سۈيۈملۈكۈم،سېنى ھەر دائىم ئەسلەپ تۇرىمەن،ئويلايمەن..سەن بىلەن بىرگە ئۆتسەم دەيمەن..سەن ھەر ۋاقىت خىيالىمدىن كەتمەيسەن...
سۈيۈملۈكۈم،مەندىن ئەنسىرمىگىن...مەن كۈندە كەچتە شۇنداق راھەت ئۇخلايمەن،چۈنكى سېنىڭ ماڭغا بەرگەن بىرىنچى سوۋغاڭ ماڭا كۈندە ھەمراھ بۇلىدۇ ئەمەسمۇ؟شۇنچىلىك ئاددىي سوۋغا بۇلسىمۇ،ماڭغا شۇنچىلىك چوڭقۇر مەنىگە ئىگە..شۇڭا ھەركۈنى كەچتە ئۇيقۇمغا قېنىپ،شېرىن چۈشلەرنى كۆرىمەن ئەمەسمۇ؟
سۈيۈملۈكۈم،سېنى ھەر دائىم مۇھەببەت ئوغرىسى،يۈرەك ئوغرىسى دەپ چاقىرغان چاغدا،سەن شۇنداق ئاچچىقلىنىپ كېتەتتىڭ...ئەمەلىيەتتە سېنى ئەركىلىتىپ چاقىرغىنىم......
سۈيۈملۈكۈم،سەن بىلەن ھەر دائىم بىللە بۇلسام دەيمەن،ئۇماققىنە قۇلۇڭنى تۇتۇپ بىللە دۇنيانى چۆگلىسەم ساياھەت قىلىپ كەلسەم دەپ ئويلايمەن.دېڭىز بۇيىدا سەن بىلەن قۇل تۇتۇشۇپ يىراق يىراقلارغا نەزەر سېلىپ ماڭسام دەيمەن.ھەر قېتىم ئۇماققىنە قۇلۇڭنى تۇتقان چاغدا،قانچىلىك خۇشال بۇلىدىغانلىقىمنى بىلەمسەن؟
سۈيۈملۈكۈم،مەن ھەر قېتىم چۈشۈمدە سېنى كۆرىمەن.سەنمۇ مېنى چۈشۈڭدە كۆرەمسەن؟
سۈيۈملۈكۈم.سېنىڭ كىچىگە ئامراقلىقىڭنى بىلىمەن،كەچتىكى ئاشۇ نۇرلۇق قۇڭغۇزلار،ئاسماندىكى پارلاق چاقناۋاتقان يۇلتۇزلار،رەڭلىك كوچا چىراقلىرىغا ئامراق ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرىمەن،مەيلى سېنىڭ قاچان كۆرگىڭ كەلسۇن،مەن سەن بىلەن كىچىمۇ كىچە دېمەي،سەن بىلەن بىللە كىچە سەيلىسى قىلىشقا تەييارمەن.
داۋامى داۋاملىق يوللىنىدۇ.