىر قانچەيلەن تۇرىدۇ قارىماققا شۇنداق جىددى ھەم ئالدىراش كۆرىندۇ.
نىجات گۈلپەر ئىلىپ كەلگەن بىر دەستە گۈلنى ئەكرەمگە سۇندى ئەكرەم ئىشەنمىگەندەك بىشىنى چايقاپ قۇيۇپ، نىجاتنىڭ قۇلىدىكى گۈلنى ئالدى. كەينىدىنلا لالە تاماق قاچىسىنى كۆتۈرۈپ كىرىپ كەلدى.
-ئەكرەم تاماق يەڭ.بۇنىمۇ يىمىسىڭىز سىزدىن راستىنلا خاپا بولۇپ قالىمەن جۇمۇ ..
-شۇ شۇ تاماقنى ۋاقىتىدا يىگىن..
نىجات لالەنىڭ قۇلىدىكى تاماق قاچىسىنى ئىلىپ ئەكرەمنىڭ يىنغا ئىلىپ كەلدى ،ئەكرەم ئەمدىلا بىر قۇشۇق تاماقنى يەپ تۇرىشىغا سىستىرا قىز ئەكرەمنىڭ يىىنىغا ئورالغان بىر گىزىت قەغەزنى ئىلىپ كىرىپ ئۇنىڭغا سۇندى.
-سىز ئەكرەم شۇ بولامسىز؟بۇ سىزنىڭ ئامانىتىڭىزكەن..
ئەكرەم سەل ھەيرانلىق ھىس قىلىپ سىسىتىرا قىزنىڭ قۇلىدىكى گىزىت-قەغەزنى ئىلىپ قايتىلاپ سورىدى:
-بۇنى سىزگە كىم بەردى؟
-بۇيى ئىگىز كەلگەن بىر قىز بىرىپ قويۇپ كەتتى كىملىكىنى سورىسام ئۆزى كۆرسە بىلىدۇ دەيدۇ.
سىستىرا قىز چىقىپ كەتكەندىن كىيىن نىجات بىلەن ئەكرەمنىڭ دۇسىتلىرى ئۇنىڭ يىنغا كىلىپ گىزىتتىكى نەرسىنىڭ نىمىلىكىنى كۆرۈپ بىقىش ئۈچۈن ئۇنىڭ يىنغا كىلىشتى.
ئەكرەم بۇ سوۋغاتتىن قىلچە گۇمانسىز ھالدا ئىچىنى ئىچىپلا چۆچۆپ كەتتى بۇ گىزىتچە ئىچىدە بىر ئوپراتىسيە پىچىقى بىلەن قان يۇقى بىر تال قايچا تۇراتتى ئەكرەمنىڭ قۇللىرى ئىختىيارسىز تىتىرەپ قۇلىدىكى گىزىتچىنى يەرگە قارىتىپ ئىتىۋەتتى. ئەكرەمنىڭ يىنىدا قاراپ تۇرغان دۇسىتلىرىمۇ بۇنى كۆرۈپ كەينىگە داجىشقا باشلىدى.
-بۇ نىمە ئىش؟ئەكرەم ئەجەبا ئۇ قىز گۈلپەرمۇ؟
-نىمىلەرنى دەيدىغانسەن؟بۇ گۈلپەرگىلا گۇمانىڭنى قارىتىپ يۈرەمسەن؟ئەكرەم ئاداش بۇ نىمە ئىش؟سەن نىمانچىلا سىرلىق بولۇپ كەتتىڭ؟بىز دىگەن يىقىن دۇسىتقۇ؟
دىدى ئىليار ئىسىملىك بىر بالا چۆچىگەندەك
-شۇ ئەمەسمۇ؟ئەكرەم سىز ھازىر ئادەم ئۆلتۈرۈپ پۇل تىپىپ يۈرمىگەنسىز ھە؟
دىدى لالە مۇ قۇرقىغاندەك .
ئەكرەم بولسا ئۇلارنىڭ ھىچقانداق سۇئالىغا جاۋاپ بەرمەي ئالدىغا قارىغىنچە جىممدە ئولتۇرۇپ كەتكەندىن كىيىن يەردىكى ئوپراتسىيە پىچاقىلىرىنى ئاۋايلاپ ئالغاندىن كىيىن ئۈستەل ئۈستىگە قويۇپ قۇيدى.
-مەن بۇنىڭدىن قىلچە چۆچۈپ باقىمىدىم، دىمەك ئالدىمىزدا بىز باسمىساق بولمايدىغان نۇرغۇن يۇللار بار، مەن بۇ يۇلدا ھەممىڭلارغا ئىھتىياجلىق بۇ پەقەت ماڭا بىرىلگەن بىر ئاگاھلاندۇرۇش.
-ساقچىغا مەلۇم قىلايلى
دىدى نىجات ئالدىراپ
-بولمايدۇ ،سەل تەمكىن بولايلى ،ئەكرەم مەن مۇشۇنداق جەڭلەرنى بەك ياخشى كۆرىمەن يەنە كىلىپ ساقچىغا مەلۇم قىلىشمۇ خەتەرلىك ،ھامان دىسەڭمۇ بىز ھىچنىمنى بىلەي ساقچىدىن ئۈمۈت كۈتۈپ يۈرسەك بىز ئۆزىمىز ئۆلۈپ بولىمىز ھىچ بولمىسا ئۇلارنىڭ ئىشلرى تۇغۇرلۇق ھىچ بىر خەۋەر يۇق بىز ساڭا ھەردائىم ياردەم قىلىمىز
-شۇنداق مەنمۇ سىلەرگە ياردەم قىلىمەن،قىز بالا بولساممۇ خىلى غەيرىتىم بار ئەنسىرمەڭلار
دىدى لالە ئىليارنىڭ سۆزىنى قۇۋۋەتلەپ
-بولدى لالە قىزلار بۇ ئىشقا ئارلاشسا ھەرگىز بولمايدۇ.سىز پەقەت سىر ساقلاپ بەرسىڭىزلا بولىدۇ.
-بوپتۇ قىز بالا بولسا نىمە بوپتۇ ،بەزى چاغدا قىزلارمۇ بەك ئەقىللىق
ئىليارنىڭ بۇ سۆزىدىن رەنجىگەن نىجات ئۇنىڭغا ئالىيىپ قاراپ قۇيدى.ئەكرەم ئۈمۈتكە تۇلغاندەك كۈلۈپ قۇيدى
-بولدى ،تەڭ غەيرەت قىلايلى بۇ ئىشلارنى بىزدىن باشقا ھىچكىم بىلمىسۇن ،ئەكرەم دەرھال تامىقىڭنى يە،دۇختۇرخانىدىن ئايرىلايلى...


                                          پىنھان رەقىپلەر
چۈشلۈك دەم ئىلىش ۋاقتى ئىدى، بالىلار دەرىستىن چۈشۈپ تاماق يىيش ئۈچۈن ئاشخانىغا كىرىپ كىتىشتى ،ئىليار شۇنداقلا نىجاتلار ئەكرەملەر تاماق يىيىش ئۈچۈن ئاشخانىغا مىڭىپ تۇرىشىغا لالە يۈگۈرۈپ يتىىپ كەلدى،
-ئەكرەم سىزنىڭ ئاپىڭىز تىلفۇن قىپتىكەن،سىزنى دەرھال ئۆيگە قايىتسۇن دەيدۇ
-نىمىشقا؟نىم بوپتۇ؟
-بىلمىدىم ...
-مەن ئاپام بىلەن كۆرۈشۈپ باقاي ھە.ساقلاپ تۇرۇڭلار.
ئەكرەم ئاپىسىدىن ئەنسىرەپ تىلفۇننى ئالدىراپلا قىلدى بىر ھازادىن كىيىن گۈلنۇر تىلفۇننى تەستە ئالغان ئىدى.
-ئاپا،ئۆيدە بىرەر ئىش  بولدىمۇ؟مىنى ئۆيگە قايىتىسۇن دەپسىزغۇ؟
-ياق بالام ،مەن نەدە ئۇنداق دەيمەن ،ساڭا كىم شۇنداق دەيدۇ؟
-سىز لالەگە شۇنداق دەپسىزغۇ؟
-ياق بالام ،مەن ئۇنداق دىمىدىم .تۇۋا دىسەڭچۇ.
ئەكرەم ھەيران بولۇپ تىلفۇننى قۇيۇپلا لالەنىڭ يىنغا كىلىپ ئۇنىڭغا چىچىلىشقا باشلىدى
-سىز نىمىشقا ماڭا يالغان گەپ قىلىسىز؟
-نىمە دەيسىز؟مەن سىزگە يالغان گەپ قىلغان بولدۇممۇ؟سىزنىڭ ئاپىڭىز ماڭا راسىتنلا تىلفۇن قىلىپ شۇنداق دىگەن تۇرسا،
مەن نىمىشقا سىزنى ئالداپ قۇيغۇدەكمەن...
ئۇلارنىڭ بۇ تالاش-تارتىشلىرىدىن بىزار بولغان ئىليار بىلەن نىجات ئۇلارنى بىسىقتۇردى
-بولدى قىلساڭلارچۇ..نىمە بولغان زادى؟
-ماڭا دىلبەر ھەدەم تىلفۇن قىلىىپ مەن ئەكرەمنىڭ ئاپىسى ئۇنىڭغا دەڭ ئۆيگە دەرھال قايتىسۇن دىگەن ئىدى.
-ۋۇ..ساراڭ ..مىنىڭ ئاپامنىڭ ئىسمى گۈلنۇر،دىلبەر ئەمەس..گەپ سۆزگە دىققەت قىلسىڭىز بولمامدۇ؟
-راسىت دەۋاتىمەن، نۇمىرىنى كۆرۈپ بىقىڭە.
گۈلپەر قۇلىدىكى تىلفۇن نۇمۇرنى ئەكرەمگە سۇندى بۇ نۇمۇرنىڭ ھەممىلا خانىسى ئوخشاش بولۇپ ئوتتۇرىسىدىكى بىرلا خانىسىدىكى سان 8 نىڭ ئورنىغا 9 يىزىلغان ئىدى.
ئىليار بىلەن نىجات بۇ نامەلۇم نۇمۇر تۇغۇرلۇق بىر-بىرىگە قاراپ نىمە ئىشلىقىنى بىلەلمىگەندەك بىر-بىرىگە سوئال نەزىرىدە قاراپ قۇيۇشتى
-بۇ نىمە ئىشتۇ ئەكرەم؟ئەجەبا بۇ دىلبەر ئىسملىك ئايال كىمۇ؟سىنىڭ ئاپاڭ كىمۇ؟
-مىنىڭ ئاپام ئادەم.،،بۇ ئايالمۇ ئادەمكەن..ئىھتىمال بۇ ئايالمۇ چۇقۇم بىز بىلەن رەقىپ بولسا كىرەك
نىجات ئەكرەمنىڭ قۇلىدىكى تىلفۇننى ئىلىپ ئۇ نۇمۇرلارنى سىلىشتۇرۇشقا باشلىدى كەينىدىنلا كىينىشلىرى خىلى جايىدا كەلگەن بىر قىز كىلىپلا نىجاتنڭ مۆرسىگە يەڭگىل مۇشىتلاپ قۇيدى نىجات كەينىگە بۇرۇلۇپ قاراپ بۇ قىزنى كۆرۈپ كۈلۈپ پاراڭلىشىپ كەتتى لالە بولسا بۇ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى خاتا چۈشىنىپ خاپا بولۇپ يۈگۈرگىنچە پەلەمپەيدىن چۈشۈپ كەتتى نىجات بولسا بۇ قىز ساۋاقدشى بىلەن خىلى ئۇزۇن پارالىشىپ تۇرۇپ قالغان ئىدى

مەكتەپنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بۇيىچە ئۇلار چۈشتىن كىيىن دەم ئالغان ئىدى ،ئەكرەم ياتىقىدا ناخشا ئاڭلاپ ئولتۇراتتى شۇ ئارىدا نىجات خۇشال ھالدا ياتاققا كىردى ھەم ئەكرەمنىڭ يىنغا كىلىپلا ئۇنىڭ قۇلىقىدىكى ناخشا تىڭشىغۇچنى ئىلىۋەتتى،
-ساڭا خۇش خەۋەر،،ئەزمەت ئۈرۈمچىگە كەپتۇ .ھازىر بىزنىڭ مەكتەپكە كىلىدىغان بولدى..
-نىمە دەيسەن؟ئەزمەت ئۈرۈمچىگە كەپتىمۇ؟
-شۇنداق كىلىپ بوپتۇ.ھازىر مەكتىپىڭلارغا ماڭدىم دەيدۇ،ھەجەپ ياخشى
نىجات يەڭگىل نەپەس ئىلىپ كارۋىتنى تۈزەپ ئوڭشىغاچ ناخشا ئىيتىپ ياتاقتىكى قالايمىقان نەرسە كىرەكلىرىنى يۇغۇشتۇرۋاتقان ئىدى
-ئاداش ئۇ ئەزمەت دىگەن كىمۇ ئۇ؟
دىدى ئىليار كىيىملىرىنى قىقىشتۇرغاچ
-بىزنىڭ بىر يۇرتلۇق، بىر مەھەللىلىك ئاغىنمىز،ئۇ نىمىشقا تۇيۇقسىزلا ئۈرۈمچىگە كىلىپ قالغاندۇ؟
-كەلسە نىمە بوپتۇ،تىخى ياخشى ئەمەسمۇ..ئوينىتىپ قۇي بوپتۇ تازا ياخشى چاغقا ئۈلگۈرۈ كەپتۇ ،ھە راسىت بۇ قتىم دۆلەت بايرىمىدا 4 كۈن قۇيۇپ بىرىدىكەن ،نەگە بارساق بولار؟
-شۇنىمۇ ئوينايدىغان بايراممۇ ئەمدى؟
-ئايلىنىپ كىلەيلىچۇ ،تاغقا چىقىپ ئويناپ كىرمەمدۇق؟
-تىخى 1 يىرىم ئاي ۋاقىت بارغۇ تىخى..بۇ گەپلەرنى كيىىن دىيىشىۋالساقمۇ بولىدۇ ئەمەسمۇ..
كەينىدىنلا لالە ئوغۇللار ياتىقىنىڭ ئىشىكىنى چىكىشكە باشلىدى،نىجات يۈگۈرۈپ كىلىپ ئىشىكنى ئاچقان ئىدى
-ئەكرەم.بارمۇ؟چارقىرىپ قۇيىڭە
ئۆزىنىڭ قىز دۇستىنىڭ باشقا ئوغۇللارنى ئىزدەپ كەلگىننى بىلگەن نىجاتنىڭ شۇنداق ئاچچىقى كەلگەن ئىدى ،ئۇ لالەگە چەكچىيىپ قاراپ قۇيدى
-ساڭا مەن بار تۇرسام ،ئەكرەمنى ئىزدەپ نىمە قىلاتتىڭ؟
-ئىشىڭىزنى قىلىڭ،سىز باشقا قىزلارنى ئىزدەپ پاراڭلاشسىڭىز بولىدىكەن،مەن ئەكرەمنى ئىزدىسەم بولمامدىكەن؟
-ئۇ قىز دىگەن مىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ساۋاقدىشىم،مىنى جىددى بىر ئىش بىلەن ئىزدەپ كەپتىكەن بۇ گەپنى ساڭا كىيىن چۈشەندۈرۈپ قۇيىمەن تۇغرا چۈشەنسەڭچۇ.
-ئەكرەممۇ مىنىڭ تۇلۇقسىز تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ،ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقدىشىم،مىنىڭمۇ  ئۇنى ئىزدەش ھۇقۇقۇم بار
ئۇلارنىڭ غەلۋىسىدىن بىئارامچىلىق ھىس قىلغان ئەكرەم زالغا چىقىپ نىجاتقا ئۆزۈڭنى بىسىۋال دىگىنچە ئۇنى ياتاققا كىرگۈزۋەتتى
-لالە،بولدى .سىزمۇ رەنجىمەڭ .بايىقى قىزنىڭ ئىشىنى تۇغرا چۈشىنىڭ
-بولدىلا.مۇشۇنىڭ بىلەن نەچچە قىتىم شۇنداق بولۇپ كەتتى ،سىزنى مۇھىم بىر ئىش بىلەن ئىزدەپ كەلگەن ئىدىم
-نىمە ئىش ئىدى؟
-مەن تىلفۇننى ئالماشتۇراي دىگەن ئىدىم تىلفۇن ئالغىلى بىللە بىرىشىپ بىرەمسىز؟
-نىجات بىللە چىقسۇن بىز بىلەن.ماقۇلمۇ؟
-ياق،مەن سىزنىلا دەۋاتىمەن بالدۇرراق چىقىڭ .مەيداندا ساقلاپ تۇراي.
لالە ئەكرەمنىڭ ئاخىرقى گىپىنى ئاڭلىمايلا يۈگۈرۈپ چۈشۈپ كەتتى، ئەكرەم ياتاققا كىرىپ تۇرىشىغا نىجات جىلە بولۇپ سۆزلەشكە باشلىدى.
-نىجات سەن بىز بىلەن بىللە چىقامسەن؟
-بولدى ،بۇ چىقمىسۇن لالە خاپا بولۇپ قالىدۇ ،سەن چىقىپ كىرىۋەر
دىدى ئىليار نىجاتقا قاراپ قۇيۇپ
-بولدى ،سىلەر چىقىپ كىرىڭلار ئاداش،ئىليارمۇ بىللە چىقسۇن  مەن ياتاقتا ئولتۇرۇپ تۇراي سىلەرمۇ ئىشەنىچلىك بالىلاردىن بولغانكەن ..
-بولدۇ بىز چىقىپ كىرەيلى..سەل تۇرۇپ تاماقخانىغا كىرگەن ھامان ساڭا تىلفۇن قىلىمىز بىللە تاماق يەپ كىرەيلى ھە..
ئىليار بىلەن ئەكرەم ياتاقتىن چىقىپ كىتىشتى ،نىجات بولسا ئۇلارنىڭ چۈشۈپ كىتىشى بىلەن تەڭ مەكتەپ مەيدانىغا يىراقتىن قاراپ تۇرۇپلا تۇيۇقسىز بىرەيلەننى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتى..
ھەم ئەكرەمگە خەۋەر قىلىش ئۈچۈن قۇلىغا تىلفۇننى ئالدى ياتاقتا نىجاتتىن باشقا ئادەم يۇق ئىدى.نىجات بىرىنىڭ ياتاققا كىرگىنىنى سىزىپ كەينىگە بۇرۇلۇپ قارىدى ،ھەم قاتتىق چۆچۈپ كەتتى ،ئۇنىڭ قۇلىدىكى تىلفۇننى كارۋات ئۈستىگە تاشلاپ قۇيۇپ كەينىگە داجىشقا باشلىدى.....

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jelwa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-20 11:29 AM  


مەن سىنى سۆيىمەن دىگەن تۈنۈگۈن
ۋەلكىن باشقىغا قارىدىڭ بۈگۈن
بىباھا يۈرەكنى لەختە قان قىلىپ
كىملەرنى ئالدايسەن ،ئەتە ۋە ئۆگۈن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82239
يازما سانى: 322
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3745
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 257 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-20 10:28:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
jelwa يوللىغان ۋاقتى  2013-6-20 10:06 AM
ئەسلى سىز دىىگەندەك تۇغرا يازسام بولاتتى بىراق ئۇ كۈن ...

    بىزنى دەپ كۆپ ئەجىر قىلۋاتسىز ،توغرا چۈشنۈپ ئۇقۇغان. شۇندا بولسمۇ خاتالىق بولغاندكىن  تۈزتىۋالسا ئەجەپ ئەمەس دەپ باھا يىزىپ قويدۇم .خاپا بولمغايسىز ،ئەسەرنى يازىمەن دەپلا يۈرمەي سالامەتلىككە دىققەت قىلىپ قۇيۇڭ،جاننى يا تاللا بازىردا تىزىپ ساتمايدۇ جۇمۇ،يا يەكشەنبە بازادا توۋلاپ ساتمايدۇ (چاقچاق)   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92903
يازما سانى: 352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1103
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 300 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-20 10:37:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bulak83 يوللىغان ۋاقتى  2013-6-20 10:28 AM
بىزنى دەپ كۆپ ئەجىر قىلۋاتسىز ،توغرا چۈشنۈپ ئۇقۇغا ...

ياقەي خاپا بولغىدەك ئىش يۇق..تۈزىتىپ بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت ..
ھەر بىر ئىشنى كىچىكىدىن تۈزىتىپ ،مىڭىش كىرەك بولمىسا بەك ئىتۋار قىلمايدىغان بولۇپ قالدىغان گەپ ،،،
بىلمىگەن يەرلەردە يۇل كۆرسىتەرسىز....رەھمەت

مەن سىنى سۆيىمەن دىگەن تۈنۈگۈن
ۋەلكىن باشقىغا قارىدىڭ بۈگۈن
بىباھا يۈرەكنى لەختە قان قىلىپ
كىملەرنى ئالدايسەن ،ئەتە ۋە ئۆگۈن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87898
يازما سانى: 434
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1356
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 142 سائەت
تىزىم: 2012-11-30
ئاخىرقى: 2013-8-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-20 01:53:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
jelwa يوللىغان ۋاقتى  2013-6-20 10:37 AM
ياقەي خاپا بولغىدەك ئىش يۇق..تۈزىتىپ بەرگىنىڭىزگە كۆپ ...

جىددى يىرىگە كەلگەندە تۈگەپ قالىدۇ-دە داۋاملىق.
ئاخىرىنى كۈتىمەن..........................................................................................................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50478
يازما سانى: 1034
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7713
تۆھپە نۇمۇرى: 437
توردا: 1674 سائەت
تىزىم: 2011-8-4
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-21 12:08:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا ئاللا خان ئۇكام بىر ھىكايىنىڭ ئاخىرىنى چىقىرۋەتمەي تۇرۇپ يەنە بىرنى باشلايدىكەنسىز.بۇ توغرا بولماپتۇ  جۇمۇ .ئىپپەت قۇربانلىرىنىڭمۇ ئاخىرى يوق يە بۇنىڭ سىزمۇ زە،،،،،،،،،،،،،،،،،،،بولدىلا

[img][/img]تېۋىنىپ ياشىغان مىڭ يىل ئۆمۈردىن،مىڭ ئەلا دولقۇنلاپ ئۆتكەن بىر نەپەس!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95611
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 87
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2013-6-1
ئاخىرقى: 2013-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-28 02:54:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي خۇدا..ھەي مەدىنە
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامى قىنى؟8 كۈن بولدى .كۈندە دىگۈدەك قارايمەن داۋامى يۇققۇ؟
ياكى ساياھىتىڭىز تۈگىمەي قالدىمۇ نىمە؟
ساياھەتنى ئازراق قىلىڭ جۇمۇ..ئەكرەم بىلەن گۈلپەرنىڭ كۈنىگە سىز قالماڭ ئەمدى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95611
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 87
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2013-6-1
ئاخىرقى: 2013-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-28 02:54:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راسىت مەن گۈزەل غولجا دىيارىغا ساياھەتكە باراي دەيمەن ئالدىمغا چىقامسىز يا؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92852
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 196
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 6 سائەت
تىزىم: 2013-3-7
ئاخىرقى: 2013-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-28 03:14:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
arapat886 يوللىغان ۋاقتى  2013-6-28 02:54 PM
راسىت مەن گۈزەل غولجا دىيارىغا ساياھەتكە باراي دەيمەن  ...

مۇنبەردە چىشىمغا تەگكىنىڭىز يەتمىگەندەك غولجىغىمۇ ئەگىشىپ بارامسىز؟
ئاۋال ئۆزىڭىز بىرىپ كىلىڭ ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92852
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 196
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 6 سائەت
تىزىم: 2013-3-7
ئاخىرقى: 2013-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-28 03:16:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەدىنە داۋامى قىنى؟
مەن تىخى يۇللانغان ئوخشايدۇ  دەپ ئىز قۇغلاپ كىرىپتىمەن.ۋاي ئىسىت.
داۋامىنى يۇللىغاندا ئۇچۇر قىلىپ قۇيۇڭ ھە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92903
يازما سانى: 352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1103
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 300 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-28 03:18:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
arapat886 يوللىغان ۋاقتى  2013-6-28 02:54 PM
راسىت مەن گۈزەل غولجا دىيارىغا ساياھەتكە باراي دەيمەن  ...

چاتاق يۇق..كلىڭ.
سىز دىگەن ئوغۇل بالا تۇرسىڭىز قانداق قىلارمەن ئەمدى؟

مەن سىنى سۆيىمەن دىگەن تۈنۈگۈن
ۋەلكىن باشقىغا قارىدىڭ بۈگۈن
بىباھا يۈرەكنى لەختە قان قىلىپ
كىملەرنى ئالدايسەن ،ئەتە ۋە ئۆگۈن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش