sardor يوللىغان ۋاقتى 2013-6-21 04:30 PM
ئۇيغۇرغا كىرەك بولىدىغىنى قايسى بىر پەن بولماستىن ،بى ...
«تەۋرەنمەس ئېتىقاد» دىگەن سۆزىڭىزدىكى ئېتىقاد دىگەننى ئىنتىلىش دەپ ئالساق تىخىمۇ مۇۋاپىق بولارمۇ؟ ئىلىم پەنگە نىسبەتەن ياكى ئىلمىي نەزەرىيەلەرنى ھەقىقىي چۈشىنىپ، ئىلىم-پەن پاكىتلىرى ھەققىدە ئەتراپلىق پىكىر يۈرگۈزگۈدەك سەۋىيە بولسا بولىدۇ، ياكى پەقەت چۈشەنمىسە ئەمما پايدىلانسا بولىدۇ. ئەمما ئىككىسىنىڭ ئارلىقىدا قېپقالغاندىن كىيىنلا ئىلىم-پەن قالپىقى كەيدۈرۈلگەن ساختا پەلسەپىلەرگە ئالدىنىپ قېلىشى ئىھتىمالغا بەك يىقىن. مىنىڭچە ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي مۇھىتنىڭ تەلىپىمۇ شۇ.
ئىزدىنىش ئۆزىدىكى بىلىمنى يېتەرسىز دەپ قاراپ، كەمتەرلىك بىلەن داۋاملىق چوڭقۇرلاپ كېرىش بولسا، ئېتىقاد ئۇلۇغلاپ چوڭ كۆرۈش، بىردىنبىر ھەقىقەت دەپ بىلىش، ياكى ئۆزىنىڭكىنى باشقىلارنىڭكىدىن يۇقىرى ئورۇنغا قويۇشنى كۆرسىتىدۇ. بىزنىڭ پۇتىمىزنى چۈشەيدىغىنى دەل مۇشۇنداق يەكچەشمە ئېتىقاد. ئىلىم-پەن ھەقىقەتەن مۇھىم قورال، ۋە ھەقىقەتكە يېتىشنىڭ يولى بولسىمۇ ئۇنىڭدىن قانائەت ھاسىل قېلىش ياكى (يالغان قالپاقلىق پەلسەپىلەرگە) ئالدىنىپ قېلىش ھالاكەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
مىنىڭچە ئەڭ مۇھىمى: توختىماي ئىزدىنىش ۋە قانچىلىك بىلسە شۇنچىلىك ئىشلىتىش.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەھزۇن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-21 06:06 PM