ئۇيغۇر تارىخىي كەشپىياتلىرى
قەغەز
تۇرپان بىزەكلىك ئەتراپى ۋە يىپەك يولى بويلىرىدىكى باشقا شەھەرلەردىن تېپىلغان قەغەز بۇيۇملارنىڭ يىل دەۋرى جۇڭگۇ قەغەزنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى سەيلۇن دىگەن كىشى كەشىپ قىلغان دىگەن دەۋىردىن تۇپ – توغرا 400 يىل بۇرۇندۇر.
مەتبە
مىخ مەتبە : جۇڭگۇ ھۆكۈمىتى 1992.يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىلىم – پەن كومتىتىغا دۈنخۇاڭدا پاكىت سۈپىتىدە كۆرسەتكەن 6 دانە مىخ مەتبە ھەرپى قەدىمكى ئۇيغۇر ھەرپلىرى ئىكەنلىكى ئالىملار تەرىپىدىن ئىسپاتلانغان.
كومپاس
تۈركولوگلا ر، كومپاس ئەمىلىيەتتە يىپەك يولى مەركىزىدە سودا قىلىپ يۈرگەن ئۇيغۇر كارۋانلىرىنىڭ تەكلىماكان چۆلىدە يولدىن ئېزىپ قالماسلىق ئىھتىياجى سەۋەبىدىن كەشىپ قىلىنغان دەپ قارىماقتا.
كاستىيۇم ۋە گالىستۇك
باي ناھىيسىنىڭ قىزىل مىڭ ئۆي غارلىرىدىكى تام رەسىملىرى ئىچىدە (104.نۇمۇرلۇق رەسىم) گالىستۇك تاقىغان، كاستىيۇم كەيگەن بىر ئادەم تەسۋىرلەنگەن بۇلۇپ، ئىلگىرى نۇرغۇن تۈركولوگلار بۇ رەسىمدىكى ھازىرقى زامان ياۋرۇپا پاسۇنىغا يېقىن قىياپەتتە كىيىنگەن ئادەمنىڭ تۇرقىغا قاراپ، «مىڭ ئۆي رەسىملىرىنى ۋىزانتىيەلىكلەر سىزىپ كەتكەن بۇلىشى مۇمكىن» دىگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئۇرۇنغانىدى. ئەمما، ئومۇر بۇيى تۈركلەرنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلغان گىرمانىيە ئالىمى ۋون گابائىن خانىم بۇ قاراشنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى ۋە بۇ خىل كىيىم، بۇ خىل مەدەنىيەتنى ئۇيغۇرلار بارلىققا كەلتۈرگەن. «گالىستۇك» سۆزى ئۇيغۇر تىلىدىكى« گالغا ئاستۇق» (گالغاستۇق) ۋە «كاستىيۇم» سۆزى كاسغا كىلىدىغان تون، يەنى «كاستون» دېگەن سۆزنىڭ ياۋرۇپا تىللىرىدىكى بۇزۇلغان ئاھاڭ تەرجىمىسىدۇر، دىگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىگە ئىتىقات قىلىشقا باشلىغاندىن باشلاپ، كاستىيۇم ۋە گالستۇكنىڭ ئورنىنى ئەرەپلەرنىڭ ئۇزۇن كىيىملىرى ئالغان ۋە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۇمۇملاشقان. يىپەك يولى ئارقىلىق كاستىيۇم ۋە گالىستۇك ياۋرۇپاغا كارۋانلار ئارقىلىق تارقىلىپ مودا بولغان.
http://uyghuracademy.com/?p=2691