مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: balhar

موڭغۇلىيىدىن 8-ئەسىردىكى تۇركى يىزىقى تىپىلدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10801
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2008 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-22 11:51:23 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
NJAD يوللىغان ۋاقتى  2013-6-22 02:35 AM
قېرىنداشلار ماڭا سەدىچىن سىپىلىنىڭ سىلىنىش سەۋەبىنى ت ...

       ئۇيغۇر  تارىخىدىكى خانلىقلار

ئۇيغۇرلار تارىختا شانلىق مەدەنىيەتلەرنى ياراتقان ئاجايىپ ئۇلۇغ بىرمىللەت. شۇڭا ھازىرغىچە ئۇيغۇرلار تارىخىدا نۇرغۇن خانلىقلار ئۆتكەن. ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلار تارىخى بەكمۇ ئۇزارغانلىق ھەققىدىكى  تۆۋەندىكى خوش- خەۋەرنى ئاڭلاپ بېقىپ ئاندىن ئاندىن ئۇيغۇر تارىخىدىكى خانلىقلار بىلەن تونۇشايلى.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا ئېنگىلىس تارىخشۇناسى ۋە ئارخىلوگى   جەيمز چېچۋود  50  يىللىق  تەتقىقاتلىرى نەتىجىسىدە يېزىپ چىققان ۋەكىللىك خارەكتىرگە ئىگە كىتاۋى « مۇ قۇرۇغلۇقى » دىكى بايانلارغا ئاساسلانغاندا ، ئىنسانىيەت ناھايىتى بۇرۇنلا تىنچ ئوكياندا غايىپ بولغان « مۇ قۇرۇغلۇقى » دا پەيدا بولغان .
ئاپتور كىتاۋىدا ئىنسانلارنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن يارىتىلغانلىقىنى ناھايىتى ياخشى دەلىللىگەن ......!!!
ئاپتور بۇ كىتاۋىدا يەنە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تەپسىلى مەلۇمات بەرگەن بولۇپ ، كىتاپنىڭ ھەر ــ بىر بابىدىن دېگۈدەك ئۇيغۇرلارغا دائىر بايانلارنى ئۇچرىتالايمىز.
ئاپتور ، « مۇ  قۇرۇغلۇقى » مەۋجۇت دەۋردە ، بۇ كونا قۇرۇغلۇقتا ئۇيغۇرلارنىڭ دەسلەپكى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ پەيدا بولىشىغا مۇستەھكەم ئاساسلارنى سالغان يادرولۇق مىللەت ئىكەنلىگىنى ، دېمەك پارلاق ئىنسانىي مەدەنىيەتنىڭ تۇنجى قەدىمقى ئۇستازى دەل ئۇيغۇرلار ئىكەنلىگىنى ، ئۇيغۇرلار «بۇيۇك ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسى )نى قۇرۇپ ئاسيا ۋە ياۋرۇپا قىتئەلىرىنى ئۆزلەشتۈرگەنلىكىنى ۋە ئىلىم –پەننىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ، ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدە گۈللىنىشنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەنلىكىنى ئالاھىدە سۆيۈنۈش بىلەن تىلغا ئېلىپ ، بۇ ئىمپېرىيىنىڭ تېرىتۇرىيىسى ، قۇدرىتى ، تەسىرى ۋە دۆلەت قۇرۇلمىسى ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى كۆپلىگەن تارىخىي ھەمدە ئارخېئولوگىيىلىك پاكىتلار بىلەن ئەتراپلىق ئوتتۇرىغا قويۇپ ، « ئۇيغۇرلار مەدەنىيەت جەھەتتە ئەڭ ئىلغار خەلق بولۇپ ، ئاسترونومىيە ، مېتاللورگىيە ، توقۇمىچىلىق سانائىتى ، بىناكارلىق ، ماتېماتىكا ، زىرائەت يېتىشتۈرۈش ، مائارىپ ، دوختۇرلۇق ــ تىبابەت ۋە باشقا جەھەتلەردە بىلىملىك خەلق ئىدى ، يىپەك ، تاختا ۋە مېتال ئۈستىگە خىلمۇ ـ خىل گۈل –نەقشلەرنى چىقىرىشنىڭ ئۇستىلىرى ئىدى . ئالتۇن ، كۈمۈش ، برونزا ( تۇچ ) ۋە سېغىز توپىلاردىن ھەيكەل ياسىيالايتتى . بۇ ، مىسىر تارىخىنىڭ باشلىنىشىدىن ئىلگىرىكى ئەھۋاللار ئىدى »دەپ كۆرسىتىدۇ .
بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك رەسىملەردىن مەلۇمكى ، ئۇيغۇرلار مانا شۇنداق قۇدرەتلىك ئېمپىرىيە ھالىتىدە دۇنيانى باشقۇرغان ۋە ئاجايىپ قىممەتلىك مەدەنىيەتلەرنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ ، پۈتكۈل دۇنياغا مائارىپ ، ئىلىم –پەن ، مەدەنىيەت –سەنئەت ۋە باشقا جەھەتلەردە ئالاھىدە ئەتىۋا ئۇستاز بولۇپ تۇنۇلغان .
ئاپتور ئۇيغۇرلارنىڭ زامانىمىزدىكى كۆپلىگەن مىللەتلەرنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ مەنبىئى بولغان بىر مىللەت ئىكەنلىگىنى تەكىتلەپ شۇ كىتاۋىدا يەنە مۇنداق دەپ يازىدۇ : ( ھېچ قانداق شۈبھىلەنمەي ئېيتىش كېرەككى ، شەرىقى ياۋرۇپا مىللەتلىرى تاغلارنىڭ ھاسىل بولىشىدىن ئامان قالغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەۋلاتلىرىدۇر .) دىمەك ئۇ. تىچ ئوكياندا غايىپ بولغان (مۇ قۇرۇقلىقى)دا  20مىڭ يىل بۇرۇنلا ئۇيغۇرلار ئىمپىرىيە قۇرغانلىقىنى ئۇيغۇرلار نۇرغۇن مەدە نىيەتلەرنىڭ بەرپاچىسى ئىكەنلىكىنى. شۇنداقلا ھىندىى. پارىس ۋە بارلىق تۈركى مىللەتلەرنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ئانا مىللەت ئىكەنلىكىنى. بايان قىلغان. مىسالەن؛ بۇلاق ژورنىلىدا ( چىڭگىزخان مۇڭغۇلمۇ تۈركمۇ؟) دىگەن بىر ماقالە بېسىلىپ چىڭگىزخاننىڭ يىلتىزى تۈرك ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلمەكتە. يەنە بىر پاكىت چىڭگىزخان يىلتىزى تۈرك بولغاچقا ( ھەرقانداق شەيئى ئۆز ئەكسىگە قايتىدۇ.) دىگەن ھىكمەتنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن ئۇيغۇرلارنى باشقۇرغان چىڭگىزخان ئەۋلاتلىرى تىزلام ئۇيغۇرلىشىپ كەتكەن.  
تۆۋەندە ئۇيغۇر تارىخدىكى خانلىقلارنى تونۇشتۇرىمىز.؛
1-تۇران ئىمپىرىيەسى '
بۇ خانلىق مىلادىدىن بۇرۇنقى 200-يىللاردىن بۇرۇن ھۆكۈم سۈرگەن بولۇپ ،قەشقەر شەھەر بەشكىرەم يېزىسىدىكى (خانئۆي شەھرى خارابىسى) نى پايتەخىت قىلغان. مەشھۇر خاقانى ئالىپ ئەرتۇڭا. ئالىپ ئەرتۇڭا مۇسا پەيغەمبەر بىلەن زامانداش ياشىغان.
مىلادىدىن بۇرۇنقى 356-يىلى ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن تۇغۇلغان. ئىسكەندەر 24ياشى ئەتراپىدا دۇنيانى ئىشغال قىلىپ ئوتىرا ئاسىيا رايونىغا كەلگەن. مەھمۇد قەشقەرنىڭ بايانىغا قارىغاندا تۈرك پادىشاھى ئىسكەندەرگە قارشى قوشۇن ئەۋەتكەن. بۇقوشۇن ئىسكەندەر قوشۇنىدىن ئاجىز بولسىمۇ لىكىن ئوقيا ئوقىنى ئاتتا چېپىپ كىتىۋىتىپ ئالدىغا قانداق ئاتسا كەينىگىمۇ شۇنداق ئېتىپ ئىسكەندەر يولىنى توسۇپ قويغان. ئىسكەندەر بۇنى كۆرۈپ (خۇزخۇر)يەنى بۇلار باشقىلارغا مۇھتاج بولماي ئۆز ئوزۇقىنى ئۆزى تېپىپ يەيدىغانلار ئىكەن. دەپتۇ ۋە ئارقىغا قايتىپ كىتىپتۇ. خۇزخۇر دىگەن سۆز بارا-بارا ئۇيغۇر دىگەن سۆزگە ئۆزگىرىپ ئۇيغۇرلارنىڭ نامى بولۇپ قالغانلىقنى باشقىلاردىن ئاڭلىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.
2-ھون ئىمپىرىيەسى.؛
بۇ ئىمپىرىيەمىلادىدىن بۇرۇنقى 200-يىللاردىن تاكى مىلادى 487-يىللاغىچە ھۆكۈم سۈرگەن. تارىخچىلار؛ (ھونلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى. ھون دىمەك، ئۇيغۇر دىمەكتۇر) دەيدۇ. ئۇلار ئورخۇن يەنى ( ئۇيغۇرھون) ۋادىسىنى پايتەخىت قىلغان. مەشھۇر خاقانى باتۇرتەڭرىقۇت.
3-قاڭقىل خانلىقى ؛
ئۇيغۇرلانىڭ بىۋاستە ئەجدادى بولغان قاڭقىل خانلىقى487-يىلىدىن 546-يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن.
4-تۈرك خانلىقى؛
بۇخانلىق 546-يىلىدىن 745-يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن.،ئۇلار ئورخۇن يەنى ( ئۇيغۇرھون) ۋادىسىنى پايتەخىت قىلغان..
5-ئۇيغۇرئورخۇن خانلىقى؛
بۇخانلىق 605-يىلىدىن 847-يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن. ئۇلار مۇ ئورخۇن يەنى( ئۇيغۇرھون) ۋادىسىنى پايتەخىت قىلغان.
6-ئۇيغۇرگەنسۇ خانلىقى؛
بۇخانلىق 850-يىللاردىن 1036-يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن.ئۇلار گەنسۇنى پايتەخىت قىلغان.
7-ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقى؛
بۇ خانلىق 866-يىلىدىن 1393-يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن.  پايتەختى تۇرپان.
8-ئۇيغۇرقاراخانىلار خانلىقى؛
مىلادى 870-يىلىدىن 1212-يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن. مەشھۇر خاقانى سۇتۇق بۇغراخان. پايتەختى قەشقەر.
9-چاغاتاي خانلىقى؛ 1270يىلىدىن 1570-يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن. مەشھۇر خاقانى تۇغلۇقتۆمۈرخان.
10-يەكەن سەئىدىيە خانلىقى؛ 1514-يىلىدىن 1680-يىللارغىچە ھۆكۈم سۈرگەن. مەشھۇر خاقانى ئابدۇرەشتخان. پايتەختى يەكەن.
11-قورچاق ئاپاقخوجا خانلىقى؛ 1680يىللاردىن 1697-يىللارغىچە ھۆكۈم سۈرگەن.
12-مىلادى 1697-يىلىدىن 1900-يىلىغىچە مانجۇلار ھۆكۈم سۈرگەن . ئارىلىقتا مانجۇلارغا قارشى قوزغىلاڭلار بولغان.، (قوزغىلاڭ ۋەكىللىرىدىن؛ سادىرپالۋان، سىيىت نوچى، نۇزۇكۇم....ئىپارخان...يەتتەقىزلىرىم......قاتارلىقلار بار.) 1864-يىلىدىن 1878-يىلىغىچە 14 يىل بەدۆلەت خانلىقى ھۆكۈم سۈرگەن. 1880-يىلى چىڭ سۇلالىسىدىدىن زوزۇڭتاڭ خانغە تەكلىپ بىرىپ شىنجاڭغا قوشۇن تارتىپ  كىلىپ ،ھىلە بىلەن ياقۇپبەگنى زەھەرلەپ ، قوشۇنلىرىنى ئاسانلام يوقاتقان. ھەمدە (شىنجاڭ ئۆلكىسى) دەپ ئاتاپ باشقۇرۇپ كەلگەن.
مىلادى 1900-يىلىدىن 1930-يىللارغىچە ياڭزىڭشىن باشقۇرۇپ تۆمۈرخەلپە قاتارلىق قوزغىلاڭچىللىرىمىزنى ئالدامچىلىق بىلەن قىرغان. 1930-يىللاردىن1945-يىلىغىچە جاللات شىڭشىسەي ھۆكۈم سۈرۈپ غوجانىيازھاجىم قاتارلىق قوزغىلاڭچىلارنى يەنە جەللات سىتالىن بىلەن بىرلىشىپ   ئالداپ يوقاتقان. .. دىمەك بۇيىللاردا بېشىنى كۆتۈرگەن (ئۇيغۇرتەقدىرى)؛ جەللات سىتالىن تەرىپىدىن قولىدىكى غەربى turkنى ساقلاپ قېلىش غەرىزى بىلەن ئىككى- ئۈچ قېتىم ۋەھشىلەرچە  تۇنجۇقتۇرۋىتىلگەن! ؟...
.

پايدىلانغان مەنبە؛ (1)نۇرۇللا مۆئمىن يۇلغۇننىڭ (غەربى يۇرت—تارىخىمىزدىكى خاقانلار) ناملىق كىتابى،
(2)ئېنگېلىز تارىخچىسى جەيمىز چېچۋورىدنىڭ 50يىللىق تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ مىۋىسى بولغان (مۇ قۇرۇقلىقى) ھەققىدىكى ماتىرياللار.
(3)ئۆزۈم نەچچە يىللاردىن بىرى توپلىغان ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت ماتىرياللار.
(4)تارىخچى نەبىجان تۇرسۇن ئەسەرلىرى.  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1507
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6019
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1010 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2014-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-23 01:00:48 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەشۇ تارىختىكى سەلتەنىتىمىز ئىتقادىمىزنىڭ پاك ساپ ھالىتى بىلەن يۇغۇرۇلسا ھە؟.............

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91640
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 272
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2013-2-13
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-23 12:05:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قارىغاندا بۇ تاش پۈتۈكنىڭ ئىگىلىرى  تۈركلەرنىڭ  قىپچاق تۈركۈمى ئەمەس ئوخشايدۇ.   
  
«جەرىم،بەيىم»،  دىمەي   «يەرىم،بەگىم »  دەپ  يىزىپتۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87703
يازما سانى: 1506
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3007
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3111 سائەت
تىزىم: 2012-11-25
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-23 01:11:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
fanteken يوللىغان ۋاقتى  2013-6-21 03:52 PM
موڭغۇللار ئۇ زىمىنلاردا كىملەرنىڭ ياشاپ ،دۆلەت قۇرۇپ  ...

(پەرۋەردىگار) ياراتقان  نارسىلەرنىڭ  ھەممىسى  بۇيۇكتۇر،  مەنمۇ  شۇ  بۇيۇكلەر  ئىچىدىكى بۇيۇكتۇرمەن!!! ______رومان.W.پىئېر.

كۈمۈش قاغا مۇزىكا ئەترىتى
fanteken بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-23 01:56:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87703
يازما سانى: 1506
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3007
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3111 سائەت
تىزىم: 2012-11-25
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-23 04:02:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
fanteken يوللىغان ۋاقتى  2013-6-23 01:56 PM
بۇ بىر جۇملە سۆزنىڭ ئالدىدا ئاللاھ دىگەن بىر سۆز بار ئ ...

ئاللاھ،  پەرۋەردىگار، ئوخشاش بىر زات دەپ تۇنىمىز. تونۇش بىر بولسىلا بولدى.

--ئەرزىمەيدۇ.

كۈمۈش قاغا مۇزىكا ئەترىتى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13466
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8743
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 372 سائەت
تىزىم: 2010-10-11
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-23 05:16:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەرتۇرا يوللىغان ۋاقتى  2013-6-22 11:51 PM
       ئۇيغۇر  تارىخىدىكى خانلىقلار

ئۇيغۇرلار تارىختا  ...

قېرىندىشىم  تۇرك خانلىقى ئۇيغۇر خانلىقى ئەمەس  ئۇ تۇرك خانلىقى    چاغاتاي خانلىقىمۇ ئۇيغۇر خانلىقى ئەمەس   موڭغۇل خانلىقى   ، تارىخقا چىن مۇئامىلە قىلايلى  باشقىلارغا ئوخشاپ قالمايلى    بىزنىڭ تارىختىكى خانلىقلىرىمىز نۇرغۇن ،  باشقىلارنىڭكىنى ئۆزىمىزنىڭ قىلىۋىلىش بىھاجەت    1  تۇران خانلىقى  2  تارىم ۋادىسىدىكى  شەھەر مەملىكەتلىرى  3  قاڭقىل خانلىقى  4 كۇسەن خانلىقى 5 ئۇدۇن خانلىقى 6 تۇغلا ئۇيغۇر خانلىقى  7 ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى 8  قارلۇق خانلىقى 9  ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى 10،كەڭسۇ ئۇيغۇر خانلىقى 11قاراخانىيلار سۇلالىسى 12غەزنەۋىيلەر سۇلالىسى (قارلۇقلار قۇرغان)13 ئالمۇتا ئۇيغۇر خانلىقى 14سەئىدىيە ئۇيغۇر خانلىقى   15مەھمۇت سۇلتانلىقى(مۇھەممەت ھەيدەركوراگان كەشمىردە قۇرغان)16ئەرەتنا ئۇيغۇر دۆلىتى 17 خوجىلار دۆلىتى 18 كۇچا خانلىقى  19قەشقەرخانلىقى20خوتەن پاشاخانلىقى21ئىلى سۇلتانلىقى22يەتتە شەھەر دۆلىتى 23 تۇرپان بەگلىكى (مانجۇلارغا بېقىنىپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان)24 قۇمۇل بەگلىكى (مانجۇلارغا بېقىنىپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان)مانا بۇلار تارىختىكى ئۇيغۇر دۆلەتلىرى  ھەممە ئىتراپ قىلىدۇ  ھونلارغا كەلسەك ئۇنى  بىر نىمە دىيەلمەيمەن  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13466
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8743
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 372 سائەت
تىزىم: 2010-10-11
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-23 05:17:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yattasu يوللىغان ۋاقتى  2013-6-23 05:16 PM
قېرىندىشىم  تۇرك خانلىقى ئۇيغۇر خانلىقى ئەمەس  ئۇ تۇر ...


بىرسى چالا قاپتۇ   تۇغلا ئۇيغۇر خانلىقىدىن بۇرۇن سىر -تاردۇشلار خانلىقى بار بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yattasu تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-23 05:18 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90705
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 701
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 174 سائەت
تىزىم: 2013-1-27
ئاخىرقى: 2014-7-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-23 06:32:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەرتۇرا يوللىغان ۋاقتى  2013-6-22 11:51 PM
       ئۇيغۇر  تارىخىدىكى خانلىقلار

ئۇيغۇرلار تارىختا  ...

سىزگە كۆپ رەخمەت قېرىندىشىم. كۆپ نەرسىلەرنى بىلۋالدىم!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93176
يازما سانى: 142
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 946
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 173 سائەت
تىزىم: 2013-3-12
ئاخىرقى: 2015-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-23 08:07:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قانداشلىق سۈرۈشتە قىلساق، ھېچكىم يات ئەمەس!!! لېكىن بىر نەرسە تۇلۇق ئېسىمىزدە بۇلىشى كېرەك: تارىخنى ئاتا-بۇۋىلىرىمىز ياراتقان،ئۆزىنى تۇنۇتقان. پەخىرلەنسەك بۇلىدۇ،بىراق بۇنى بىزنىڭ نەتىجىمىز بىلىپ،ھەممىنى ئۆزىمىزنىڭ قىلىۋالساق بولمايدۇ. بىزنىڭ ئاتا-بۇۋىلىرىمىز قۇرغان خانلىقلاردا باشقىلارنىڭ ئەرجىمۇ ئاز ئەمەس! باشقىلار قۇرغان خانلىقلاردا بىزنىڭ ئاتا-بۇۋىلىرىمىزنىڭ تۆھپىسى كەم ئەمەس! ھازىرمۇ شۇنداق، كەلگۈسىدىمۇ شۇنداق بۇلىدۇ! ئەڭ ياخشىسى يۈرت سۈيۈپ، يۈرت گۈللەندۈرسەك،بىر ئايماق، بىر قەۋم، بىرمىللەت جامائىتىگە ئۈزىمىزنىڭ خالىس تۆھپىسىنىڭ قوشساق!!!!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش