ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم فانتىكىن قېرىندىشىم. ئىراننىڭ دۆلەت بايرىقى بىلەن قاشقايلارنىڭ بايرىقى ئايرىم - ئايرىم ئىككى خىل بايراق.
مانا بۇ سۈرەتتىكىسى ئىراننىڭ دۆلەت بايرىقى،مەن ئۈستۈنكى قەۋەتتە يوللىغان قاشقايلارنىڭ بايرىقى بولسا قاشقايلار ئۆز زامانىسىدىكى خانلىقلار ئىشلەتكەن بايرىقى بولۇشى ياكى ئاپتۇنۇمىيە بايرىقى بۇلۇشى ۋە ياكى مۇستەقىللىقنى ئىزدىگەن بولسا مۇستەقىل بولغاندىن كىيىن ئىشلەتمەكچى بولغان بايرىقى بۇلۇشى مۇمكىن.
يەنە بىر گەپنى دىسەم بەزى دۆلەتلەردە مەلۇم ئاپتۇنۇمىيىلىك رايۇننىڭ ئۆز ئالدىغا بايرىقى بۇلىدۇ،مەسلەن ئېلىمىزدىكى شىياڭگاڭ،ئاۋمېن ئالاھىدە رايۇنلىرىنىڭ ئايرىم - ئايرىم بايرىقى بولغانغا ئوخشاش.
يەنە بەزى دۆلەتلەردە ئاپتۇنۇمىيە ھۇقۇقىغا ئىگە ئاپتۇنۇمىيە ھۇقۇقىنى يۈرگۈزگۈچى مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئاپتۇنۇم رايۇن تەۋەسىدە ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ بايرىقىدىن باشقا ئۆزىنىڭ مىللى بايرىقىمۇ بۇلىدۇ.
مەسلەن:-
ئۆزبېكىستان جومھۇرىيىتى تەركىبىدىكى قاراقالپاقىستان ئاپتۇنۇم جومھۇرىيىتى
بۇ ئۆزبېكىستاننىڭ دۆلەت بايرىقى
بۇ ئۆزبېكىستان جومھۇرىيىتى تەركىبىدىكى قاراقالپاقىستان ئاپتۇنۇم جومھۇرىيىتىنىڭ بايرىقى
رۇسىيە فېدىراتسىيىسىدىكى بىر قىسىم ئاپتۇنۇم جومھۇرىيەتلەرنىڭ بايراقلىرى.
داغىستان بايرىقى
ئىنگوش جومھۇرىيىتىنىڭ بايرىقى
تاتارىستان ئاپتۇنۇم جومھۇرىيىتىنىڭ بايرىقى