太阳 يوللىغان ۋاقتى 2013-6-19 08:31 PM
ماھىرلارنى ئۇكىسىنىڭ ئورنىدا كۆرۈپ يىقىن كۆرۈپ شۇنداق ...
دىلشات راھىدىن ئاكىنىڭ ئۇنداق كۆزىڭىز نىمانداق يوغان ، بەك يوغانكەن دەپ قارىماققا چىرايلىق سۈپەتلىگىنى بىلەن ، ئاخىرىدا كۆزىدىكى قىلىۋالغان گېرىمنى ئاستىرىتتىن تەنقىدلەيدۇ ...
ئەمىلىيەتتە ، مۇشۇنداق يوغان ، چىرايلىق كۆزىڭىز بار تۇرۇپ نىمىمۇ قىلارسىز كۆزىڭىزنىڭ جىننىڭكىدەك بويىۋىلىپ ، جىنىم سىڭلىم ، دىگەن مەنا چىقىدۇ .. دىلشات راھىدىن ئاكىنىڭ باھالىرى ئورۇنلۇق ، يۇمۇرلۇق ، باھالىغۇچىلارغا خاس ..
ئەمما ھەممىگە ھۆرمەتلىك ئابلىز رىھىم ئەركال دىگەن ئاكىمىز ھەر قىتىم ئوخشاشلا باھا بېرىپ مېنى سەل ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويدى ، ئۇ ئاكىمىزنىڭ سەنئەتكە مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق باھالارنى بەرگۈچىلىك ئېقتىدارى بار تۇرۇپ نىمە ئۈچۈن شۇ بىر ئىككى ئېغىز سۆزنى يادقا ئېلىۋالدىغاندەكلا باھا بېرىدۇ . شۇ مېنىڭ ئىدىيەمدىن ئۆتمىدى ، يەنە تۇرۇپ ، بەلكىم ئابلىز ئاكىمىز ئاۋاز ئورنىغا باھا بېرىشكىلا مەسئۇلمىكىن دەپ ئويلايمەن ...