uyghurum27 يوللىغان ۋاقتى 2013-6-20 10:29 PM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ھۆرمەتلىك تېما ئىگىسى مەن ب ...
تېما ئىگىسى قۇرئاندىكى لۇت ئەلەيھېسالام بىلەن لىۋاتە قىلغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى دىئالوگلارنى ئىزاھاتسىز ئەينەن قىلىپ يازغاچقا بىر قاراشتا كىشىگە خاتا كۆز-قاراشنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ.ئەسلى سۈرە ھۇدنىڭ 78-ئايىتىدە‹لۇتنىڭ قەۋمى ئۇنىڭ ئالدىغا ئالدىراپ كىلىشتى،ئۇلار بۇرۇنلا يامان ئىشلارنى قىلاتتى.(يەنى لىۋاتە قىلاتتى).لۇت ئىيتتى:ئى قەۋمىم،مېنىڭ بۇ قىزلىرىم سىلەرگە ئەڭ پاكتۇر ،ئاللاھتىن قورقۇڭلار،مېمانلىرىم ئالدىدا مېنى رەسۋا قىلماڭلار،ئاراڭلاردا قەبىھ ئىشتىن توسىدىغان بىرەر كاللىسى جايىدا ئادەم يوقمۇ؟›دىگەن ئايىتى بولۇپ،بۇ يەردە كۆزدە تۇتىلىدىغىنى پەيغەمبەر ئۈممەتنىڭ ئاتىسى ھېسابلانغاچقا ئۈممەت ئىچىدىكى بارچە ئاياللار پەيغەمبەرنىڭ قىزلىرى بولۇپ، ھالال نىكاھلاپ ئېلىپ ئۆي تۇتۇڭلار دىمەكچى.خۇددى بىزلەرمۇ سۆيۈمۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئاياللىرىنى خەدىجە ئانىمىز،ئائىشە ئانىمىز دىگەندەك پەيغەمبەر ئۈممەتنىڭ ئاتىسى،پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى ئۈممەتنىڭ ئانىسى ئورنىدا بولىدۇ.