uyol يوللىغان ۋاقتى 2013-6-20 02:51 PM
ئالتۇن بىۋاستە دوللار بىلەن ئۆلچىندىغۇ دەيمەن
ئىككىسى تەتۈر تاناسىپ
يەنى پۇلى بارلار ئالتۇنغا ئىشەنسە پۇلىغا ئالتۇن ئەپ قويىدۇ. دوللارغا ئىشەنسە ئالتۇن ساتىدۇ.
پۇلنىڭ قىممىتىنى ساقلاش ئۈچۈن چوقۇم ئۆسىدىغان ياكى باھاسى بەك چۈشۈپ كەتمەيدىغان بىر نەرسە سىتىۋىلىش كىرەك
بانكىغا قويۇپ ساقلىغاندىن ياخشىراق. مىڭ قىلمىسا تىجارەت ئەمەسما؟
يەنى ھازىر 100 كويغا 2 كىلو گۆش ( مەسلەن دەۋاتىمەن ھە) ئالغىلى بولسا ،سىزنىڭ ئوشۇق پۇلىڭىز بولسا بانكىغا قويۇپ قويسىڭىز ئۇ پۇلىڭىزنىڭ قىممىتى چۈشىدۇ.
يەنى كىلەر ئايدا 100 كويغا 1 كىلو 800 گىرام گۆش سىتىۋالالايسىز.
دىمەك بىر ئاينىڭ ئالدىدا 100 سومغا بەرگەن بىر نەرسىنى بۇ ئايدا 105 سومغا سىتىۋالسىڭىز بىر ئاينىڭ ئالدىدىكى بانكىدا ياكى ئۆيدە ساقلىغان پۇلىڭىزنىڭ ھەر يۈز سومدا بەش سوم زىيان تارتىقان بولىسىز ياكى قىممىتى چۈشىدۇ
دۆلىتىمىزگە نىسبەتەن پۇل پاخاللىقى نىسبىتى پەرىزىمچە 70% بولۇپ ، ئۆتكەن ئايدا 100 سوملۇق نەرسە كىلەر ئايدا 103 سوم بولاۋاتىدۇ. ئۆتكەن ئايدىكى 100 سوم پۇل كىلەر ئايدا 97 سومغا تەڭ دىگەن گەپ.
جاھان تەرەققى قىلغاندىكىن سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ قىممىتى چۈشىدۇ ياكى چۈشمىسىمۇ دەرىجىسى ئۆسىدۇ. شۇڭا ئالدىراپ سانائەت مەھسۇلاتلىرى سىتىۋىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى بۇنداق تەرەققىيات تىزلىكىدە ئالغان نەرسىڭىز بەك تىز مودىدىن قالىدۇ. مەيلى ماشىنا بولسۇن مەيلى تىلفۇن بولسۇن ئوخشاش.
يىزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى ئۆسىدۇ. لىكىن باھاسى ئۆسىدۇ دەپ يىمەك-ئىچمەكنى كۆپ سىتىۋالغىلى بولمايدۇ دە.
نىمە سىتىۋىلىش كىرەك ئوشۇق پۇلغا؟ سانائەت مەھسۇلاتىمۇ بولمىسا ؟ يىمەك-ئىچمەكمۇ بولمىسا ؟
ئەڭ بۇرۇنقى پۇل ياكى بايلىق بىرلىكى بولغان ئالتۇن بىلەن كۈمۈش، چۈنكى مودىدىن قالمايدۇ. باھاسى چۈشتى دىگەندىمۇ(مانداق تىز سۈرئەتتە چۈشۈشنى يىسابلىمايمىز) ئالدىنقى ئايدا 5 سوم ئۆسۈپ كىيىنكى ئايدا 4 سوم چۈشسە بىر سوم زىيان. ھىلقى بەش سوم زىياندىن ياخشى
ھەرقانداق سانائەت بۇيىمىنى مەيلى كىيىم-كىچەك ياكى ماشىنا دىگەندەك تۆمۈر-تەسەك ياكى لاتىلارنى سىتىۋالغاندىن كىيىن ئالتۇن بىلەن كۈمۈشتەك تىز سۈرئەتتە سىتىپ چىقارغىلى بولمايدۇ. لاتىنىغۇ پەقەت پۇلغا ئالمايدۇ بىر كىيىپ قويسا
شۇڭا دۇنيادىكى بايلار زاپاس پۇلىنىڭ قىممىتىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن مەلۇم بىر نەرسە سىتىۋالىدۇ.چۈنكى نۇرغۇن پۇلغا نىسپەتەن ھەر يۈز سومدا بەش سوم قىممىتى تۆۋەنلەش چوڭ زىيان دە؟
ئاساسلىقى مەڭگۈ پۇل بولالايدىغان ھەم ھەم ئوبورۇت قىممىتىدىن قالمايدىغان ھەرقانداق دۆلەتتە ئوخشاشلا قىممىتى بار ئەڭ بۇرۇنقى پۇل بىرلىكى ئالتۇن بىلەن كۈمۈش بولۇپ، سىتىۋالسىڭىز ئۆسەپ قالسا پۇلىڭىزنىڭ قىممىتىنى ساقلاپ قالغان بولىسىز ياكى پۇلىڭىز كۆپىيىدۇ. (چۈنكى ئەلمىساقتىن تارتىپ ئۆسەپ كىلىۋاتىدۇ ئانچە-مۇنچە مۇشۇنداق بۇراننى يىسابقا ئالمىغاندا)
دوللارغا كەلسەك پۈتكۈل خەلقىئارادا ئالتۇنغا ئوخشاشلام ئاقىدىغان قەغەز پۇل دوللار
شۇڭا دوللار بىلەن سىلىشتۇرىلىدۇ.
دىمەكچى بولغىنىم زاپاس پۇلغا يەنىلا ئالتۇن ئەپ قويغان ياخشى دىمەكچى. ئىشقىلىپ ساتقىلى بولىدۇ. لىكىن باھاسى سەل تۇراقلاشقاندا ئىلىڭ جۇما . ھازىرقىدەك ۋاقىتتا ئەمەس. مەن ئىختىسادشۇناس ئەمەس. سىلەردەك بىر تورداش خالاس
يەنە بىرسى ئالتۇندەك تىز ئۆسمىسىمۇ زىمىن سىتىۋىلىڭ. شۇچاغدا پۇلىڭىزنىڭ قىممىتىنى قوغداپ قالالايسىز
يەر-زىمىنمۇ يىمەك-ئىچمەك بىلەن ئوڭ تاناسىپ. يىمەك-ئىچمەك ئۆسسە يىزىدىكى تىرىلغۇ يەرنىڭ باھاسى ئۆسىدۇ. يىزىدىكى تىرىلغۇ يەرنىڭ باھاسى ئۆسسە شەھەردىكى زىمىننىڭ باھاسى تەبئى ئۆسىدۇ.ھازىر 100 مىڭ كويغا 10 مىڭ ئادەمنىڭ قورسىقىنى تويغۇزالىسىڭىز ،شۇ پۇلنى بانكىغا قويسىڭىز 10 يىلدىن كىيىن قانچە ئادەمنىڭ قورسىقىنى تويغۇزالايسىز؟مال باھاسىنىڭ ئۆسۈش تىزلىكىنى يىسابلاپ بىقىڭ
100 مىڭ كويغا زىمىن ياكى ئالتۇن سىتىۋالسىڭىز 10 يىلدىن كىيىنمۇ 100 يىلدىن كىيىنمۇ شۇنى ساتقان پۇلغا يەنىلا 10 مىڭ ئادەمنىڭ قورسىقىنى تويغۇزالايسىز . جىق بولسا بىرەر يۈز ئادەم كام تويا ياكى تخخمۇ كۆپ ئادەمنىڭ تويىشى مۇمكىن، چۈنكى زىمىنمۇ ئالتۇنمۇ يىمەك-ئىچمەك بىلەن ماس قەدەمدە. تەتۈر ئەمەس
بانكىغا ساقلاشقا قويغان پۇل تەتۈر تاناسىپمۇ ئەمەس ئوڭمۇ ئەمەس. جىم تۇرىدۇ.
يەنى مال باھاسى بىلەن بىر يۆنىلىشتىمۇ ماڭمايدۇ. قارشى يۆنىلىشتىمۇ ماڭمايدۇ. لىكىن جىم تۇرغان پۇل ئۆسەۋاتقان مال باھاسىغا قارىغاندا جىم تۇرغاندەك قىلغان بىلەن كەينىگە قاراپ ماڭغانغا باراۋەر. جىم تۇرىۋەرسە ئەلۋەتتە مىڭىۋاتقان نەرسىنىڭ كەينىدە قالىدۇ دە.
يەنى سىز دوسىڭىز ماڭغا يۆنىلىشكە ئالدىڭىزنى قىلىپ جىم تۇرغان بىلەن مىڭىۋاتقان دوستىڭىزنىڭ ھامان كەينىدە قالىسىز.
ئىشقىلىپ پۇلنى بىر مىللى بولسىمۇ مىدىرلىتىپ تۇرغانغا، يۇمىلاتقانغا يەتمەيدۇ. جىم تۇرغان سۇمۇ مىدىراپ تۇرغان سۇغا قارىغاندا تىز سىسىيدۇ.
شۇ چاغدا تەڭپۇڭ بولاتتى ئىقتىساد. ھەممە ئادەم پۇلنى بانكىغا قوياۋىرىپ بانكا تويىنىپ كىتىپ، قەرىز تارقىتالماي ئامانەتلام يىغىپ . ئۆسۈم بىجى دىگەن نەرسە چىقتى. ئۇنداق ئۆسۈملۈك قەرىز، بۇنداق ئۆسۈملۈك قەرىز دىگەنلەر ئاۋۇپ ھەممە ئادەم بۇرۇنقىدەك بانكىغا پۇل ئامانەت قويۇشتىن قەرىز ئىلىشقا يۈزلەندى.
يىزىدا ھەممە دىھقان قەرىز-ئامانەت بانكىسىغا قەررىز ئىكە ھازىر. قەرىز ئىلىش مودا بولۇپ شەھەردىمۇ نۇرغۇن ئادەملەر ئۆيىنى باھالاتقىلى تۇردى قەرىز ئىلىش ئۈچۈن.
مەركەزدىن ھەرخىل تۈرلەرگە( ئۇ كاپالەت بۇ كاپالەت ئۇنداق ئۆي پۇلى بۇنداق ئۆي پۇلى....... دىگەندەك )چۈشكەن نۇرغۈن مەبلەخلەر،سودا خاراكتىردىكى كىلىۋاتقان مەبلەخلەر، بۇرۇنقى بايلار بانكىغا قويغان پۇللار نەگە كەتتى؟
ھىچيەرگە كەتمىدى. قىممىتى قالمىدى.شۇڭا بايدىن تارتىپ كەمبەغەلگىچە ھەممىسىنىڭ قەرى بار. كەمبەغەلنىڭغۇ كەمبەغەل بولغاچقا قەرزى بار. باينىڭمۇ قەرزى بار ئەمەسمۇ؟
ئۆزىچە بايلىرىمىزدىن تارتىپ كەمبەغەلغىچە قەرىز بوپ قالدۇق دەيمەن. توۋا.
مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى ئاخىرىلىشىپ ،ئىشىكنى سىرىتقا ئىچىۋەتكەندىن تارتىپ سودىگەرلىرىمىز يىغىۋاتقان پۇل نەگە كەتتى دەيمەن؟ قىممىتى قالمىدى. بەرىكەت قالمىسا زاپاس پۇلى بار ئادەممۇ قەرزى بار ئادەم بوپ قالىدۇ.
مالنىڭ باھاسى ئۆسۈپ پۇلنىڭ قىممىتى قالمىغاندا بانكىدا زاپاس پۇلى بار تىجارەتچىلەر قەرزى بار تىجارەتچىگە ئايلىنىپ قالدى. بۇرۇن تىجارەتچى-سودىگەر دىسە چوقۇم ھەۋەس قىلاتتۇق. ھازىرقى تىجارەتچىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي.بىچارىلىكىدىن كىچىككىنام شامال چىقسا ئۇچۇپ كەتكىلى قىل قالىدۇ.
سودىگەرلىرىمىزنىڭ ھالى بۇ تۇرسا كەمبەغەللىرىمىزنىڭ ھالى نىمە بولماقچى؟ كاپالەت پۇلى ئالغانلىنى زاڭلىق قىلماڭلار قىرىنداشلار(خىلى باي تۇرۇپ ئىلىۋالغانلىدىن باشقا)
ئاڭلىسام تازىلىق قىلىدىكەن، ھەممە ئادەم ئوخشاش تۇرۇپ،ھەممە ئادەم ئوخشاش ئەخلەت تۆكىدىغان ئەخلەت تۇڭىنىڭ ئەتراپىدىكى ئەخلەتنى كاپالەت پۇلى ئالىدىغانلار خۇشنا-خۇلۇملىرى كۆمەستە تازىلايدىكەن باللا؟ كىمنىڭ شۇنداق ئاھانەتكە چىداپ تۇرۇپ ئالغىسى بار ئاشۇ پۇلنى؟
بۇرۇن بانكىدا 30 مىڭ كويام بار دىگەن ئادەمگە ھارۋىدىن چۈشۈپ سالام قىلاتتۇق. پۇلنىڭ بەرىكىتى، قىممىتى قالمىغان ھازىرقى دەۋىردە ھىچنىمە ئەمەس 30 مىڭ كوي، بانكىدا ساقلىۋالغان شۇ 30 كوينى كۆتۈرۈپ تۆۋەن ئىجارىلىق ئۆي ئىلتىماس قىلىپ تاپىنى تىشىلەي دەپ قالدى ھىلقى بايلىرىمىزنىڭ، 10 يىلنىڭ ئالدىدا 30مىڭ كويغا ئالتۇن ئەپ قويغان بولسا ھازىرقى بانكىدا ساقلاپ قويغان قەغەز پۇلدىن ياخشىراقتى.يا بولمىسا زىمىن ئۆي ئەپ قويغان بولسا شۇ 30 مىڭ سومغا تۆۋەن ئىجارىلىق ئۆي ئالىمەن دەپ تاپىنى تىشىلمەيتى بەلكى ئىجارىسىز ئۆزىنىڭ مۇقۇم مۈلكى بولغان ئۆيى بولغان بولاتتى.
مۇقۇم مۈلۈك دىگەن ئاجايىپ نەرسە باللا. مۇقۇم مۈلۈكنىڭ ئىچىدە بانكىغا قويغان پۇلدىن باشقا ،ئالتۇن ،ئۆي زىمىن دۇكان قاتارلىق مۇقۇم مۈلۈكلەر ھەقىقى قىممىتى چۈشمەس مۈلۈكلەر.
ئامانەت بىلەن قەرىز ئىلىش ماسلاشمىسا مۇشۇنداق بولىدۇ. بۇرۇن ئامانەت قويدۇرالمىدى. كىيىن كىم بىزدىن قەرىز ئالا دەپ تەلمۈردى. ئەمدى قەرىز ئىلىشقا ئامال بولمىدى . ھەممە ئادەم قەرىز ئىلىۋىرىپ بانكىلارمۇ كىم پۇل قويا دەيدىغان ھالەتكە كەپ قالدى. چۈنكى بانكىلار ئۆزىدە 10 سوم بولسا 8 سومنى قەرىز بىرىدۇ. 2 سوم زاپاس ساقلىنىدۇ.
لىكىن ھازىر پۇخرالار بانكىغا ئامانەت قويغان پۇل 7 سوم بولسا قەرىز ئالغان پۇل 9 سوم بولاۋاتىدۇ.
پىكىرلىرىم سەل چىچىلاڭغۇ. لىكىن چۈشەندۈرەلىشىمچە چۈشەندۈرۈپ قويدۇم ھەم چۈشەنچەممۇ شۇنچىلىك شۇ.
ھە راس ھەممىسى شەخسى پەرىزىم جۇما. ئىشىنىپ قالماڭلار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا زاغرا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-21 03:39 AM