مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: bilimxumar

NASA: كېيىنكى 2 كۈندە ئاي ئىنتايىن چوڭ كۆرىنىدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82221
يازما سانى: 317
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 23069
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 609 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-22 01:57:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
korul يوللىغان ۋاقتى  2013-6-22 01:23 PM
ھۆرمەتلىك ئەركىن سىدىق ئاكا ،ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن ...

قاسىم سىدىق ئەپەندى ئوتتۇرىغا چىقارغان ئۇ ئۇقۇم مېنىڭ بىلىم دائىرەمنىڭ ئىچىدە ئەمەس بولۇپ، مەن ئۇنىڭغا باھا بېرەلمەيمەن.  ئەمما، بۇ مەسىلىدە مۇنداق بىر ئىشنى تىلغا ئالمىسام بولمايدۇ:  ھازىر پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا كائىناتقا ئائىت مەسىلىلىلەردە مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەردىن نەچچە ئون مىڭ ئادەم بار.  ئۇلارنىڭ كۆپۈنچىسىنىڭ دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى بار بولۇپ، ئۇلار يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقات ئورۇنلىرىدا ئىشلەيدۇ.  كائىناتنى تەكشۈرىۋاتقان ئالەم ئۇشقۇرىلىرىنىڭ سانىمۇ ھازىر 10 دىن ئاشىدۇ.  يەنە نۇرغۇنلىرى ھازىر يېڭىدىن ياسىلىۋاتىدۇ.  تەبىئىي-پەن ساھەسىدىكى، جۈملىدىن كائىناتقا ئائىت بىرەر يېڭى كۆز-قاراش ئاشۇنداق خەلقئارالىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىدىن ئۆتۈشتىن بۇرۇن، ئۇنىڭغا ئۇنداق ياكى مۇنداق دەپ باھا بېرىش، مېنىڭچە مۇۋاپىق ئەمەس.  مەن يېقىندا قاسىم سىدىق ئەپەندى بىلەن توردا پىكىرلىشىپ، ئۇ ھازىرغىچە ئۆزى ئوتتۇرىغا چىقارغان ئۇ ئۇقۇمنى جۇڭگودىكى 3 خىل ئىلمىي ژورنالدا ئېلان قىلغانلىقىنى، ئەمما بىرەر ئىنگلىزچە ئىلمىي ژورنالدا تېخى ئېلان قىلىپ باقمىغانلىقىنى بىلدىم.  ئۇ 3 پارچە ئىلمىي ماقالىنىڭ بىرەرسى خەنسۇچىمۇ ياكى ھەممىسى ئۇيغۇرچىمۇ، ئۇ ماڭا ئېنىق ئەمەس.  قىسقىسى، تەبىئىي-پەندىكى بىر يېڭى ئۇقۇم خەلقئارالىق ئىلمىي تەتقىقات ژورناللىرىدا ئېلان قىلىنىپ،خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنمىغىچە، ئۇ بىر يېڭى نەزەرىيە بولۇپ ھېسابلانمايدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilimxumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-22 02:05 PM  


بىلمىگەننى بىل ،

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4482
يازما سانى: 310
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14075
تۆھپە نۇمۇرى: 525
توردا: 1306 سائەت
تىزىم: 2010-7-22
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-22 02:14:43 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نېمە ئۈچۈن ئاي چىققان ۋە ئولتۇرغان چاغدا شۇنچە چوڭ كۆرىنىدۇ؟ مەنمۇ بەزىدە مەشرىق تەرەپتە يېڭى چىقىۋاتقان ئاينىڭ شۇنچە يوغان ۋە قىزىللىقىغا قاراپ ھەيران قالىمەن. ئاسماندا تەخسىدەك كۆرۈنگەن ئاي چىقىۋاتقان ياكى پېتىۋاتقان چاغدا لېگەندەك كۆرىنىدۇ.

ئېتقادنى يېگىلى بولمايدۇ، لېكىن ئېتقادى يوق ئادەم ھەممىنى يەيدۇ.
www.bildur.net

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1291
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4046
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 462 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-22 02:14:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئاي شەۋۋال ئەمەس شەئبان.يىللىق ئەمەللەر مۇشۇ ئاينىڭ 15–كۈنىدە ئاللاھقا ئۆرلەيدۇ.ھەدىستە شۇنداق كۆرگەن ئىدىم.
بىلىمخۇمار ئاكىغا رەھمەت.مەن مۇشۇنداق كۈن بولغاچقا شۇنداقمىدۇ دەپ ئويلىغان لىكىن باشقا سەۋەپ ئىكەن.ئاللاھ خالىسا بىر تەپەككۇر پۇرسىتى بولغاي!ئامىين!

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84083
يازما سانى: 145
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3551
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 193 سائەت
تىزىم: 2012-8-18
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-22 04:51:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇمباغ79 يوللىغان ۋاقتى  2013-6-22 11:38 AM
يەر شارى بىلەن كۈننىڭ ئارىلىقى ،قايسى ۋاقىتتا يېقىن، ...

قىشتا يېقىن، يازدا يىراق بولىدۇ، قىش يازنىڭ بولۇشى كۈن نۇرىنىڭ تىك چۈشۈشىگە مۇناسىۋەتلىك، يازدا ئارىلىق يىراق بولغان بىلەن قۇياش نۇرىنىڭ يەرشارى يۈزىگە تىك چۈشۈپ قاپلايدىغان ئورنى كۆپ، يېقىن بولغاندا ئاز، ئېكۋاتور سىزىقىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى رايونلارغا ئاساسەن  قۇياش نۇرى تىك چۈشىدۇ، شۇڭا ھېلىقى «قىش بولمايدىغان رايون» لار بولىدۇ

بىر «لۈكچەك» نىڭ مۇھەببىتى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36675
يازما سانى: 1060
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8348
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2539 سائەت
تىزىم: 2011-4-6
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-22 06:49:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بېيجىڭدا يامغۇر يىغىۋاتىدۇ،كۆرەممەيمىزمىكى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82621
يازما سانى: 256
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4290
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 156 سائەت
تىزىم: 2012-7-8
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-22 08:21:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولسا چوقۇم كۆرەي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81505
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4198
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 116 سائەت
تىزىم: 2012-6-12
ئاخىرقى: 2013-8-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-22 08:32:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
.قۇياش  سېستىمىىسى سامان  يولىنىڭ  بىر  چېتىدە سامان  يولى سېستىمىسىنىڭ مەركىزىنى  چۆرىدەپ ئايلىنىدۇ. قۇياش- قۇياش سېستىمىسىنىڭ مەركىزىدىكى چوڭ بىر ئوت شارى.  ئەتراپىدىكى 11 ھەمراھ پىلانىتا بۇ ئاللاھنىڭ مۆجىزىسىنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدۇ. يەر شارى ئاشۇ ھەمراھ پىلانىتا ئىچىدىكى قۇياش بىلەن بولغان ئارىلىقى ئەڭ مۇۋاپىق بىر پىلانىتىدۇر. شۇڭا ساتۇرىن كەبى مۇزمۇ بولۇپ كەتمىگەن، ۋېنىرا كەبى ئوتمۇ بولۇپ كەتمىگەن. ئەڭ مۇھىمى يەرشارى ئۈستىدە يەتتە قات گاز قاتلىمى بار. ئاتموسفىرا قاتلىمىدىكى ئوكسىگىن جانلىقلارنىڭ ياشىشى ئۈچۈن بەك زۆرۈر. قۇياش سېستىمىسى سامان يولى سېستىمىسىنىڭ بىر يان تەرىپىدە سامان يولى سېستىمىسىنىڭ مەركىزى قارا ئۆڭكۈرنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدۇ. بىز ياشاۋاتقان يەر شارى بولسا ئىككى خىل ئايلىنىشقا ئىگە. بىرى ئۆز ئوقىدا ئايلىنىدۇ (24سائەتتە بىر تولۇق ئايلىنىپ چىقىدۇ) بۇنىڭ بىلەن كېچە كۈندۈز ئالمىشىش ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ. يەنە بىرى قۇياشنى چۆرىدەپ ئايلىنىدۇ(تەخمىنەن 364كۈندە بىر تولۇق ئايلىنىپ كېلىدۇ), بۇنىڭ بىلەن 4 پەسىلنىڭ ئالمىشىش ھادىسىسى كۆرىلىدۇ.  كۈننىڭ چىقىپ چۈشىشى ۋە ئاينىڭ چىقىپ چۈشىشى ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.
      ئاللاھ تائالا بۇئاسمان زىمننىڭ يارىتىلىشى ۋە كامالىتى ھەققىدە قۇرئان كەرىمدە مۇنۇ ئايەتلەرنى بىلدۈردى:   سۈرە بەقەرە 29-ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:« ئاللا يەريۈزىدىكى ھەممە نەرسىنى سىلەرنىڭ پايدىلىنىشىڭلار ئۈچۈن ياراتتى.ئاندىن ئاسماننى يارىتىشقا يۈزلىنىپ، ئۇنى قۇسۇرسىز يەتتە ئاسمان قىلىپ تاماملىدى.ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر.»
    سۈرە بەقەرە 164-ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:« ئاسمانلارنىڭ ۋە زىمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىشىدا، كىشىلەرگە پايدىلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ دېڭىزدا ئۈزۈپ يۈرگەن كېمىلەردە، ئاللا بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگەن، ئۆلگەن زىمىننى تىرىلدۇرىدىغان يامغۇردا، يەر يۈزىگە تارقىتىۋەتكەن ھايۋاناتلاردا، شامال يۆلىنىشلىرىنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرىشىدا، ئاسمان-زىمىن ئارىسىدا بويسۇندۇرۇلغان بۇلۇتلاردا،چۈشىنىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان دەلىللەر باردۇر.»
سۈرە ئال ئىمران133-ئايەتتە:« پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ مەغفىرىتىگە ۋە تەقۋادارلار ئۈچۈن تەيارلانغان ، كەڭلىكى ئاسمان-زىمىنچە كېلىدىغان جەننەتكە ئالدىراڭلار.»
سۈرە ئال ئىمران190-ئايەتتە:« شۈبھىسىزكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زىمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرىشىدا ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئەلۋەتتە روشەن دەلىللەر بار.»
سۈرە ئەنئام 1 ئايەت:« جىمى ھەمدۇ سانا ئاسمانلارنى ۋە زىمىننى ياراتقان، زۇلمەتلەرنى ۋە نۇرنى پەيدا قىلغان ئاللاھقا خاستۇر.»
     سۈرە ئەئراف 54-ئايەت:« شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭلار ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زىمىننى ئالتە كۈندە( يەنى ئالتە دەۋىردە) ياراتتى. ئاندىن ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلىقىغا لايىق رەۋىشتە ئەرش ئۈستىدە قارار ئالدى. ئاللاھ كېچىنىڭ قاراڭغۇلىقى بىلەن كۈندۈزنى ياپىدۇ.كېچە بىلەن كۈندۈز بىربىرىنى قوغلىشىدۇ. ئاللاھ قۇياش،ئاي ۋە يۇلتۇزلارنى ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇندۇرۇلغۇچى قىلىپ ياراتتى. يارىتىش ۋە ئەمىر قىلىش( يەنى كائىناتنى تەسەررۇپ قىلىش) راستىنلا ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر.ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھنىڭ دەرىجىسى كاتتىدۇر.»
    سۈرە ئەئراف 185-ئايەت:« ئۇلار ئاسمانلارنىڭ ۋە زىمىننىڭ سەلتەنىتى ئۈستىدە، ئاللاھنىڭ ياراتقان مەخلۇقاتلىرى ئۈستىدە، ئۆزلىرىنىڭ ئەجىلى يېقىنلىشىدىغانلىقىنىڭ مۈمكىنلىكى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزمەمدۇ؟ ئۇلار( كالامۇللا ئىكەنلىكى شۇنچە روشەن بولغان) قۇرئاندىن باشقا يەنە قايسى سۆزگە ئىشىنىدۇ؟»
سۈرە تەۋبە 36-ئايەت:« شۈبھىسىزكى، ئاسمان ۋە زىمىن يارىتىلغاندىن تارتىپ قەمەرى ئايلارنىڭ سانى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ( يەنى لەۋھۇلمەھپۇزدا) 12 دۇر...»
    سۈرە ھۇد 7-ئايەت:« ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زىمىننى ئالتە كۈندە ياراتتى. (ئاسمان-زىمىننى يارىتىشىتىن ئىلگىرى) ئاللاھنىڭ ئەرشى سۇ ئۈستىدە ئىدى.»
    سۈرە رەئد 2-ئايەت:« ئاللاھ ئاسمانلارنى تۆرۈكسىز بەرپا قىلدى. سىلەر ئۇنى كۆرۈپ تۇرىۋاتىسىلەر، ئاندىن ئۇ ئەرش ئۈستىدە ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە قارار ئالدى. كۈن بىلەن ئاينى بەندىلەرنىڭ مەنپەتى ئۈچۈن بويسۇندۇردى، ئۇلارنىڭ ھەر بىرى مۇئەييەن مۇددەتكىچە( يەنى دۇنيانىڭ تۈگەيدىغان ۋاقتىغىچە) سەير قىلىدۇ، ئاللاھ (ئۆز ھېكمىتى ۋە قۇدرىتى بىلەن) مەخلۇقاتنىڭ ئىشلىرنى باشقۇرۇپ تۇرىدۇ. سىلەرنى پەرۋەردىگارىڭلارغا مۇلاقات بولۇشقا ئىشەنسۇن دەپ، قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرىنى تەپسىلى بايان قىلدۇق.»
    سۈرە ھىجىر 16-ئايەت:« بىز ئاسمانلاردا بۇرۇجلارنى ياراتتۇق ۋە كۆزەتكۈچىلەر ئۈچۈن ئاسماننى يۇلتۇزلار بىلەن بېزىدۇق.»
    سۈرە كەھف 26-ئايەت:« ئۇلارنىڭ تۇرغان ۋاقتىنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ. ئاسمانلاردىكى، زىمىندىكى غەيپنى بىلىش ئاللاغا خاستۇر. ئاللاھنىڭ كۆرۈشى نىمە دىگەن مۇكەممەل! ئاللاھنىڭ ئاڭلىشى نىمە دىگەن مۇكەممەل! ئۇلارغا ئاللاھتىن بۆلەك ھىچقانداق ياردەمچى بولمايدۇ. ئاللاھ ئۆز ھۆكمىدە ھىچ كىشىنى شېرىك قىلمايدۇ.»
    سۈرە ئەنبىيا 30-ئايەت:« كافىرلار بىلمەمدۇكى، ئاسمانلار بىلەن زىمىن بىر-بىرىگە تۇتاش ئىدى، ئۇلارنى ئايرىۋەتتۇق. ھەممە جانلىق مەۋجۈداتنى سۇدىن ياراتتۇق، ئۇلار( ئاللاھىنىڭ قۇدرىتىگە) ئىشەنمەمدۇ؟»32-ئايەت:« ئاسماننى بىز بىخەتەر ئۆگزە قىلدۇق، ھالبۇكى، ئۇلار يەنى مۈشرىكلار ئاسماندىكى( كۈن،ئاي،يۇلتۇزلارغا ئوخشاش ئاللاھنىڭ بارلىقىنى ۋە قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان ) ئالامەتلەردىن غەپلەتتىدۇر.»  
    سۈرە لوقمان 10-ئايەت:« ئاللاھ ئاسمانلارنى تۆرۈكسىز ياراتتىكى،سىلەر ئۇنى كۆرۈپ تۇرىۋاتىسىلەر، يەر تەۋرەپ سىلەرنى خاتىرجەمسىز قىلمىسۇن دەپ يەردە تاغلارنى ئورناتتى. زىمىندا تۈرلۈك جاندارلارنى تاراتتى، بۇلۇتتىن يامغۇر سۈيىنى چۈشۈرۈپ ،ئۇنىڭ بىلەن زىمىندا تۈرلۈك پايدىلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردۇق.»
    سۈرە فۇسسىلەت 12-ئايەت:« ئاللاھ يەتتە ئاسماننى ئىككى كۈندە ياراتتى . ھەر ئاسماننىڭ ئىشىنى ئۆزىگە بىلدۈردى( يەنى ھەر ئاسماننىڭ ئېھتىياجلىق ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى). ئەڭ تۆۋەنكى ئاسماننى يۇلتۇزلار بىلەن زىننەتلىدۇق ۋە قوغدىدۇق. بۇ ئەنە شۇ غالىپ ھەممىنى بلگۈچى ئاللاھنىڭ تەقدىرىدۇر.»

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ULKER-RIZA تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-23 12:59 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81195
يازما سانى: 1184
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6894
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 439 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-22 10:01:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن قارىسام تۈنۈگۈن شۇنداق تولۇن ئاي چىقىپتىكەن  . بۇ ئىككى كۈندە يەنە بىر كۈرەپ باقاي . لېكىن بىللە ئاي تاماشاسى قىلىدىغان ئادەم يوقتە

psbCAM0QT2L.jpg


زامانەم بۇ دىمە ھەرگىز ئۆتەر بولساڭ پاراغەتتە،
دىگىن دائىم:رەببىم مېنى بايقاپ تۇرار بۇ سائەتتە.
قىلار ئاللاھ بىپەرۋالىق دەپ ئويلىما بىرەر لەھزە،
خەۋەرداردۇر ئەسرارىڭدىن بولالمايسەن نە خىلۋەتتە.

يىڭنە  قىلغاننى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15521
يازما سانى: 135
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9236
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 2354 سائەت
تىزىم: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-22 10:01:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ULKER-RIZA يوللىغان ۋاقتى  2013-6-22 08:32 PM
قۇياش سامان يولى سېستىمىسىنىڭ مەركىزى ۋە ئەڭ چوڭ ئوت ش ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداش...ئىنكاسلىرىڭىز ئۇرۇنلۇق...
ئەمما  دىققەت قىلىشقە  تىگىشلىكى ، قۇياش ھەرگىزمۇ سامان يولىنىڭ مەركىزى ئەمەس، قۇياش  سېستىمىىسى سامان  يولىنىڭ  بىر  چېتىدە سامان  يولى سېستىمىسىنىڭ مەركىزىنى  چۆرىدەپ ئايلىنىدۇ، ئۇنىڭ  ئۈستىگە  قۇياش  سامان يولى سېستىمىسىدىكى ئەڭ  چوڭ  تۇرغۇن يۇلتۇز ئەمەس، قۇياشتىن نەچچە مىڭ  ھەسسە  چوڭلۇقتىكى مىليۇنلىغان تۇرغۇن  يۇلتۇزلار سامان يولى  سېستىمىسدا ھەركەت قىلىدۇ.
  ماتىرياللاردا ، سامان   يولى سېستىسىنىڭ مەركىزىدە چوڭ  بىر  قارا ئۆڭكۈرنىڭ مەۋجۇتلىقى تىلغا ئېلىنغان.قارىغاندا سامان يولى  سېستىمىسىدىكى بارلىق يۇلتۇز  -پىلانتلار ئەنە  شۇ قارا ئۆڭكۈر تەرەپنى  مەركەز  قىلىپ ئاستا-ئاستا قاينامسىمان ھالەتتە ئايلىنىپ كىتىۋاتقاندەك  قىلىدۇ....

ھەمىسى ھەممىمىز

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8548
يازما سانى: 574
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7025
تۆھپە نۇمۇرى: 406
توردا: 1573 سائەت
تىزىم: 2010-8-30
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-22 10:23:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bilimxumar يوللىغان ۋاقتى  2013-6-22 12:46 PM
مەن بەزىدە ۋەتەندە يېڭى ئۇچۇرلارنىڭ شۇنچە كەم بولغىن ...

مەنمۇ بەزىدە ئۆزۈمنىڭ بەكلا بوشاڭلىقىدىن ئەپسۇسلانسام، بەزىدە سىزگە ئوخشاش بىز ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان شەخىسلىرىمىزدىن شۇنداق پەخىرلىنىمەن ۋە سىلەردىن ئۆلگە ئېلىشقا تىرىشىمەن، سىزنىڭ مەدەت بەرگىنىڭىزگە رەھمەت، سىز يوللىغان بىر قىسىم NASAخەۋەرلىرى بەلكىم خەلىقئارادا ناسادىن كېيىنلا بىزگە يېتىپ كېلىدۇ دەپ ئويلايمەن، ئۇچۇر سۈرئىتىنىڭ تېزلىكى بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ۋەكىللىك قىلالايدۇ دەپ قارايمەن، شۇ ئۇچۇرلار بىلەن بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىز ئۈچۈن قىلغان ئەجرىڭىز ئۈچۈن ھەممىمىز تەشەككۈر بىلدۈرىمىز.....

تېڭىرقىمايمەن دوستلار تىلەيمەن ئالىي تىلەكلەرنى، چۈشۈرمەيمەن ھەقىقەتكە دەپ تۈرگەن گاڭ بىلەكلەرنى.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش