مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: tohotur

ئۇيغۇرلارنىڭ كىتاپتىن ئېرىشىدىغىنى 0 ئەمەس [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57007
يازما سانى: 2888
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9557
تۆھپە نۇمۇرى: 1148
توردا: 874 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-24 02:59:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا دەيسىز، بۇ يەر ئامېرىكا ئەمەس، كىتاپ ئوقۇشنىڭ شۇ زامات نەتىجىسىنى كۆرىدىغان...
تېمىدا كىتاپ ئوقۇشنىڭ پايدىسىنى ياخشى تەسۋىرلەپ يېزىپسىز.
يەنى كۆپ كىتاپ ئوقۇشتىن قالىدىغان تەسىراتلارنىڭ، ئاخىرىدا ئادەم ئېڭىدىكى بىررەتلىنىش بولىدىغانلىقىنى ياخشى ئىپادىلەپ بېرىپسىز.
كىتاپ ئوقۇش بىلەن ئەتراپىمىزغا قاراپ تەپەككۈر قىلىشنى بىرلەشتۈرسەك، ھەرقانداق ئىشتا كۆزىمىز روشەن بولدۇ دەپمۇ يېزىلغان كىتاپتا.

ئاسماندىن ھۆرلۈك يامغۇرى ياغسا، قۇللۇققا كۆنگەنلەر كۈنلۈكنى ئاچىدۇ....... ئىسىت!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82221
يازما سانى: 318
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 23072
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 612 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-24 03:44:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سالام توھوتۇر ئۇكام،

مەن مەزكۇر يازمىڭىزنى تەپسەلىي ئوقۇپ چىقتىم.  مېنىڭ يازغىنىم ھەققىدە قىلغان ياخشى سۆزلىرىڭىز ئۈچۈن سىزگە كۆپتىن-كۆپ رەخمەت.

ئەمما، مېنىڭ سىزگە ئازراق تەكلىبىم ۋە تەلىپىممۇ بار:  سىز بۇ يەردە مېنىڭ يازغىنىمدىن بىر جۈملە سۆزنى ئەمەس، بىر ئابزاس يازمىنى نەقىل كەلتۈرگەن بولسىڭىز، سەل ياخشىراق بولاتتى.  بەزى سۆزلەر ئۆزىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى چۈشەندۈرۈشلەردىن ئايرىلسا، ئۇ باشقا مەنىنى بىلدۈرۈپ قويىدۇ.  «ئۇيغۇرلار كىتاپنى كۆپ ئوقۇپ ئامېرىكىلىقلار ئېرىشكەن ئۈنۈمىنىڭ 50% ئەمەس 10% گىمۇ ئېرىشەلمەسلىگىمۇ مۇمكىن ، لېكىن ئۇيغۇرلار ئېرىشىدىغان ئۈنۈم چوقۇم نۆل بولمايدۇ.»  مەنىڭ بۇ يەردە كۆزدە تۇتقۇنۇم، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئامېرىكىلىقلاردەك ئوقۇغىنىنى ئىشلىتىش، ئۆزىنىڭ يۇشۇرۇن كۈچىنى ۋە بارلىق بىلىم-قابىلىيەتلىرىنى تولۇق ئىشقا سېلىش پۇرسىتىنىڭ يوقلىقى.  شۇنداق بولسىمۇ، كىتاپ ئوقۇشنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يەنىلا پايدىلىق ئىكەنلىكى.  مەن بۇ يەردە ھەرگىزمۇ ئۇيغۇرلار ئامېرىكىلىقلاردەك ئەقىللىق ئەمەس، دېگەن بىر ئىدىيىنى ئىلگىرى سۈرمەكچى ئەمەس.  ئەگەر سىز بىر ئابزاسنى نەقىل كەلتۈرگەن بولسىڭىز، يۇقىرىقى ئىشلار ئاشۇ ئابزاسنىڭ ئۆزىدىلا ئايدىڭ بولۇپ كەتكەن بولاتتى.

ئاخىسىرىدا سورايدىغىنىم، سىز بۇ بىر جۈملە سۆزنى قايسى ماقالىدىن ئالغان؟ ئاشۇ ماقالىنىڭ تېمىسى بىلەن مەنبەسىنىمۇ يېزىپ قويسىڭىز. قىزىققان ئوقۇرمەنلەر ئەسلىدىكى ماقالىنى تولۇق ئوقۇپ باققان بولسا.

سىزگە يەنە بىر قېتىم رەخمەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57007
يازما سانى: 2888
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9557
تۆھپە نۇمۇرى: 1148
توردا: 874 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-24 08:48:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bilimxumar يوللىغان ۋاقتى  2013-6-24 03:44 AM
سالام توھوتۇر ئۇكام،

مەن مەزكۇر يازمىڭىزنى تەپسەلىي ئ ...

سىزگىمۇ سالام، بىلىمخۇماركا، كۆپلىگەن تورداشلار دەل سىز تولۇقلاپ دىگەندەك مەزمۇندا چۈشىنەلەيدۇ دەپ ئويلايمەن، چۈنكى مەن شۇنداق چۈشەنگەچكە مەن ئىنكاسىمدا بۇ يەر ئامېرىكا ئەمەس دىگەن سۆزنى قىستۇرغان ئىدىم.
توغرا چۈشۈنۈپ ئوقۇيدىغان كىشىلىرىمىز گەرچە تورغا ئاز كىرسىمۇ، ئىنكاس قاتناشتۇرمىسىمۇ، لېكىن سىرتىدىن كۆرۈپ تۇردۇ دەپ ئويلايمەن.
شۇنىڭدىمۇ سىزنىڭ تولۇقلىما بەرگىنىڭىز ياخشى بولدى، تېخىمۇ كۆپ ئادەملەر بىر ئوقۇپلا چۈشەنگىدەك بوپتۇ.  بۇ ئىشىڭىز ھەممىلا ئىشتا ئىنتايىن ئەستايىدىل ئىكەنلىكىڭىزنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. رەھمەت!
ئاخىرىدا ھەر ۋاقىت ئادەمنىڭ ئىدىيىسىنى ئويغىتىدىغان، ئىلگىرلەشكە دەۋەت قىلىدىغان ئىلغار تېمىلىرىڭىزنى داۋاملىق كۆرۈپ تۇرۇشنى خالايمىز! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nazigul8 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-24 08:54 AM  


ئاسماندىن ھۆرلۈك يامغۇرى ياغسا، قۇللۇققا كۆنگەنلەر كۈنلۈكنى ئاچىدۇ....... ئىسىت!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17391
يازما سانى: 278
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7538
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 82 سائەت
تىزىم: 2010-11-13
ئاخىرقى: 2013-8-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-24 09:10:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bax يوللىغان ۋاقتى  2013-6-23 06:52 PM
ئۇيغۇرلار بىلەن ئامرىكىلىقلارنىڭ كىتابتىن ئالىدى ...

بولدى ئەپەندىم! نەتىجىسىنىڭ چوقۇم نۆل بولمايدىغانلىقىنى بىلسىڭىزلا بولىدى بۇ يەردە.
تالاش-تارتىش پىلتىسىگە  ئوت ياقماڭ!

دەرەخ ھەر قانچە ئېگىز بولسىمۇ يوپۇرمىقى ھامان يەرگە چۈشىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93747
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 227
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 37 سائەت
تىزىم: 2013-3-22
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-24 11:28:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     دەرھەقىقەت .كىتاپ  ئادەمگە مەنىۋې ئوزۇق .مەنمۇھەر كۇنى دىگۇدەك ۋاقىت چىقىرىپ  ئۆزەمگە پايدىلىق دەپ قارىغان كىتاپتىن  ئاز ئازدىن ئوقۇپ تۇرىمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86718
يازما سانى: 163
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 817
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 200 سائەت
تىزىم: 2012-11-2
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-24 12:01:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇڭا مەنمۇ خەلقىمىزنىڭ كىتاب ئوقۇش پورسىتىنى كەڭرەك قىلاي دەپ ئۆز چىقىمىم بىلەن بىر كۈتۈپخانا ئېچىشقا ئىزدىنىۋاتىمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36126
يازما سانى: 178
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 5151
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 1695 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-24 12:35:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bilimxumar يوللىغان ۋاقتى  2013-6-24 03:44 AM
سالام توھوتۇر ئۇكام،

مەن مەزكۇر يازمىڭىزنى تەپسەلىي ئ ...

سالام بىلىمخۇمار ، مەنمۇ تېمىلىرىڭىزنى كۆرۇپ تۇرۇۋاتىمەن ، بۇ ئىنكاسىڭىزدىكى توھوتۇر ئەمەس ، بەلكى توخوتۇر . بۇ قۇمۇلدىكى 72 تۇرنىڭ بىرىنىڭ ئىسمى . كەچۇرۇڭ ئاتىكاچىلىق قىلىپ قويدۇم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58324
يازما سانى: 292
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3791
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 380 سائەت
تىزىم: 2011-9-28
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-24 06:14:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەلۋەتتە كۆپ ئۇقۇغاننىڭ زىينى يوق مەنمۇ بىكار بولسام كىتاپ كۈرۈپ قۇيىمەن

ئىككى ئادەم بىلگەن ئىش مەخپىيەتلىك بولمايدۇ..........بۇ ھايات پەقەتلا بىر كۈن ئۇ بولسىمۇ دەل بۈگۈن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72962
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3178
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 86 سائەت
تىزىم: 2012-1-11
ئاخىرقى: 2013-7-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-24 09:37:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سالام توختور بۇرادەر،باغداش ئىچىلمىغان بۇ كۈنلەردە سىزنى بۇ مۇنبەردە ئۇچىرتىش كۆڭلۈمنى شاد قىلدى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88541
يازما سانى: 115
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 419
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 44 سائەت
تىزىم: 2012-12-14
ئاخىرقى: 2013-8-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-24 11:36:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ساراڭغا سوت يوق،ئىشەك ھارىۋىسىدا خوت يوق
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش