مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: uyol

ئۇيغۇر ئوغلى: ئەركەك دېگەن شۇنداق بولسا.... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87293
يازما سانى: 329
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 689
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 200 سائەت
تىزىم: 2012-11-16
ئاخىرقى: 2013-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-26 07:56:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرىنى تىزرەك يىزىڭ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 1729
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12775
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 677 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2013-9-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-26 11:43:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق قىلىپ ئۈچ كۈنلۈك جاپالىق يول ئازابىنى ئاياغلاشتۇرۇپ،ئانا يۇرتۇم گۈزەل شىنجاڭغا يېنىپ كىلىۋالدىم. مىرزات مەندىن بىر كۈن بۇرۇن چۈشكەن ئىكەن. مەن ئادەتتە ئۆيگە ماڭىدىغان ۋاقىتتا داۋاملىق ئايزۆھرەنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدىن ئۆتەتتىم. بۈگۈن دەل ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كىتۋىتىپ،دەرۋازا ئالدىدىكى مىرزات بىلەن ئايزۆھرە كۈزۈم چۈشۈپ قالدى. كۈزۈمگە ئىشەنمەي قالدىم. مەن ئاڭلىغان ئىشلار ئەمدى راسقا ئايلىنىپ قالدى. مىرزاتتىن راسلا رەنجىدىم. ئۇ زادى نىمىشقا مېنى ئالدايدۇ؟ نىمىشقا ماڭا ئىشەنمەيدۇ؟  .....شۇ خىياللار بىلەن دەرھال ئۆيگە كىرىپ كەتتىم. ئاتا-ئانامنى بىر يىل كۆرمىگەچكە،كۈزۈمدىن ئىختىيارسىز ياش تۈكۈلمەكتە ئىدى. ئاتا ئانام بىلەن كۈرۈشۈپ،شۇنداق خۇشال مۇڭدىشىپ،سائەتنىڭ 12 بولغانلىقىنىمۇ تۇيماپتىمەن. شۇنداق قىلىپ ئۇخلاپ قالدىم. ئەتىسى ئەمدى بامداتنى ئۇقۇپ بۇلۇپ تۇرسام دوستۇم مىرزاتتىن تېلغۇن كېلىپ قالدى. ئۇ بۈگۈن كۈرۈش تەكلىپىنى دېدى. مەن ئۇنى بەكلا سېغىنغاچقا دەرھاللا ماقۇل بولدۇم. ئەتىسى كۈرۈشتۇق. ئۇ چوپچوڭلا بىر يىگىت بۇلۇپ قالغانىدى. ئۇنىڭ بىلەن شۇنداق خۇشال پاراڭلاشتۇق. مەن قەتئىي نىيەت بىلەن ئۇنىڭدىن مەن ئۇزۇندىن بىرى ھەيران بۇلۇپ كىلىۋاتقان ھېلىقى ئىشنى سورىدۇم. ئۇ بىردەم تورىۋىتىپ،ھەئە دەپ جاۋاب بەردى. جايىمدا قېتىپ قالدىم.ھەمدە ھەيرانلىق بىلەن سەن راسلا كور بۇلۇپ قالدىڭمۇ؟ سەن ئۇنىڭ ئۆتمۈشىنى بىلەرسەن؟ ......راسلا ئاچچىقىم كىلىپ ئۇنىڭغا سال قايناپ قالدىم.
ئۇ تەمتىرىمەي ئاداش،مەن كور بۇلۇپ قالمىدىم،سەن ئاۋال مېنىڭ گىپىمنى ئاڭلا. سېنىڭ خاتا چۈشىندىغانلىقىڭنى بىلەتتىم. بىلسەڭ مەن ئۇنى ئۆزگەرىتتىم. ئۇ ھازىر بۇرۇنقىدەك ئەمەس. قاراپ باق ئۇ ھازىر ھەقىقىي بىر ئۇيغۇر قىزىغا ئوخشىدى. مەن ئۇنىڭغا ناماز ئۇقۇشنى،كۆڭلەك كىيىشنى،شەرمىي ھايالىق بۇلۇشنى ئۆگەتتىم. ئۇ ئۆزگەردى، بۇرۇنقى شوھلىقىنى تاشلىدى. ئاداش ئويلاپ باق مەن كور مىكەنمەن،سەن يەنىلا مېنى خاتا چۈشىنەمسەن؟
  ئۇنىڭ سۆزلىرى مېنى راسلا تەسىرلەندۇردى. مەن بۈگۈن ھەقىقىي ئەركەكنى كۆرگەندەك بولدۇم.ئەركەك دېگەن مۇنداق بۇلىشى كېرەك. ئەركەك دېگەن قىزلارنى ئالداپ،قىيناپ يۈرمەي ئۇلارغا ئىگە بۇلىشى ئۇلارنى قوغدىشى،ئۇلارغا ھەقناھەقىنى ئۆگىتىشى كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندىلا ئۇ ئەركەك بولالايدۇ.


                                                       تۈگىدى.

مەنبە؛ قەلىمىم

2013-6-26


ھەر داۋام ھەر ئىشنى پەم بىلەن باشلا،
ھاۋايۇ-ھەۋەسنى سەن چۆرۈپ تاشلا،
بولمىسا قالىسەن بىر پۇشايماندا،
تۆكىلەر ئۇ چاغدا كۈزۈڭدىن ياشلا.

                                         _ ئۇيغۇر ئوغلى
http://www.hakaniye.com/forum.php

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89563
يازما سانى: 595
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4051
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 132 سائەت
تىزىم: 2013-1-4
ئاخىرقى: 2013-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-28 07:07:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەركەك دېگەن شۇنداق بولسا

كۆڭلۈمدىكى ئارزۇنىلا ماۋزۇ قىپسىزيا    چاقچاق

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش