piyaz يوللىغان ۋاقتى 2013-6-23 02:27 AM
ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ يېڭى خىزمەتكە چىققاندا دىققەت قىلىدى ...
1. ئوقۇتقۇچىلار يېڭى خىزمەتكە چىققاندا يۈرۈش، تۇرۇشىغا، گەپ سۆزگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك. بۇرۇنقى ئالىي مەكتەپ ھاياتى ئاخىرلىشىپ يېڭى بىر تۇرمۇشنىڭ باشلانغانلىقىنى ھەرۋاقىت ئېسىدىن چىقارماسلىقى كېرەك. بۇرۇن ئوقۇغۇچى ۋاقتىمىزدا پادىچى ئىشتان، كۇساركۇ لارنى كىيىشىپ، ساپا ئاياغلارنى كېيىشىپ يۈرۈشكەن بولساق، ئەمدى خىزمەت ئورنىمىزدا يارىشىملىق، سالاپەتلىك كېيىملەرنى كېيىشىمىز كېرەك. ئۈلۈشكۈن ناھىيەمىزدىكى مىللىي، خەنزۇ بىرلەشكەن مەكتەپكە خىزمەت تەكشۈرۈشكە باردىم، مەكتەپ مۇدىرى(خەنزۇ) يېڭىدىن تەقسىم قىلىنغان ئوقۇتقۇچىلار ئۈستىدىن شىكايەت قىلدى: ئۇلار ئوقۇغۇچىلار بار يەردىمۇ بىر بىرسى بىلەن قوپال چاقچاقلىشىدۇ، قوللىرىنى قايرىشىپ، يىقىتىشىپ ئوينايدۇ، ئەتتىگەندە ئىشقا كېلىپلا ئىشخانىدا نەرسە يېيىشىدۇ، گىرىم قىلىشىدۇ. بۇنداق قىلما دېسەم «كۆنۈپ قاپتىكەنمىز» دىيىشىدۇ... دەپ قاقشاپ كەتتى.
2. مەكتەپ بىرەر ئىشنى ئورۇنلاشتۇرماقچى بولوپ «قىلالامسەن» دېسە، قىلالمايدىغان تەقدىردىمۇ «قىلالايمەن» دېيىش كېرەك. چۈنكى بىزگە ئورۇنلاشتۇرماقچى بولغان شۇ ئىش ئۆزىمىزنىڭ قابىليىتىنى نامايەن قىلىشقا مەيدان ھازىرلاپ بېرىشى مۇمكىن. قىلالماي قالساقمۇ، ھېچ قىسى يوق، باشقىلاردىن سوراپ يۈرۈپ، بار ئامال بىلەن ئورۇنلىغان ياخشى. مەن ئىشقا چۈشكەن تۇنجى كۈنى مەكتەپنىڭ سېكىرتارى مەندىن: « ھۆججەتنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلالامسىز؟ كومپىيۇتىردا مەشغۇلات قىلالامسىز؟(ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە يېزىقلارنى بىر تەرەپ قىلىشتىنلا ئىبارەت)» دەپ سورىغاندا مەن قىلچە ئىككىلەنمەي «قىلالايمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن. كېيىن بۇ ئىشلار مېنىڭ نۇرمال خىزمەت مىقدارىمنى ئاشۇرىۋەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۆزۈمنىڭ ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشۈمگە ، كۆزگە كۆرۈنۈشۈمگە پۇختا ئاساس سالغان. ئەمما، مەكتەپتە ھەممە ئادەم «پالانى ئىشنى قىلىۋىتىڭە» دېسە ماقۇل دەۋرىشتىن ساقلىنىش كېرەك. چۈنكى ھەرقانداق مەكتەپتە ھەرقانداق كىشىنىڭ، بولوپمۇ ئوتتۇرا قاتلام باشقۇرغۇچىلارنىڭ «يېڭى سويما» نىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ باققۇسى كېلىدۇ. ئىشنىڭ مۇھىم(مەكتەپنىڭ ئۇمۇمى ئىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان)، ياكى ئادەتتىكىچە (ئۆزىنىڭ قابىليەتسىزلىكى تۈپەيلىدىن سۆرۈلۈپ قالغان ئىشلىرىنى يۈرۈشتۈرىۋىلىش مەقسىتىدىكى ئىشلار) ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرۈپ، بىجىرگەن ياخشى. چۈنكى مەنمۇ بۇرۇن كىم ئىشقا بۇيرىسا ماقۇل دەپ چېپىپ يۈردۈم، ئاخىرىدا خېلى زىيان تارتتىم.
3. باشقا خىزمەتداشلارغا قىزغىن مۇئامىلە قىلىش، يولىدا باردى كەلدى قىلىش، باشقىلارنىڭ بىر ئارتۇقچىلىقىنى بايقىغان ھامان ئۆگىنىۋىلىش، باشقىلاردىن تەلىم ئېلىشقا ماھىر بولۇش كېرەك. باشقىلار دەرسلىك توغرىسىدا بىرنەرسە سورىغاندا چامىسىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىشى كېرەك. چۈنكى بۇرۇن خىزمەتكە چىققانلارنىڭ نەزىرىدە يېڭى ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ساپاسى، بىلىم قۇرۇلمىسى ئۆزىنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ دەپ قارايدۇ. شۇڭا، ئۆزىمىزنى چوڭ تۇتۇۋىلىش، گىدىيىۋىلىشتىن ساقلىنىشىمىز كېرەك.
4. ياشلارغا خاس جۇشقۇنلۇق بولۇشى كېرەك. سۆرەلمىلىكتىن، ئەزمىلىكتىن ساقلىنىش كېرەك. ۋاقىتقا ئالاھىدە رىئايە قىلىش كېرەك. ۋاقىتقا رىئايە قىلمايدىغانلارنى ھېچكىم ياقتۇرمايدۇ.
بۇ مېنىڭ خىزمەت داۋامىدا يەكۈنلىگەنلىرىم، تولۇق يېزىشقا ئىمكانىيەت بولماي قالدى.