دولان بىلەن كۈسەننى بىر يەرگە قويغىنىغا ھەيرانمەن،دولان بىلەن نىمە مۇناسىۋىتى؟ ياكى مېنىڭ ئۇيغۇر رايونلىرىغا بولغان جۇغراپىيەلىك بىلىمىم كەمچىلمۇ-يە؟! پلاكاتلاردا ئۇيغۇرچە يوقلىقى ئازدەك، تېما ئىگىسىنىڭ ئىملا خاتالىقى ھەم بەكمۇ بىئارام قىلدى.
يېڭىچە خېرىدار توپلاپ يەرلىك GDP ئاشۇرۇش تەدبىلىرى قالتىس بولۇۋاتقاندەك، مەيلى ماددى مەنپەئەت جەھەتتىن بولسۇن ۋەياكى ئىدىئولوگىيەۋىي تەشۋىقات جەھەتلىرىدىن بولسۇن.
ئەمما بۇنىڭ يەرلىك خەلق ئاممىسىغا، يەنى «يەرلىك ھەر مىللەت ئاممىسىغا» چىن ياردىمى كۆزگە كۆرۈنەرلىك بولسا قوللىغۇلۇق.پۇرسەتپەرەسلىك قىلىپ، مۇھىتنى بۇلغاپ، ئەخلەتلىرىنى تاشلاپ، يانچۇقلىرىنى تولدۇرۇپ ماكانلىرىغا كەتكۈدەك بولسا، قايتا ئويلاشقۇلۇق.