306398168 يوللىغان ۋاقتى 2013-6-21 04:13 PM
قۇتيار تەرجىمە گۇرۇپىسى تەرجىمە قىلغان بىر ھۆججەتلىك ...
سەپەرچى-1 يادرو ئېنېرگىيىسى بىلەن ماڭىدۇ. ئالەم بوشلۇقى بىر بوشلۇق بولغاچقا، ئالەم ئۇشقۇرىنى مەلۇم بىر يۆنىلىشكە قارىتىپ ئىتتىرىپلا قويسا، ئۇ ئاشۇ يۆنىلىشكە قاراپ مېڭىۋەرىدۇ. لېكىن، مارس قا ماڭدۇرۇلغان ۋە سەپەرچى-1 ئوخشاش ئالەم ئۇشقۇرلىرى قۇياشنىڭ ۋە باشقا پلانىتىلارنىڭ تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە كىچىك تىپتىكى يەقىلغۇنى پارتىلىتىپ ئوتنى ئېتىپ چىقارغۇچى ماتورلاردىن بىر قانچىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئالەم ئۇشقۇرى مەلۇم بىر يۆنىلىشكە قاراپ ماڭغاندا، ناسا دىكىلەر ئۇلارنى مۇددەتلىك ھالدا كونترول قىلىپ تۇرىدۇ. بۇنى ئىنگلىزچە «maneuver» دەپ ئاتايدۇ.
سەپەرچى-1 نىڭ ھازىرقى قۇياش بىلەن بولغان ئارىلىقى 17.6ئە9 كم بولۇپ، ئۇ ماڭدۇرغان سىگنال بىزگە يېتىپ كېلىش ئۈچۈن 16.5 سائەتكە يېقىن ۋاقىت كەتىدۇ. يەنى، سەپەرچى-1 نىڭ بىز بىلەن بولغان ئارىلىقى 16.5 سائەت. دېمەك، يەر يۈزىدىن ئۇنىڭغا ماڭدۇرغان سىگنال ئۇنىڭغا 16.5 سائەتلەردە يېتىپ بارىدۇ. ئۇ ماڭدۇرغان سىگنال يەر شارىغىمۇ 16.5 سائەتتە يېتىپ كەلىدۇ. ناسا دىكىلەر ئۇنىڭ بىر كونترول سىگنالىنى ماڭدۇرۇپ، ئۇنىڭ نەتىجىسىنى جەزىملەشتۈرۈش ئۈچۈن، كەم دېگەندە 33 سائەت ۋاقىت كېتىدۇ، دېگەن گەپ.
سەپەرچىلەر قۇياش سىستېمىسىدىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ئوز ئالدىغا ئىختىيارىي ھەرىكەت قىلىدىكەن. ئۇلار باشقا يۇلتۇزلارنىڭ يېنىدىنمۇ ئۆتىدىكەن: ھازىردىن باشلاپ 40،000 يىلدىن كېيىن سەپەرچى-1 «AC +79 3888» دېگەن يۇلتۇزنىڭ قېشىدىن ئۆتىدىكەن. 296،000 يىلدىن كېيىن بولسا، سەپەرچى-2 ئاسماندىكى ئەڭ يورۇق يۇلتۇز «Sirius» قا 4.3 نۇر يىلى كېلىدىغان يەردىن ئۆتىدىكەن.